تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

قەدەمنى پۇختا بېسىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا سىڭىشىش

  ــــ كورلا ئىقتىساد–تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىمىز

  مۇخبىرلىرىمىز يەن شياۋجۈەن، گې يوۋجۈن

  بىر خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى سودا شەھەرچىسى قەد كۆتۈردى؛ دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ۋە جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بىر تۈركۈم كارخانا بۇ جايغا ماكانلاشتى؛ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ تاۋارلىرى بۇ جايغا توپلىنىپ، جاي – جايلارغا تارقىتىلدى، شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى بۇ جايدىن دۆلەت ئىچى – سىرتىغا يۈزلەندى... ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنىڭ تەسىرىدە، دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونى ــــ كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرمەكتە.

  ئەشيا ئوبوروتىدىكى ‹‹تۈگۈن››لۈك رولى كۈنسايىن گەۋدىلەندى

  9 – ئاينىڭ بېشىدا، مۇخبىرلار كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان خەيباۋ خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەشيا ئوبوروت سودا شەھەرچىسىگە كىرىپ، بۇ جايدىكى ئالدىراش، ئاۋات مەنزىرىنى كۆردى: تايلاندنىڭ ليۇليەنى، ئىسپانىيەنىڭ چېڭزىسى ۋە چىلىنىڭ لەنمېيسى بۇ جايدىن باشقا جايلارغا تارقىتىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى چوڭ مېۋە – چېۋە توپ تارقىتىش بازارلىرىغا توشۇلدى؛ كورلا نەشپۈتى، چاقىلىق چىلىنى قاتارلىق يەرلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بۇ جايدىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىلدى.

  سودا ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا سىڭىشىشتىكى باش ۋەزىپە. ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسى بويىچە بىر تۈركۈم باشلىنىش نۇقتىسى يۇقىرى زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت كارخانىلىرى كەينى – كەينىدىن كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشتى.

  كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئايروپورت ئەشيا ئوبوروت رايونىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان جەنۇبىي شىنجاڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ رايونى(جەنۇبىي شىنجاڭ تارقىتىش مەركىزى)نىڭ مەسئۇلى پەن سىما تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ رايونغا يۈندا، دېباڭ، شۈنفېڭ قاتارلىق ئون نەچچە تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروت كارخانىسى ماكانلاشقان، كۈندىلىك تېز يوللانما بىر تەرەپ قىلىش مىقدارى 1 مىليونغا يېتىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭغا كىرىدىغان – چىقىدىغان پوچتا يوللانمىلىرى، تېز يوللانمىلار ئۈرۈمچىدە ‹‹ئايلىنىپ يۈرمەي››، بىۋاسىتە جەنۇبىي شىنجاڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ رايونىدا تارقىتىلىپ ئالماشتۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قەرەلى ئەسلىدىكى بەش كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولۇشتىن ئىككى كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە بولۇشقا قىسقىرايدۇ.

  بۇنىڭدىن كېيىن، تەرەققىيات رايونى ‹‹بۇلۇت ئىقتىسادى››نى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروت كارخانىلىرى بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ھازىر، پۈتكەن ياكى قۇرۇلۇۋاتقان جەنۇبىي شىنجاڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ رايونى، خەلقئارا ئايروپورت ئەشيا ئوبوروت رايونى، يۈەنجىڭ ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروت رايونى قاتارلىق تۈرلەر بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا سىڭىشىشىگە پۇختا سودا ئەشيا ئوبوروتى ئاساسى سالدى.

  بايىنغولىن ئوبلاستى تاشقى سودىنىڭ ‹‹سۈرئىتىنى تېزلەتتى››

  2017 – يىلى 5 – ئاينىڭ 26 – كۈنى، كورلا ۋوگزالىنىڭ يۈك مەيدانىدا، ماركور خىمىيە سانائىتىنىڭ گېرمانىيەگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان ‹‹شىنجاڭ – ياۋروپا – ئوتتۇرا دېڭىز›› سۇيۇق خىمىيەلىك بۇيۇمى ــــ BDO لىق قاچىلانغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا يۈك تىرانسپورتى بويىچە غەربكە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز گېرمانىيەنىڭ لۇدۋىگ پورتىغا قاراپ يولغا چىقتى، 2000 توننىغا يېقىن خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتى 15 كۈندىن كېيىن مەنزىلگە يەتكۈزۈلىدۇ.

  شۇ يىلى 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى، 40 يۈك ۋاگونىغا 860 توننا شوخلا قىيامى لىق قاچىلانغان نۆۋەنچى پويىز كورلا يۈك تىرانسپورت ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، 25 كۈندىن كېيىن ئىتالىيەنىڭ ناپلېسقا يېتىپ باردى، بۇ، شوخلا قىيامى توشۇيدىغان مەخسۇس نۆۋەتچى پويىزنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىدىن ئىتالىيەگە تۇنجى قېتىم قاتنىشى ئىدى.

  سەرخىل جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى ئاساس قىلغان دۇنياۋى كەسىپ گۇرۇھى ــــ جياڭسۇ جىنشېڭ گۇرۇھى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا يىپ ئېگىرىش تۈرىنى مەبلەغ سېلىپ قۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزبېكىستاننىڭ قاشقا دەريا ئوبلاستى ۋە قارشى شەھىرىدە ئايرىم – ئايرىم ھالدا يىپ ئېگىرىش تۈرى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى.

  2017 – يىلى بايىنغولىن ئوبلاستى 375 مىليون دوللارلىق تاشقى ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 192 مىليون دوللار بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %43.28 ئاشتى. ھازىر بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شوخلىدىن پىششىقلانغان مەھسۇلاتلىرى، لازا مەھسۇلاتلىرى، چۈچۈكبۇيا مەھسۇلاتلىرى ۋە نېفىت – خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى خەلقئارا بازاردا روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە بولدى. توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك مەھسۇلاتلىرى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ مۇھىم تاشقى سودا ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، بايىنغولىن ئوبلاستى تاشقى سودىسىنىڭ ‹‹سۈرئىتىنى تېزلەتتى››.

  تىرىشىپ يادرولۇق رايون مۇھىم تىرەك نۇقتىسىنىڭ موتورىغا ئايلاندى

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىردىنبىر باجدىن خالىي تاۋار بىۋاسىتە سېتىش مەركىزى ــــ فېڭتەي باجدىن خالىي تاۋار سودا مەركىزىدە، كىشىلەر جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدا توشۇپ كېلىنگەن گېرمانىيە پىۋىسى، فىرانسىيە پىشلىقى قاتارلىق 40 نەچچە دۆلەتنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق باجدىن خالىي تاۋارلىرىدىن بەھرىلىنەلەيدۇ.

  2018 – يىلى، كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى خەلقئارا تاۋار سودىسى كۆرگەزمىسى، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمەت تەشكىلاتى، كۆپ مىقدارلىق تاۋار سېتىۋېلىش سودىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى قوللىنىش، شەھەر – يېزا سودا ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمىتى قاتارلىق سىستېمىلارنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، توردا، تور سىرتىدا چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى سودا ئەشيا ئوبوروت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ئىقتىساد رايونى››، ‹‹بوشلۇق ئىقتىساد رايونى ــــ ئايروپورت ئەشيا ئوبوروتى›› قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، كورلا – گولمۇد تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروت رايونى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ رايونىنىڭ يۈرۈشلۈك ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بايىنغولىن ئوبلاستى شىڭخۇڭبو خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت شىركىتىنىڭ سوغۇق ساقلاش زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروت تۈرىنى تېز ئالغا سىلجىتتى؛ كورلا باجدىن خالىي ئامبىرىنىڭ تاموژنىنى تاقاپ تىجارەت قىلىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، رولىنى جارى قىلدۇردى.

  ‹‹كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بايىنغولىن ئوبلاستى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ <جەنۇب بىلەن شىمالىنى تۇتاشتۇرۇش>تىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، مۇھىم سودا ئوبوروت مەركىزى ۋە زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى مۇھىم تىرەك نۇقتىسىنىڭ موتورىغا ئايلانماقتا›› دېدى 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جيەن شياۋدۇڭ مۇخبىرلارغا.

  كەڭرى كەتكەن يوللار، زامانىۋى ئىمارەتلەر، قاتار – قاتار يېڭى زاۋۇت بىنالىرى... كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا پۇختا قەدەم بىلەن سىڭىشتى. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى كۆزنىكىدە تۇرۇۋاتقان بۇ يەردىكى كۈرەش قىلغۇچىلار دۇنياغا نەزەر سالماقتا، كەلگۈسىگە نەزەر سالماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ