تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىر بەلباغ بىر يول

شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا نېمىگە تايىنىمىز ؟

گۈلشەن ئىسلام

   يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بولۇپ، بۇ تەدبىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئۇلۇغ قۇرۇلۇشتۇر. ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› ياۋروپا – ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى18 دۆلەتكە تۇتاشقان بولۇپ، دۇنيادا ئىقتىسادىي كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور بولغان ئىقتىساد كارىدورى. شىنجاڭ يىپەك يولىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن تۆۋەندىكى بىر قانچە خىزمەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر:

    بىرىنچى، ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كۆز قاراشنى يېڭىلىشى لازىم. شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› دىكى مۇھىم تۈگۈن. دۆلەتنىڭ شىنجاڭنى ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون›› قىلىپ بەلگىلىشى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى تارىخىي خاراكتېرلىك پۇرسەت. بىز يۈكسەك سىياسىي سەزگۈرلۈك، كۈچلۈك پۇرسەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن كونكرېت تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››دىكى كۆۋرۈكلۈك، ئاساسىي قوشۇنلۇق، باشلامچىلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كۆز قاراشنى يېڭىلاشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم. ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› قۇرۇشتىن ئىبارەت يېڭى تارىخىي شارائىتتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، قاتماللىقتىن، بىر ئىزدا توختاپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى، تەرەققىياتنىڭ زور يوشۇرۇن كۈچىنى، زىممىمىزدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئېنىق تونۇپ، قاراشنى يېڭىلاپ، كۈچلۈك رىقابەت ئېڭى، پۇرسەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە، ناچار ئەھۋالنى ئەۋزەللىككە، پاسسىپلىقنى تەشەببۇسكارلىققا ئايلاندۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم.

    ئىككىنچى، ‹‹بەش ئۆتكەل››نى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇزاق مەزگىللىك پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشتا، سىياسەت، يول – تىرانسپورت، سودا، پۇل مۇئامىلە، ئەلرايى قاتارلىق ‹‹بەش ئۆتكەل››نى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ‹‹بەش ئۆتكەل›› ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› قۇرۇلۇشىدا قاراتمىلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەشەببۇسكار بولۇشى لازىم. سىياسىي جەھەتتە، ھەر نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا سودا يەرمەنكىسىنى، ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ئۆرنەك قىلىپ، خەلقئارالىق مۇنبەرلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى دۆلەت رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئىلمىي ئاپپاراتلار، بىلىم ئامبىرى ۋە تاراتقۇلار قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، تەرەققىيات سىياسىتى، رايونلارنى پىلانلاش قاتارلىقلار ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىش ۋە سىياسەت، يېتەكچى ئىدىيە، نۇقتىئىنەزەر جەھەتتە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى رايونلار ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى يارىتىش لازىم. ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى قاتناش – تىرانسپورت تورىنى ياخشى پىلانلاپ، سودا ئوبوروتى ۋە پۇل مۇئامىلە ئوبوروتى قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىپ، رايونلار ئىگىلىكىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ خەلقئارا، مەملىكەت ئىچى ئىقتىسادىي سىستېمىسىغا تېخىمۇ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم؛ شىنجاڭ بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەت، رايونلار ئۆز ئارا ئوخشاشلىق، قان – قېرىنداشلىق، مەدەنىيەت ئالاقىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت – سەنئەتنى ئۆتكۈزۈش شەكلى ئارقىلىق ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلىك بازارلىرىنى ئۆزئارا ئېچىپ، ئالاقە يوللىرىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇش لازىم.

    ئۈچىنچى، دۇنياغا يۈزلىنىپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق جەھەتتىكى چوڭ رايوندىن ئىقتىسادىي جەھەتتىكى كۈچلۈك رايونغا ئايلىنىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر تۈركۈم كارخانىلار ئەتراپتىكى نۇرغۇن دۆلەتتە بىر قاتار زور تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، سانائەت رايونى قۇردى. ئاپتونوم رايونىمىز بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى ئاسىيا–ياۋروپا بازارلىرىغا يۈزلەندۈرۈشكە تىرىشىشى ھەم مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدىغان مۇھىم ئورۇنغا ئايلاندۇرۇشى لازىم.

    زامانىۋى مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك سىياسەت، تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخنىكىلىقى، ئىشقا ئورۇنلىشىشچانلىقى يۇقىرى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى بولغان زامانىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش لازىم.

    تۆتىنچى، مەدەنىيەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. ھازىر نۇرغۇن دۆلەت دىققەت – ئېتىبارىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت بازىرىغا تىكمەكتە. ئاپتونوم رايونىمىز مەدەنىيەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەللەرنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن زور ئوخشاشلىققا ئىگە بولۇپ، مەدەنىيەت جەھەتتە بىر – بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك. شۇڭا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، مەدەنىيەت كەسىپلىرى سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئىچكى – تاشقى بازارنى ئىگىلەپ، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇلازىمىتىنى ئېكسپورت قىلىشقا مەدەت بېرىدىغان سىياسەت – تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىرتقا يۈزلەنگەن مەدەنىيەت كارخانىلىرى بىلەن ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنى يېتىلدۈرۈپ، تاشقى مەدەنىيەت سودىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇلازىمىتىنىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت بازىرىدىكى قانۇنىيىتىنى تولۇق ئىگىلەپ، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇش ۋە سېتىشنى يىپەك يولى مەدەنىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش لازىم.

    (ئاپتور: قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتىيە مەكتىپىدىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى