تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ماڭا بىر پارچە چۆللۈك بەرسىڭىز، سىزگە بىر پارچە بوستانلىق قايتۇرىمەن»

ــــ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سابىق ئورمانچىلىق باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى بى كېشيەن توغرىسىدا خاتىرە

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىرى گۇڭ شىجيې

ئىلاۋە

ئۈلگىلەر كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، كۈرەش كىشى قەلبىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەم قۇرۇپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتماقتا. بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش.يېنىمىزدىكى ئۈلگىلەر» مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى چوڭقۇر خەۋەر قىلىپ، ئۇلارنىڭ غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش، پارتىيەگە سادىق بولۇش، تىرىشىپ كۈرەش قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتىكى ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلىپ، دەۋر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەيدۇ.

دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلەرنى مىسالغا ئالغاندا، ئاقسۇ كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى كەم بولسا بولمايدۇ؛ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئاقسۇلۇقلارنى رىغبەتلەندۈرگەن كۆكيار روھىنى تىلغا ئالغاندا، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش، ئورمان يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسى بى كېشيەننى تىلغا ئالماي بولمايدۇ.

1956- يىلى، شەندۇڭ ئۆلكىسى تەيئەن ئورمانچىلىق مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن بى كېشيەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي چېتىدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بېرىپ ئورمانچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. بۈگۈنكى كۈندە، 63 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئەينى يىللاردىكى يىگىت 90 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بوۋايغا ئايلاندى، لېكىن ئۇنىڭ «ماڭا بىر پارچە چۆللۈك بەرسىڭىز، سىزگە بىر پارچە بوستانلىق قايتۇرىمەن» دېگەن مەردانە ئىرادىسى قىلچە سۇسلىشىپ قالمىدى.

كۆچەت تىكىشكە ئاشىق بولۇش يېشىللىققا مەپتۇن بولۇش

«ھاياتلىق داۋاملاشسىلا، كۈرەش توختىمايدۇ. كۆچەت تىكىلىدىغانلا بولسا، مېنىڭ باش قېتىنچىلىقىم تۈگەپ، ئاغرىقىم يوقاپ، پۈتۈن بەدىنىم تۈگىمەس كۈچكە تولىدۇ» دېدى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى باي ناھىيەسىدىكى جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى تارىم نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى دۇڭخې نېفىت - تەبىئىي گاز ئېچىش بۆلۈمى كۆكەرتىش بازىسىدا خادىملارنى باشلاپ دەل - دەرەخلەرنى باشقۇرۇۋاتقان، پەرۋىش قىلىۋاتقان بى كېشيەن.

ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن، ئىككى قولى قاداق بىلەن توشۇپ كەتكەن بۇ بوۋاي 1998- يىلى كېچىكىپ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئورۇن ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ، ئېكولوگىيەلىك كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى يېشىللىققا تەۋە دەپ قارىغاچقا، كونا كەسپىنى قىلىشنى ئىنتايىن خالايتتى.

بى كېشيەن بىلەن بىللە دەل - دەرەخلەرنى باشقۇرۇۋاتقان، پەرۋىش قىلىۋاتقانلاردىن يەنە ئۇنىڭ خوتۇنى ۋاڭ لى بار. ئەر - خوتۇن ئىككىسىنىڭ بېيجىڭدا بىر يۈرۈش مىراس ئۆيى بار بولۇپ، پەرزەنتلىرى جەنۇبتا ئولتۇراقلىشىپ قالغان، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئىچكىرى ئۆلكىدە پۈتۈنلەي خاتىرجەم، راھەت تۇرمۇش كەچۈرەلەيتتى، لېكىن بى كېشيەن ئاقسۇدا تۇرۇپ قېلىپ، چۆل - جەزىرىلەرگە كېلىپ كۆچەت تىكمەكچى بولدى. خوتۇنى ئۇنى قايىل قىلالماي، ئامالسىز كېلىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى.

بى كېشيەننىڭ ئارقىسىدا، دۇڭخې نېفىت - تەبىئىي گاز ئېچىش بۆلۈمى كۆكەرتىش بازىسىنىڭ رەتلىك كۆكەرتىش بەلبېغى بار ئىدى. پىلان بويىچە، ئورمان بەلبېغى يەنە داۋاملىق چۆللۈككە قاراپ ئۇزارتىلاتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇ باشلامچىلىق بىلەن جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى تارىم نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى نېفىت - تەبىئىي گاز توشۇش - سېتىش بۆلۈمى ياقا قاچىلاش بېكىتىدە 266 مىڭ كىۋادرات مېتىر ئورمان بىنا قىلدى، ئۇ يەردىكى خادىملارنىڭ ئورمان بەلبېغىدىكى ياڭاق، چىلانلارنى يەۋاتقىنىغا نەچچە يىل بولغانىدى.

كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ھەربىر ئاقسۇلۇقنى پەخىرلەندۈرىدىغان بولۇپ، بى كېشيەننىڭ كۆكيار بىلەن بولغان مۇھەببىتى تېخىمۇ ئۆزگىچە ئىدى.

1986- يىلى 6- ئايدا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئورمانچىلىق مەيدانىدا مەيدان باشلىقى بولغان بى كېشيەن ھەر كۈنى بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى. خىزمەتكە قاتناشقان 30 يىلدا، ئۇنىڭ ئالدىدىكى 500 مو كۆچەتخانىدىن 100 مىڭ مودىن ئارتۇق ئورمان بەلبېغى بارلىققا كەلدى. ئەينى چاغدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان شيې فۇپىڭ ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ، ئاقسۇ شەھەر ئەتراپىدىكى دۆڭلۈكتە كۆچەت تىككىلى بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى سورىدى. «كۆكيار تەكچىسى» دەپ ئاتالغان دۆڭلۈكتە ئەگەر دەل - دەرەخلەر ئورمانلىققا ئايلانسا، شەھەر رايونىنى قاپلايدىغان قۇم - بوراننى تىزگىنلىگىلى بولاتتى.

«چاتاق يوق!» دېدى چۆللۈكتە ئورمان بىنا قىلىش تەجرىبىسى مول بولغان بى كېشيەن.

تەشكىل بى كېشيەننى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى. ئۇ كۈندە ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ، كۆچەت تىكەلمەيدىغان ئوخشايمەن، دەپ قاراپ، ئورمانچىلىق مەيدانىغا قايتىپ كۆچەت تىكىشنى، ھېچبولمىغاندا ئادەتتىكى بىر خىزمەتچى بولسىمۇ بولىدىغانلىقىنى تەلەپ قىلدى، ئۆزىنىڭ دۆڭلۈككە كۆچەت تىكىدىغانلىقىنى، قانچىلىك تىكمەكچى بولسا شۇنچىلىك تىكسە بولىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق جىلۋىلەندى.

ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش پەقەت يېشىللىق ئۈچۈن

قەدىمكى چۆللۈكتىكى كۆكيار تەكچىسىگە كۆچەت تىكىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بى كېشيەننىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتتى.

بۇ يەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئاقسۇ شەھەر رايونىدىن ئېگىز بولۇپ، يەر شەكلى تەكشى ئەمەس، ھەممىلا يەر شورلاشقان، گىياھ ئۈنمەيتتى.

«ئەينى چاغدا مېنىڭ لايىھەم بويىچە، ئالدى بىلەن سۇ باشلاپ، ئاندىن ئورمان بىنا قىلىدىغان، ئالدى بىلەن شەھەر ئىچىدە، ئاندىن شەھەر سىرتىدا، ئالدى بىلەن بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ئورمىنى بىنا قىلىپ، ئاندىن ئىقتىسادىي ئورمان بىنا قىلىدىغان، شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىدىغان بولغان» دېدى بى كېشيەن ئەسلەپ.

سۇ باشلاش ئۆستىڭى چاپقاندا، كۆكيار تەكچىسىدىكى جىلغىلار گىرەلىشىپ كەتكەنلىكتىن، كۆپلىگەن توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنى يۆتكەپ كېلىپ يەرنى تۈزلەشكە توغرا كەلدى. بى كېشيەن ئېگىز تەكچىگە بىرېزېنت چېدىر تىكىپ، ئۇنى ئىشخانا قىلدى، تامىقى، ياتىقى شۇ يەردە بولدى.

قۇرۇلۇش مەيدانىدا چاڭ - توزان بەك كۆپ بولغاچقا، نەق مەيداندا قوماندانلىق قىلىۋاتقان بى كېشيەننىڭ ئۈستبېشىنى توپا بېسىپ كېتەتتى. بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇرۇن تۆشۈكلىرى توپىغا تولۇپ كېتەتتى.

قاقاس چۆللۈكتە شورلىشىشنىڭ تەسىرىدە بەزى جايلاردا تۇپراقنىڭ قېتىشىشى ئېغىر ئىدى. بى كېشيەن ئىشچىلارنى باشلاپ جوتۇ، بازغان بىلەن ئاز - ئازدىن كولايتتى. يىل بويى كۆچەت تىككەنلىكتىن، قوللىرىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، تىرناقلىرى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن ئىككى - ئۈچ ھەسسە قېلىن، بارماقلىرىمۇ ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن توم، يوغان ئىدى.

مەبلەغنى تېجەش ئۈچۈن، بى كېشيەن ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ئورمانچىلىق مەيدانلىرىدىن تېخنىك خادىملارنى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇلارنى باشلاپ كۆچەت يېتىشتۈردى.

ئەي بولۇش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بى كېشيەن قوبۇل قىلىنغان ئىشچىلارنى بىرتۇتاش تەربىيەلەپ، تىككەن كۆچەتلەرنى بىرتۇتاش ئوغۇتلىدى، بىرتۇتاش چاتىدى، بىرتۇتاش مېۋىسىنى شالاڭلاتتى. بەش يىل ئىچىدە، ئۇ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم باغ - ئورمانچىلىق باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردى.

كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ 10- يىلىغا كەلگەندە، سۈنئىي ھەمراھتا تارتىلغان سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي چېتىدە يېشىل رەڭ پەيدا بولغان، بۇ دەل ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 25 كىلومېتىر، كەڭلىكى 300 مېتىردىن 3000 مېتىرغىچە كېلىدىغان كۆكيار سۈنئىي ئىھاتە ئورمىنى ئىدى.

يەنە شۇ يىلى، بى كېشيەن پېنسىيەگە چىقماقچى بولغانىدى. ئەينى چاغدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان شيۇڭ خۇييىن ئۇنىڭغا: «لاۋبى، كەتسىڭىز، بۇ نەچچە يۈز مىڭ مو يەردىكى دەرەختىن خاتىرجەم بولالامسىز؟» دېگەندە، بى كېشيەن پېنسىيەگە چىقىش ئىلتىماس دوكلاتىنى قايتۇرۇۋېلىپ: «ئۇنداقتا مەن يەنە تىرىشىپ، باغ - ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاندىن پېنسىيەگە چىقاي» دېگەنىدى.

ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاش يېشىللىقنى قوغداش

1998- يىلى، كۆكياردىكى ئۈزۈم تاللىرى مېۋىلىدى، نەشپۈت دەرەخلىرى شاخلىرىنى كۆتۈرەلمەي قالدى، ئۇلانغان ئالمىلار ئۆزگىچە تەمگە كىردى. بى كېشيەن خاتىرجەم بولۇپ، يەنە بىر قېتىم پېنسىيەگە چىقىش ئىلتىماسى سۇندى.

«سىز گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان مۇتەخەسسىس بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساس سالغۇچىلىرىنىڭ بىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باغ - ئورمانچىلىق تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى. بىز سىزنىڭ پېنسىيەگە چىقىشىڭىزنى مۇددەتسىز كەينىگە سۈرسەك بولمايدۇ، لېكىن سىز پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ھەرگىزمۇ پېنسىيەگە چىقتىم دەپلا دەم ئېلىۋەرسىڭىز بولمايدۇ، يەنە داۋاملىق بىزنىڭ ئاقسۇ ئۈچۈن تۆھپە قوشۇڭ جۇمۇ» دېدى ئەينى چاغدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان خوۋ چاڭئەن چوڭقۇر ھېسسىياتى بىلەن بى كېشيەنگە.

بى كېشيەن جاۋابەن مۇنداق دېدى: «كۆكياردا مەن ناھايىتى كۆپ ھاسىلاتقا ئېرىشتىم. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇشتەك كۆكيار روھى ئاقسۇدىكى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپلا قالماي، يەنە مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىمغىچە كۈرەش قىلىشىمدىكى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، مەن ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە دەل - دەرەخلەرگە ھەمراھ بولىمەن».

ئەمدىلا پېنسىيەگە چىققان بى كېشيەننى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك باغۋەنچىلىك بازىسى تېخنىكا مەسلىھەتچىسىلىككە تەكلىپ قىلدى، ئۇنىڭ خىزمىتى خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقتىدىكىدىن ئازراقمۇ يەڭگىل ئەمەس ئىدى. 2002 - يىلى، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى تارىم نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭ چۆللۈكتىكى نېفىت بازىسىغا بېرىپ كۆكەرتىشكە ياردەملىشىشىنى ئۈمىد قىلدى. بى كېشيەننىڭ خوتۇنى بۇنى خالىماي، ئۇنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «جاپا - مۇشەققەت بىلەن بىر ئۆمۈر كۆچەت تىكتىڭىز، ياشانغاندا بولسىمۇ دەم ئېلىپ ئازادە ياشىمامسىز؟»

دەل - دەرەخلەرنى ھاياتىدەك سۆيىدىغان بى كېشيەننىڭ ئالدىدا، خوتۇنى ئەڭ ئاخىر يول قويۇشنى تاللىدى. 2011- يىلى، خۇبېي ئۆلكىسىدىكى بىر كارخانىدا مۇئاۋىن باش ئىنژېنېر بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئوغلى بى ۋېيچىمۇ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ چۆل - باياۋانغا كېلىپ دادىسىنىڭ كۆچەت تىكىشى، كۆچەتلەرنى باشقۇرۇشىغا ياردەملەشتى.

بى كېشيەننىڭ چۆللۈكتە ئورمان بىنا قىلىش ئىشلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۆكيار روھىغا ۋارىسلىق قىلىنىۋاتىدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئېكولوگىيەنى قوغداش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى، ئاقسۇ دەرياسى ۋادىسى، ئۆگەن دەرياسى ۋادىسى ۋە كوڭتەيلىك رايونىدىكى مىليون مولۇق ئۈچ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىمۇ كەينى - كەينىدىن باشلاندى. شۇ يىلى كۆكيار تەكچىسىدە مۆجىزە ياراتقان بى كېشيەن قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئورمان بىنا قىلغۇچىلار كۆكيارنىڭ يېشىللىق كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە، قەلبى خۇشاللىققا چۆمۈپ، روھى ئۇرغۇدى. بۇلتۇر، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى مەركەزلىك خەۋەر قىلدى. بى كېشيەن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مەن پەقەت ئۆزۈم قىلىشقا تېگىشلىك ئازراق ئىشنى قىلدىم، كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى مەن ئىككى جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلايمەن: بىرى، ھەر نۆۋەتلىك ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ رەھبەرلىك قىلىشى ياخشى بولدى، يەنە بىرى، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئاقسۇلۇقلار ئىشنى ياخشى قىلدى».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى