تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

ئاپتونوم رايونىمىز تەقلىد قىلىپ كېڭەيتكەن ئەركىن سودا رايونى سىناق نۇقتىسى تەجرىبىلىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى

تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، كارخانىلار ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن مەنپەئەتلەندى


    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ. 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ كىرىش-چىقىش يولىدا، پاختا قاچىلانغان بىر قانچە يۈك ئاپتوموبىلى كارتا سۈركەپ بولۇپ، ئۇدۇل رايون ئىچىدىكى ئالاتاۋ جېندې داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىلمە توقۇلما بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىگە قاراپ ماڭدى، رايونغا كىرىش ۋاقتى بىر مىنۇتقىمۇ يەتمىدى. «ئەقلىي ئىقتىدارلىق كارتا ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش» ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى تەقلىد قىلىپ كېڭەيتكەن ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى  ئىسلاھات سىناق نۇقتىسى تەجرىبىلىرىنىڭ بىرى. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز تەقلىد قىلىپ كېڭەيتكەن سىناق نۇقتىسى تەجرىبىلىرى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
    2016-يىلى 9-ئايدا، ئالاتاۋ جېندې داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىلمە توقۇلما بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا قۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسلىقى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە تۈردىكى يىپ پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىپ، 2017-يىلى 10-ئايدىن 2018-يىلى 8-ئايغىچە، جەمئىي 12 مىڭ توننىدىن ئارتۇق پاختا ئىمپورت قىلدى. ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، بۇ شىركەت نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىسى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن ھەقىقىي مەنپەئەتلەندى.
    «ئىلگىرى خام ئەشيا، ئىشخانا ئەسلىھەلىرىنى رايونغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، چوقۇم ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئىش بېجىرىش چوڭ زالىغا بېرىپ، ئۆچرەتتە تۇرۇپ رەسمىيەت بېجىرىپ، كارتا ئېلىپ، كىرىش-چىقىش يولىغا بېرىپ كارتا سۈركىسەك، ئاندىن يۈك ئاپتوموبىلى رايونغا كىرەلەيتتى. ھازىر ئۆزىمىزنىڭ كومپيۇتېرىدىلا رەسمىيەت بېجىرىپ، بىۋاسىتە كارتا سۈركەپ رايونغا كىرەلەيدىغان بولدۇق. بۇنىڭدىن سىرت، مەركەزلىك مەلۇم قىلىش، تۈركۈم بويىچە كىرىش-چىقىش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىزگە نۇرغۇن ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ تېجەپ بەردى، كارخانىلار ھەقىقىي تۈردە ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن مەنپەئەتلەندى» دېدى ئالاتاۋ جېندې داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىلمە توقۇلما بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى كادىرلار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جوۋ خۇڭشياۋ.
    ئالاتاۋ تاموژنىسى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئۇنىۋېرسال كەسپىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى نۇرزىيە ئابدۇراخمان تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ تۈركۈمدە ئەركىن سودا رايونى تاموژنىسىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىسىنى تەقلىد قىلىپ كېڭەيتتى، «تۈركۈم بويىچە كىرگۈزۈش-چىقىرىش، مەركەزلىك مەلۇم قىلىش»، «مەركەزلەشتۈرۈپ جەملەپ باج تاپشۇرۇش»، «بىر قېتىم ئەنگە ئالدۇرۇپ، كۆپ قېتىم ئىشلىتىش»، «ئەقلىي ئىقتىدارلىق كارتا ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىسى تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز سىجىل ئەركىن سودا رايونى سىناق نۇقتىسى تەجرىبىلىرىنى تەقلىد قىلىپ كېڭەيتتى، ئۈرۈمچى تاموژنىسى، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ تۈرلۈك سىناق نۇقتىسى تەجرىبىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەقلىد قىلىپ كېڭەيتتى. ئۈرۈمچى تاموژنىسى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مالنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتىنى قىسقارتىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 2017-يىلى ئىمپورت ۋە ئېكسپورت ماللىرىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ئوتتۇرىچە ۋاقتىنى %44.4 ۋە %31.5 قىسقارتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئاپتونوم رايونىمىز يەنە كونتېينېرنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىش تەننەرخىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىمپورت-ئېكسپورت ھالقىسىدىكى بارلىق تىجارەت خاراكتېرىدىكى ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى تەخمىنەن 4 مىليون يۈەن كېمەيتىپ، كارخانىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلەتتى.
    ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بۇ يىل 9-ئايدا، ئاپتونوم رايون «پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلار دېڭىز بويىدىكى ئەركىن سودا تەجرىبە رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەجرىبىلىرىنى تەقلىد قىلىپ كېڭەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا دېڭىز بويىدىكى ئەركىن سودا تەجرىبە رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەجرىبىلىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى تەقلىد قىلىپ كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار قائىدىلەرگە توغرىلاپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلىرى، جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ھەم جۇڭگو تەرەپ يۈرۈشلەشكەن رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارغا تېخىمۇ چوڭ ئۆز ئالدىغا ئىسلاھ قىلىش ھوقۇقىنى بېرىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى