4-ئاينىڭ 17-كۈنى، كەنت ئاھالىسى شۈ لېي (ئوڭدا) ئەمدىلا كۆچۈپ كىرگەن يېڭى ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئاپتوموبىل سۈرتمەكتە.
كەنت ئاھالىلىرى ئۆيىدە دېھقانلار ئارامگاھى ئاچقاندىن سىرت، يەنە پارنىكتا بۆلجۈرگەن ۋە كۆكتات تېرىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئۈزۈشىگە تەمىنلەپ، ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى (4-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان سېيالكا بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى يەردە كېۋەز تېرىماقتا (4-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ): «مەن ھازىر دېھقانلا ئەمەس، يەنە تېخى يەر-زېمىن پاي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پايچېكى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەمچىلىك قىلىپ بىر ئۈلۈش پۇل ئالىمەن، يىل ئاخىرىدا يەنە يەر ئوبوروت ئىجارە ھەققى ئالىمەن، كۈنلىرىم بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.» 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، كەنتتە يولغا قويۇلغان «ئۈچنى ئۆزگەرتىش، بەش كوپىراتىپ» («ئۈچنى ئۆزگەرتىش» يەنى يېزا بايلىقىنى مۈلۈككە ئۆزگەرتىش، مەبلەغنى پايغا ئۆزگەرتىش، دېھقانلارنى پايچىكقا ئۆزگەرتىش، «بەش كوپىراتىپ» يەنى مۈلۈك پاي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يەر-زېمىن پاي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئەمگەك-مۇلازىمەت پاي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئۆي سېتىۋېلىش پاي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ساياھەت پاي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش) نى تىلغا ئالغىنىدا، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىسى جۇكىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لى جىڭخۇانىڭ چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.
«يېزىمىزدا يەر بايلىقى ۋە مەبلەغ تارقاق بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، بۇ كۆلەملەشكەن، بازارلاشقان تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشالمايدۇ.» خارمودۇن يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى سۈن چۈنشېڭ مۇنداق دېدى: «ئۈچنى ئۆزگەرتىش، بەش كوپىراتىپ» ئارقىلىق بەش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، پاي ھوقۇقىنى مىقدارلاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى يەر، ئەمگەك كۈچى، ئۆي-مۈلۈك، مەبلەغ قاتارلىق بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، «پاينى پۇلغا ئۆزگەرتىش، يەردىن پۇل تېپىش، كۈچتىن پۇل تېپىش، پۇلدىن پۇل تېپىش، ئۆيدىن پۇل تېپىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى بىلەن ئادەم كۈچى، بايلىق پايدىسىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق.
يەر-زېمىن پاي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش ئارقىلىق، جۇكىن كەنتى 2018-يىلى 80 پىرسەنت يېرىنى ئوبوروت قىلىپ بولدى، بۇ يىل ھەممىنى بىرىكتۈرىدۇ. «يەر-زېمىن پاي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىلگىرى پارچە تېرىغان يەرلەرنى بىر تۇتاش تېرىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇنىڭ ماشىنىلاشقان مەشغۇلات قىلىشقا پايدىسى بولدى شۇنداقلا دېھقانچىلىق زىرائەت سورتى ۋە پەرۋىشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈجۈپىلەنگەن ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرىدۇ.» دېدى جۇكىن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى سۈن يىڭچۈن .
«ئۈچنى ئۆزگەرتىش، بەش كوپىراتىپ»نى يولغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇكىن كەنتى يەنە تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك پارنىكى، مېۋىلىك باغ ۋە دېھقانلار ئارامگاھىنى چۆرىدەپ تەرەققىيات پىكىرىنى تۈزۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
«ئۈچنى ئۆزگەرتىش، بەش كوپىراتىپ» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە جۇكىن كەنتىدە ئىلگىرى ساقلانغان يېزا مۈلكى تارقاق بولۇش، ئىشلىتىلمەسلىك، كوللېكتىپ ئىگىلىكى ئاجىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش يولى تېپىپ، يېزا-كەنت تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. سۈن يىڭچۈن مۇنداق دېدى: «ئۈچنى ئۆزگەرتىش، بەشنى بىرلەشتۈرۈش» ئارقىلىق، 2020-يىلى كەنتىمىزنىڭ كوللېكتىپ كىرىمىنى 1 مىليون 800 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزىمىز.»