تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئۈنۈم ياراتتى

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ يوڭفېي

  ‹‹دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن <1 – ئاۋغۇست> پولات – تۆمۈر شىركىتى بۈگۈنكى كۈندە يەنە جۇڭگو كاپىتال بازىرىنىڭ چوڭ دولقۇنىغا يېتىشىۋالدى. بۇ، ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە كونا دۆلەت كارخانىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم تۈپتىن ئۆزگىرىپ، مەھسۇلات تىجارىتىدىن كاپىتال باشقۇرۇشقىچە بولغان زور ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دەۋرنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يەنە بىر قېتىم ئاتلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ››. بۇ، 2002 – يىلى 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنىدىكى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››گە بېسىلغان ‹‹<1 – ئاۋغۇست> پولات – تۆمۈر شىركىتى جۇڭگو كاپىتال دولقۇنىغا كىردى›› دېگەن تەپسىلىي خەۋەردىكى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان سۆزلەر ئىدى. پېيى بازارغا سېلىنىش، بۇ شىنجاڭدا يېتىلىپ زورايغان باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ 21 – ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىنكى ‹‹ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش›› تەپەككۇرى ئارقىلىق، تەرەققىيات قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىدىكى بىر قېتىملىق ئاچقۇچلۇق سىنىقى.

  ئەمەلىيەتتە، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىنىڭ تارىخىنى ئەسلەيدىغان بولساق، ھەر قېتىملىق بۆسۈش ۋە ھالقىشنىڭ ھەممىسى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە ئۈنۈم يارىتىشتىن بولدى.

    1958– يىلىدىن تاكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلۇشقىچە، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى ئېگىز – پەس بولۇپ، بىر ئىزدا توختاپ قالغانىدى. 1989 – يىلى 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنىدىكى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››گە بېسىلغان ‹‹سانائەت كارخانىلىرىدا ئىسلاھات يولغا قويۇلغان ئون يىل ئىچىدە قانداق زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى؟ بۈگۈنكى <1 – ئاۋغۇست> پولات – تۆمۈر شىركىتىگە قاراڭ›› دېگەن خەۋەردە مۇنداق يېزىلغان: ‹‹<1 – ئاۋغۇست> پولات – تۆمۈر شىركىتى ئىلگىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامى چىققان ئەڭ كۆپ زىيان تارتقان كارخانا بولۇپ، 1979 – يىلىدىن ئىلگىرىكى زىيان تارتىش تارىخىدا جەمئىي 110 مىليون يۈەن ساپ زىيان تارتقان، دەپ ئېنىق يېزىلغان››.

  يول قەيەردە؟ پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن باشلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلى جۇڭگو زېمىنىنى قاپلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى دومىلىما تەرەققىي قىلىش، ياخشى ئايلىنىش يولىغا ماڭدى. 

     1985 – يىلى ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى سېلىنما – ھاسىلات ئومۇمىي ھۆددىگەرلىك تۈزۈمىنى يولغا قويدى. باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى شياۋ گودۇڭ: بۇ، پىلانلىق ئىگىلىكتىن بازار ئىگىلىكىگە ئۆتۈشتىكى ئۆتكۈنچى جەريان بولۇپ، كارخانىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كارخانىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، دېدى. بۇ سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى 1988 – يىلى دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ 500 سانائەت كارخانىسى قاتارىغا كىردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئون يىللىق نەتىجىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، ‹‹سانائەت كارخانىلىرىدا ئىسلاھات يولغا قويۇلغان ئون يىل ئىچىدە قانداق زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى؟ بۈگۈنكى <1 – ئاۋغۇست> پولات – تۆمۈر شىركىتىگە قاراڭ›› دېگەن خەۋەردە مۇنداق يېزىلغان: ‹‹ئىسلاھات بەئەينى <ئۆستۈرۈش خۇرۇجى>غا ئوخشاش، شىنجاڭ <1 – ئاۋغۇست> پولات – تۆمۈر باش زاۋۇتىدىن ئىبارەت كونا كارخانىنى بىردىنلا ئادەتتىن تاشقىرى كېڭەيتتى: بۈگۈنكى <1 – ئاۋغۇست> پولات – تۆمۈر شىركىتى ئون يىل ئىلگىرىكى ئۈچ <1 – ئاۋغۇست> پولات – تۆمۈر شىركىتىگە تەڭ كېلىدۇ. مەھسۇلات مىقدارى بىلەن سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى ئوتتۇرىچە 1978 – يىلىدىكىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن كۆپ بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا تىپتىكى پولات – تۆمۈر بىرلەشمە كارخانىسى قاتارىغا قەدەم قويۇش ئارزۇسى ئىشقا ئاشۇرۇلدى››.

  ھالبۇكى، ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى. 1993 – يىلى، ئاپتونوم رايون مالىيەسىدە قىيىنچىلىق كۆرۈلۈپ، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىگە قارىتىلغان پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، بۇنىڭ بىلەن ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى قايتا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. قىيىنچىلىق ئالدىدا، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى كوللېكتىپى كارخانىنىڭ تەرەققىيات تەپەككۇرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتتى: كونا سىستېمىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ، يېڭى سىستېمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى پىلانلىدى. ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى ئەينى چاغدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار كىچىك تىپتىكى تاياقسىمان پىروكاتلاش ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە 70 توننىلىق ئۇلترا يۇقىرى قۇۋۋەتلىك تۇراقلىق توكلۇق ئېلېكتىر يايىلىق پېچ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزدى. ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئومۇمىي جابدۇق سەۋىيەسى ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن مەملىكەت ئىچىدە ئىلغارلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. 1998 – يىلى ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى مۇددەتتىن ئىككى يىل بۇرۇن 1 مىليون توننا پولات ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شۇ يىلى 168 مىليون يۈەنلىك پايدا – باج يارىتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە پايدا – باجنى كۆپ تاپشۇرغان كارخانىغا ئايلاندى.

  كارخانىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى 2000 – يىلى 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شىنجاڭ ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر پاي چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، ‹‹مۈلۈك ھوقۇقى روشەن، ھوقۇق – جاۋابكارلىقى ئېنىق، مەمۇرىيەت بىلەن كارخانا ئايرىلغان، باشقۇرۇش ئىلمىي بولغان›› زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى ئورناتتى. 2000 – يىلى 8 – ئاينىڭ 2 – كۈنىدىكى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››گە ‹‹شىنجاڭ <1 – ئاۋغۇست> پولات – تۆمۈر پاي چەكلىك شىركىتى ۋىۋىسكىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى›› دېگەن خەۋەر بېسىلدى. زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايلىنىشى نەتىجىسىدە، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى يەنە بىر قېتىم ياشلىق باھارىنى نامايان قىلدى. 2002 – يىلى 8 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىنىڭ پېيى شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بازارغا سېلىندى. شۇ يىلى، شىنجاڭ ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر پاي چەكلىك شىركىتى كاپىتال بازىرىدا 900 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ توپلاپ، تەرەققىياتتىكى مەبلەغ قىسلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››گە بېسىلغان ‹‹<1 – ئاۋغۇست> پولات – تۆمۈر شىركىتى جۇڭگونىڭ كاپىتال دولقۇنىغا قەدەم قويدى›› دېگەن تەپسىلىي خەۋەردە مۇنداق يېزىلغان: ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىنىڭ پاي چېكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بازارغا سېلىنىشى، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىگە يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كارخانا يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويغۇسى.

  2004 – يىلى، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىنىڭ پولات تاختا قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ پولات تاختا ئىشلەپچىقىرالماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. 2006 – يىلى، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىنىڭ سېتىش كىرىمى 10 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 1 مىليارد 100 مىليون يۈەن باج تاپشۇرۇپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى سېتىش كىرىمى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشقان كارخانىغا ئايلاندى.

  2007 – يىلى 4 – ئايدا، پاي چېكى بازارغا سېلىنغان ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى يەنە بىر قېتىملىق مۇھىم، زور تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگونىڭ پولات – تۆمۈر ئاۋىياماتكىسى دەپ قارالغان باۋگاڭ گۇرۇھى 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ كۆپەيتىپ، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىنى قايتا تەشكىللىدى، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى باۋگاڭ گۇرۇھىنىڭ پېيى كونترول قىلىنىدىغان بالا شىركىتىگە ئايلاندى. 2007 – يىلى 1 – ئاينىڭ 17 – كۈنىدىكى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››گە بېسىلغان ‹‹باۋگاڭ گۇرۇھى 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ كۆپەيتىپ، <1 – ئاۋغۇست> پولات – تۆمۈر شىركىتىنى قايتا تەشكىللىدى›› دېگەن خەۋەردە مۇنداق يېزىلغان: باۋگاڭ گۇرۇھى 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ كۆپەيتىپ، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر گۇرۇھىنى قايتا تەشكىللەش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ شەرقى، غەربى قىسمىدا پولات – تۆمۈر كەسپىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى رەسمىي باۋگاڭ گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدىكى بىر قىسمىغا ئايلاندى.

  شياۋ گودۇڭ باۋگاڭ گۇرۇھىنىڭ ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىنى قايتا تەشكىللىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىشلارنى ئەسلەپ: باۋگاڭ گۇرۇھى دۆلىتىمىزنىڭ پولات تاختا ئىشلەپچىقىرىشىدىكى باشلامچى كارخانا، باۋگاڭ گۇرۇھى ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىنى قايتا تەشكىللىگەندىن كېيىن، باۋگاڭ گۇرۇھى ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا، بازار ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىزنى ھەر تەرەپلىمە قوللاپ، بىزنىڭ مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشىمىزنى تېز ئەمەلگە ئاشۇردى، دېدى. باۋگاڭ گۇرۇھىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى تەرەققىيات تېز رىتىمىغا قەدەم قويدى، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىنىڭ باش ئىشتابىنىڭ پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2006 – يىلىدىكى 3 مىليون 600 مىڭ توننىدىن، تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى 8 مىليون توننىغا يېقىنلاشتى.

  2014 – يىلىدىن بۇيان، پولات – تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى ھەل قىلىش چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە شىنجاڭ پولات – تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئوشۇق بولۇشتەك بازار ۋەزىيىتىدە، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى يەنە بىر قېتىم پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، شياۋ گودۇڭ: ئەڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغان ۋاقىتتا، ھەر توننا پولات ماتېرىيالنىڭ پايدىسى پەقەت .6 1يۈەن بولۇپ، باش ئىشتابنىڭ 8 مىليون توننىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ پەقەت تۆتتىن بىرىلا ئىش باشلىيالايتتى، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى ھايات – ماماتلىق سىناققا دۇچ كەلدى، دېدى. كەسكىن خىرىس ئالدىدا، ئاپتونوم رايون ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىنى ئالاھىدە يۆلەيدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويدى، باۋگاڭ گۇرۇھى ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىنى مەبلەغ جەھەتتە قوللىدى، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كارخانىنىڭ ئىچكى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قوش چاقلىق قوزغىتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇردى.

  پولات – تۆمۈر ئاساسىي كەسپى جەھەتتە، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، بازارنى يېتەكچى قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تاختا شەكىللىك ماتېرىياللار، قېلىپلاشقان ماتېرىياللار قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، مەھسۇلاتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىشنى پائال ئالغا سىلجىتتى. 2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 22 – كۈنىدىكى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››گە بېسىلغان ‹‹تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، يېڭى نەتىجىلەر بولۇشى كېرەك›› دېگەن خەۋەردە مۇنداق يېزىلغان: شياۋ گودۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھۆكۈمەت يولغا قويغان سىياسەت ۋە مېخانىزملارنىڭ بارلىق كارخانىلار ئۈچۈن بەرگەن پۇرسىتى باراۋەر، ئاچقۇچلۇقى كارخانىلار تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشقا ماھىر بولۇشى، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشىشى كېرەك.

  كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتتا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ۋە ئۆز ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى كەسىپ شەھەرچىسى ئورتاق يۇغۇرما بۆلىكى، خەلقئارا قۇرۇلۇش بۆلىكى، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە – ساياھەت بۆلىكى، سانائەت تىرانسپورت تىجارىتى، يېشىل يەر – مۈلۈك، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ئالتە چوڭ كەسىپ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇردى. شياۋ گودۇڭ مۇنداق دېدى: خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى سودىسىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۈچ يىل ئىلگىرى بىزنىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى سودىمىز 1 مىليارد يۈەنلا ئىدى، بۇ يىل 1 – ئايدىن 7 – ئايغىچە 2مىليارد 300مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىل ئاخىرىدا 5مىليارد يۈەنلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرىمىز، 2020 – يىلىغا بارغاندا 10مىليارد يۈەنلىك نىشانغا يېتىپ، ھەر يىلى بىر قاتلاشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

  2017 – يىلى، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتى ئۈچ يىل ئۇدا زىيان تارتىشتەك ۋەزىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پايدا ئومۇمىي سوممىسىنى 1مىليارد 20مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، 2018 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پايدا ئومۇمىي سوممىسىنى 364مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى، شياۋ گودۇڭ مۇنداق دېدى: كۆپ مەنبەلىك كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ھەم پولات – تۆمۈر ئاساسىي كەسپىنى ئىخچاملاشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، ھەم ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىنىڭ خېيىم – خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىر ئىشتىن كۆپ ئۈنۈمگە ئىگە بولدۇق.

  شياۋ گودۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر شىركىتىنىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات، تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، تەرەققىيات مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئاخىرلاشمايدۇ. ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كارخانىلار چوقۇم بازار يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلىگەندىلا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى