تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى «ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا»

—— جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمىز

 شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ جىڭ، ليۇ دۇڭلەي

سۈرەتتە: 8-ئاينىڭ 25-كۈنى، قازاقىستانلىق ساياھەتچىلەر جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە مال سېتىۋالماقتا.   

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى
 

ئېچىۋېتىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدىكى ئىزدىنىش (1)

    ئىلاۋە: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭ دولقۇنىدا، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى جەريانىدا، شىنجاڭدىكى پورتلار، ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونلىرى، تاموژنا ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رايونلىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ‹‹ئالدىنقى سەپ بازىسى›› بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياكى ئەڭ ئېتىبارلىق، ئەڭ قولايلىق ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، ياكى ‹‹چىقىرىش، كىرگۈزۈش››نىڭ خېرىدار چاقىرىش نەتىجىسىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى، ۋە ياكى كەسىپلەر توپلىنىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇردى. شىنجاڭ گېزىتى بۈگۈندىن باشلاپ ‹‹ھەيۋەتلىك شەرق دولقۇنى . جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى دەۋر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز›› ئىستونىدا ئېچىۋېتىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدىكى ئىزدىنىشكە ئائىت چاتما خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىپ، ئېچىۋېتىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدىكى روشەن ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا ئىزدىنىپ، مۇخبىرلارنىڭ قەلىمى ئارقىلىق ئۇلۇغ ھەم ھەيۋەتلىك دەۋرنى چۈشەندۈرىدۇ.

———————————————————————————————————————

  9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12دە، سودىگەر لەي جيەنمىڭ جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى كىنىشكا بېجىرىش چوڭ زالىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرغانلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، بۈگۈنكى سودىسىنى باشلىۋەتتى، ئۇ ئون مىنۇتتىلا ئۆزى ياسىغان ماروژنىدىن 12نى سېتىپ بولدى. ‹‹بىر ماروژنى بەش يۈەن بولۇپ، ئاۋات مەزگىلدە كۈنىگە ئاز دېگەندە 200 – 300نى ساتالايمەن›› دېدى لەي جيەنمىڭ.

      كىنىشكا بېجىرىشكە كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرىدىغان ساياھەتچىلەر ئىدى. جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى دۇنيادىكى تۇنجى چېگرا ھالقىغان ئەركىن سودا رايونى، سودىگەرلەر ۋە ساياھەتچىلەر باج كەچۈرۈم قىلىش، باج قايتۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن ئېتىبارلىق سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولالايدۇ. جۇڭگو پۇقرالىرى پەقەت كۈچكە ئىگە كىنىشكىلىرىنى ئېلىپ كىنىشكا بېجىرىش چوڭ زالىغا كېلىپ، چېگرادىن كىرىش-چىقىش يول خېتى بېجىرسىلا بولىدۇ، ۋىزا ھاجەتسىز، 15 سېكۇنتتىلا بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش يولىدىن ئۆتۈپ، ئومۇمىي كۆلىمى 5.28 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ھەمكارلىق مەركىزى رايونىغا كىرەلەيدۇ.


‹‹دۇنيا باغچىسى›› تۈسى

      ‹‹بۇ يىل كىنىشكا بېجىرگەنلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقىدىن روشەن ئاشتى، 7-ئايدىلا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 90 مىڭ ئادەم كۆپەيدى، ئاۋات مەزگىلدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە بېجىرىلگەن چېگرادىن كىرىش-چىقىش يول خېتى 5000 ۋاراقتىن ئاشتى، 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كۈنىگە 6000 نەچچە ۋاراق بېجىرىلدى›› دېدى كىنىشكا بېجىرىش ئورنىنىڭ قوبۇل قىلىش خادىمى جۇ شياۋچى مۇخبىرلارغا.
      دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ پايدىسىدا، قورغاستىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي يىپەك يولىدىكى 1000 يىللىق ئۆتەڭ، 100 يىللىق پورت، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسى بويىدىكى شەھەرلەر ئارىسىدا ئەۋزەللىكىنى كۈنسېرى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنىكىگە ئايلاندى. رۇسىيە، ئۇكرائىنا، گېرمانىيە، قازاقىستان... بارغانسېرى كۆپلىگەن جۇڭگو، چەت ئەل سودىگەرلىرى شەرق – غەربتىن كېلىپ، بۇ جايغا جەم بولۇشتى، كېلىپ-كېتىپ تۇرىدىغان ھەرقايسى دۆلەت پۇقرالىرى بۇ يەردە ‹‹دۇنيا باغچىسى›› تۈسىنى نامايان قىلماقتا.
      قورغاس جۇڭكې خەلقئارا سودا مەركىزىنىڭ 4-قەۋىتىدىكى كارىۋات بۇيۇملىرىنى توپ سېتىش رايونى ئادەم ئېقىم مىقدارى ئەڭ كۆپ رايون، شۇنداقلا روشەن چەت ئەل ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان، چەت ئەللىك سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر ئەڭ مەركەزلەشكەن رايون. قازاقىستان تەرەپتىن كەلگەن ھەر بىر كىشىنىڭ كۈندە پەقەت 1500 ياۋرولۇق باج كەچۈرۈم قىلىنىش نورمىسى بولغاچقا، تېخىمۇ كۆپ تاۋار سېتىۋېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۈچتىن-بەشكىچە توپ بولىدۇ.
      ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىدا، قازاقىستان تەرەپ بىر ئاپتوبۇس توختىتىش بېكىتى تەسىس قىلغان بولۇپ، قازاقىستاننىڭ ئاپتوبۇسلىرى ھەر 15 مىنۇتتا بىر قېتىم قاتناپ، قازاقىستان، رۇسىيە، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن سودىگەرلەرنى توشۇيدۇ. قۇرۇق ئاپتوبۇس كېلىشى بىلەنلا، چوڭ – كىچىك سومكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان سودىگەرلەر بىلەن بىر دەمدىلا توشۇپ كېتىدۇ. قازاقىستان تەرەپ پوچتا تارمىقى جۇڭگو تەرەپ رايونىدا يەنە ئەشيا ئوبوروتى توشۇش نۇقتىسىدىن تۆتنى تەسىس قىلغان بولۇپ، كۆپ مىقداردا مال سېتىۋالغان سودىگەرلەرنىڭ مېلىنى ئەۋەتىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەرگەن.
      قازاقىستان تەرەپ ئەشيا ئوبوروتى توشۇش نۇقتىسىنىڭ مەسئۇلى قانات قادىروۋىچنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كۈنىگە بەش توننىدىن ئالتە توننىغىچە مالنى مال ئوبوروت شىركىتى پوچتا ئارقىلىق قازاقىستانغا يولغا سالىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى توقۇلما بۇيۇملار، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىكەن.


داڭلىق ماركىلار ئارقىلىق ‹‹جەلپ قىلىش››

      ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، باجدىن خالىي دۇكانلار ئەڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە جاي ھېسابلىنىدۇ. ھەمكارلىق مەركىزى ئىچىدىكى جۈفېڭ كورېيە داڭلىق بۇيۇملىرى باجدىن خالىي دۇكىنىدا، خۇنەنلىك ساياھەتچى يى يۇڭخۇڭنىڭ مال سېتىۋېلىش سېۋىتى ئەتىر، يۈز چاپلىقى، يۈز ماي قاتارلىق گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن تولغانىدى. ‹‹مېنىڭ شىنجاڭغا ساياھەتكە بارىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ، بىر دوستۇم ماڭا ھەمكارلىق مەركىزىگە بېرىشنى تەۋسىيە قىلىپ، بۇ جايدىكى باجدىن خالىي دۇكانلاردا مال تۈرلىرىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى، باھادىمۇ خېلىلا ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ نەرسىلەرنىڭ بەزىلىرىنى ئۆزۈمگە سېتىۋالدىم، بەزىلىرىنى دوستلۇرۇمغا ئالغاچ كېتىمەن›› دېدى يى يۇڭخۇڭ.
      ھازىرغا قەدەر، جۇڭميەن گۇرۇھى، شياڭگاڭ گۇاڭخۇي گۇرۇھى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرىپ ئورۇنلاشقان ھەم تىجارەت قىلىۋاتقان باجدىن خالىي دۇكان 75كە يەتكەن بولۇپ، 1000 خىلغا يېقىن تاۋار سېتىلىدىكەن. جۇڭميەن سارىيى قاتارلىق 30دىن ئارتۇق ئومۇمىي سېلىنمىسى 30 مىليارد يۈەن بولغان نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئورۇنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەمكارلىق مەركىزى دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى ئەڭ چوڭ باجدىن خالىي مال سېتىۋېلىش رايونىغا ئايلانغان. ھازىر جۇڭگو تەرەپ رايونىنىڭ ئومۇمىي سودا سوممىسى 20 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ.
      جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ شۆيەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قازاقىستان تەرەپتىن ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرىپ – چىقىدىغان خادىملارنىڭ سانىمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ، ئاۋات مەزگىلدە كۈنىگە ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرىپ – چىقىدىغان ئادەم ئەڭ كۆپ بولغاندا 25 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىدۇ. 2016-يىلى قازاقىستان تەرەپتىن ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرىپ-چىققان ئادەم سانى 671 مىڭ ئادەم (قېتىم) بولۇپ، 2017-يىلى تېز سۈرئەتتە 1 مىليون 130 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە كۆپەيگەن. ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچى، سودىگەرلەر بۇ يەرگە ئۈزۈلمەستىن توپلىشىدۇ، ئۇلارنى جەلپ قىلغىنى جۇڭگونىڭ كۈچلۈك تاۋار تەمىنلەش ئىقتىدارى.
      ۋېنجوۋلۇق سودىگەر ۋاڭ تۇڭۋۇ قازاقىستانلىق سودىگەر جانار سېتىۋالغان ماللارنى ھاۋا چىقىرىش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق چاسا شەكىلگە كەلتۈرۈپ، پىلاستىك ماگنىتلىق لېنتا بىلەن چىڭ ئوراپ بېرىۋاتاتتى. دۇكاندىن ھاۋا چىقىرىش ئۈسكۈنىسىنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ۋە پىلاستىك ماگنىتلىق لېنتىنىڭ ماللارغا ئورىلىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، دۇكان ئالدىدىكى تۆت پىرىتسېپقا لىق مال بېسىلغان بولۇپ، ۋاڭ تۇڭۋۇمۇ چىلىق – چىلىق تەرگە چۆمگەنىدى. ۋاڭ تۇڭۋۇ مۇنداق دېدى: بىز يەشىكلەرنى ئوراشقا ئىشلىتىۋاتقان پىلاستىك ماگنىتلىق لېنتىنىڭ بىر ئورامىنىڭ قېلىنلىقى 2.5 سانتىمېتىر بولۇپ، بەش-ئالتە بولاق مالنى ئوراشقا يېتىدۇ. بىر قاپتا بۇنداق پىلاستىك ماگنىتلىق لېنتىدىن 24 ى بار بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە ئون قاپنى ئىشلىتىپ بولىمىز.
      جانار قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىدىن كەلگەن بولۇپ، كارىۋات بۇيۇملىرى دۇكىنى ئاچىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن قورغاسقا ئايدا بىر قېتىم مال كىرگۈزگىلى كېلىمەن، بۇ يەردىكى تاۋارلارنىڭ سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان بولۇپ، قازاقىستاندا بازىرى ئىتتىك.


يىپەك يولى يېڭى شەھىرىنىڭ خاسلىققا ئىگە شەكلى

      ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تاكسى، سودا شەھەرچىسى، مەززىلىك تائاملار شەھەرچىسى، خىزمەت بىناسى، مەدەنىيەت شەھەرچىسى، مېھمانساراي، كۆرگەزمە مەركىزى... ھەمكارلىق مەركىزى دەسلەپكى قەدەمدە يىپەك يولى يېڭى شەھىرىنىڭ خاسلىققا ئىگە شەكلىنى نامايان قىلدى.
      ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى يولغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، قورغاس شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتەك تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، رايون ئورنى، سىياسەت، بازار ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، تەرەققىيات قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى. ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ مۇخبىرى قورغاسنى ‹‹يېڭى شېنجېن››غا ئوخشىتىپ، ‹‹زور ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچى›› بار دەپ قارىدى.
      2017-يىلى، راۋان قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا شەھىرىدە جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ ئېلانىنى كۆرۈپ، بىر نەچچە قېتىم تەكشۈرگەندىن كېيىن، دوستى بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلىدى. ئۇ جۇڭگو تەرەپ رايونىدا ئاچقان تاماقخانا ۋە قىزىل ئۈزۈم ھارىقى سودىسىغا تايىنىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3000 يۈەن خەلق پۇلى تاپتى.
      كىشىلەر راۋاننىڭ تامىقىغا ئېغىز تەگكەندىن كېيىن، ھەمكارلىق مەركىزىدىكى تۇتاش يول ئارقىلىق قىزىل، كۆك سىزىقتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، قازاقىستان تەرەپنىڭ چېگراسىغا كىرەلەيدۇ. قازاقىستان تەرەپ رايونىدىكى تۇنجى تۈر بولغان شاڭخەي ‹‹يىدىڭ›› مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى قورغاس شۆبە شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان جىندىياۋ مەركىزىي مەيدانىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ يەرگە بىر قانچە چوڭ خەلقئارا باجدىن خالىي دۇكان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ئۆزگىچە تاۋارلىرى قاتارلىق خەلقئارالاشقان ماركا توپلاندى، جۇڭگو تەرەپ، قازاقىستان تەرەپ تىجارەت قىلىدىغان دۇكاندىن 50 نەچچىسى بار.
      بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جى گاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جىندىياۋ مەركىزىي مەيدانى قازاقىستان تەرەپ رايونىدىكى تۇنجى تۈر بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشكەن، قازاقىستان تەرەپتىن سىرت، رۇسىيە، گېرمانىيە، ئۇكرائىنا، بېلارۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سودا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى كېلىپ تەكشۈرۈپ، بۇ يەردە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ ساتماقچى بولغان.
      2012-يىلى تاموژنا پېچىتى بىلەن توشۇش رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› شەرق شامىلىنىڭ ياردىمىدە، جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، سودا يەرمەنكىسى، تاۋارلارنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، ئامباردا ساقلاش – توشۇش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدار بىرگەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال سودا رايونى بولۇپ قالدى، كىشىلەر ئېقىنى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئوبوروتى بۇنىڭ ئىچىدە توسالغۇسىز چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىدۇ. بۇ 5.28 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان جاي، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەتتا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ‹‹ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا››غا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى