تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقسۇ ‹‹ئىككى دەريا›› ۋادىسىنى ئېكولوگىيەلىك تۈزەش پۇقرالارغا بەخت ياراتتى

     گەي يۇجۈن، رېن خۇڭفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل ياغقان تۇنجى قاردىن كېيىن، ئاقسۇنىڭ ھاۋاسى خېلىلا سوۋۇپ كەتتى. ئاقسۇ شەھىرىدىكى 55 ياشلىق جياڭ جىپىڭ يەنىلا ھەر كۈنى يېقىن ئەتراپتىكى ئاقسۇ دولان دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىغا كېلىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى. ‹‹ئەتراپتىكى مۇھىت بەك ياخشى، بۇ يەرگە بىرەر كۈن كېلەلمەي قالسام، كۆنەلمەي قالىمەن تېخى›› دېدى جياڭ جىپىڭ.

    12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئاقسۇ دولان دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىغا كەلگىنىمىزدە چوڭ – كىچىك كۆللەر كەچكى شەپەقتە يالتىرايتتى، ئاق تېرەك، مەجنۇنتاللار كۆلگە سايە تاشلاپ تۇراتتى، ياۋا ئۆردەكلەر كۆل ئوتتۇرىسىدىكى ساھىلدا دانلاۋاتاتتى،ئەگرى – بۈگرى كەتكەن ياغاچ ئاسما يول يىراققا سوزۇلغانىدى، باغچىدا سەيلە قىلغاچ، ئارام ئېلىپ يۈرگەن ساياھەتچىلەر ئاندا – ساندا ئۇچراپ تۇراتتى، قىش كۈنىدىكى سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ سۈرەت كەبى گۈزەل مەنزىرىسى كىشىگە ئۆزگىچە زوق ئاتا قىلاتتى.
    ئاقسۇ دولان دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا 2014 – يىلى قۇرۇلۇش باشلانغانىدى، ھازىر لاتقا چۆكمىسى رايونى، قۇرۇلۇش سۇلۇق يېرىنى بىر تەرەپ قىلىش رايونى ۋە كۆپ خىل جانلىقلار رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ فۇنكسىيەلىك رايون قۇرۇلۇپ بولدى. سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئەتراپنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلىدى. ئاقسۇ دولان دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى ئاسىيا بانكىسى قەرز تۈرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ خادىمى ما دۇڭخاڭ مۇنداق دېدى: بۇ باغچا جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى بويىچە ئەڭ چوڭ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، باغچىنىڭ سۇ بايلىقى مول، سۇ سۈپىتى ياخشى، قۇياش نۇرى، ئىسسىقلىق بايلىقى مول، تىپىك غەربىي شىمال قۇرغاق رايونى تاتلىق سۇ سۇلۇق يېرىنى شەكىللەندۈرگەن، سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى ئېكولوگىيەلىك قوغداش رايونىدا يۇلغۇن، چۈچۈكبۇيا، سۆكسۆك قاتارلىق دۆلەت تەرىپىدىن 2 – دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈكتىن ئون نەچچە خىلى بار، سېرىق بۈركۈت، قارا لەيلەك، شىنجاڭ خاپانباش بېلىقى قاتارلىق دۆلەت تەرىپىدىن 1 – دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن يەتتە خىلى ۋە تارىم توشقىنى، ئۇقار، سۇر لەيلەك قاتارلىق دۆلەت تەرىپىدىن 2 – دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 20 نەچچە خىلى بار، بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 70 نەچچە خىلى بار.
   ئاقسۇ دولان دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى ئاقسۇ ۋىلايىتى يولغا قويغان ئاقسۇ دەرياسى، ئۆگەن دەرياسى ۋادىسىدىكى ئىككى ‹‹مىليون مو››لۇق ئېكولوگىيەلىك تۈزەش قۇرۇلۇشىنىڭ تەركىبىي قىسمى، كۆكيارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدىن كېيىنكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشتىكى يەنە بىر مۇھىم قۇرۇلۇش. ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى پاراۋانلىقىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، 2015 – يىلى ئومۇمىي كۆلىمى 2 مىليون 337 مىڭ 900 مو كېلىدىغان ئاقسۇ دەرياسى، ئۆگەن دەرياسى ۋادىسى ئىككى ‹‹مىليون مو››لۇق ئېكولوگىيەلىك تۈزەش قۇرۇلۇشى پىلانىنى يولغا قويۇپ، سىستېمىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك قوغداش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاقسۇ دەرياسى، ئۆگەن دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى تىرىشىپ يېشىللاشتۇردى، گۈزەللەشتۈردى. ھازىر 1 مىليون 680 مىڭ مو يەردىكى قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، پىلاندىكى ئومۇمىي كۆلەم  %72 ئورۇندالدى.

    ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دۇ ۋەنگۇي مۇنداق دېدى: ‹‹ئىككى دەريا›› ۋادىسىدا ئىككى ‹‹مىليون مو››لۇق ئېكولوگىيەلىك تۈزەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش قۇم – بوران قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ خەلقنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا ئېلىپ كېلىدىغان يامان تەسىرىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئازايتىدۇ ۋە توسىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، قۇرغاقچىلىق، قۇرغاق ئىسسىق شامال، بوران قاتارلىق ناچار كىلىماتنىڭ قۇملۇقنىڭ چەت رايونلىرىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى يېنىكلىتىپ، ئەتراپتىكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى