مۇھەررىر :
مېھرىبان يالقۇن
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2018/10/31 12:32
10-ئاينىڭ 27-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان مارالبېشى ناھىيەسى مارالبېشى بازىرىنىڭ بەخت مەھەللىسى
شىنخۇا تورى خەۋىرى. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش جەريانىدا شىنجاڭ مارالبېشى ناھىيەسى چەت-ياقا رايونلاردا تۇرىدىغان، ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاجىز، يېرى ئاز ياكى يەردىن تۆۋەن ھوسۇل ئالىدىغان كەنت ئاھالىلىرىنى ناھىيە بازىرى ئەتراپىغا بىر تۇتاش كۆچۈرۈپ، نامرات ئاھالىلەرگە تۇرالغۇ، داۋالاش، مائارىپ كاپالىتى تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ھەمراھ زاۋۇت قۇرۇپ، نامرات كىشىلەرنى تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا ياكى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەپ، كىشىلەرنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. (خۇ خۇخۇ فوتوسى)
10-ئاينىڭ 27-كۈنى، مەۋلۈدە ئابلەت مارالبېشى ناھىيەسى مارالبېشى بازىرىنىڭ بەخت مەھەللىسىدىكى بىر زاۋۇتتا ئىشلىمەكتە.
10-ئاينىڭ 27-كۈنى، بەخت مەھەللىسدە ئويناۋاتقان بالىلار
10-ئاينىڭ 27-كۈنى، بەخت مەھەللىسىدىكى سودا رايونىدا ئوسمانجان راھمان تونۇردىن نان سويۇپ ئالماقتا.
10-ئاينىڭ 27-كۈنى، بالىلار ھەپتە ئاخىرىدا بەخت مەھەللىسىدىكى يەسلىدە ئۇسسۇل ئۆگەنمەكتە.
10-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئاھالىلەر بەخت مەھەللىسىدىكى ئەينەك پارنىكتا ئەمگەك قىلماقتا.
10-ئاينىڭ 27-كۈنى، بەخت مەھەللىسىدىكى ئەينەك پارنىك
10-ئاينىڭ 27-كۈنى، بەخت مەھەللىسى نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت پونكىتىنىڭ كادىرى ھۆرىگۈل ئەمەت (ئوڭدا) خىزمەتدىشى بىلەن نامراتلارنى يۆلەش ئۇچۇر ئارخىپلىرىنى سېلىشتۇرماقتا.
10-ئاينىڭ 27-كۈنى، بەخت مەھەللىسى سودا رايونىدا ھەسەنجان يۈسۈپ خېرىدارلارغا كاۋاپ پىشۇرماقتا.