تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

16 يىل داۋاملاشقان قېرىنداشلىق مېھرى

جەي جيەنگو 8-ئاينىڭ 22-كۈنى قادىر ئابدۇرېھىم ئائىلىسىدە بىرلىكتە ھېيت ئۆتكۈزمەكتە.

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 22-كۈنى قۇربان ھېيتتا قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى قارادۆۋە بازىرى ئاقتۇر كەنتىدىكى قادىر ئابدۇرېھىمنىڭ كىچىك قىزى شەھىدە قادىر يېڭى كىيىملىرىنى كىيىپ ئىشىك ئالدىدا قاراپ تۇراتتى. «‹جەي دادا› كەلدىڭلارمۇ، سىلەرنى بەك سېغىندىم» ئۈرۈمچى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قومۇل جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى ئىچكى قوغداش تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى جەي جيەنگو ئەر-ئايالنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن شەھىدە ئۇلارنى قارشى ئالدى.

    جەي جيەنگو 2002-يىلى چاغاندىن كېيىن قارادۆۋە بازىرى (ئەينى ۋاقىتتىكى قارادۆۋە يېزىسى) غا دېلو بېجىرگىلى بارغاندا شۇ ۋاقىتتىكى ئاقتۇر كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قادىر ئابدۇرېھىم بىلەن تونۇشقان ئىدى. جەي جيەنگو دېلو بېجىرىش جەريانىدا قادىر ئابدۇرېھىم ئۇنىڭ خىزمىتىگە پائال ماسلاشقان ھەمدە ئۇنى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلغان ئىدى. جەي جيەنگو مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى، ئاددىي-ساددىلىقى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

    ئاقتۇر كەنتى نامرات كەنت بولۇپ، قادىرنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىمۇ دېگەندەك ياخشى ئەمەس ئىدى.

    ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن جەي جيەنگودا قادىر ئائىلىسىگە ياردەم بېرىش ئويى تۇغۇلدى، ئۇ ئۆيىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئەينى ۋاقىتتا جەي جيەنگونىڭ كىرىمى ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، ھەر ئايدا تېجەشلىك ئائىلە باشقۇرۇپ، قادىر ئائىلىسىگە ئۇن، گۈرۈچ، ماي قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ بەردى، ھەر قېتىملىق بايرامدا قادىر ئائىلىسىدىكىلەرمۇ جەي جيەنگونىڭ ئۆيىگە بېرىپ يوقلاپ تۇردى، شۇنداق قىلىپ ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يېقىنلاشتى.

    جەي جيەنگونىڭ ياردىمىدە قادىر ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. قادىر مۇنداق دېدى: جەي ئاكامنىڭ ياردىمىدە تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، بەخت تۇيغۇمىز ئاشتى.

    كەنت ئاھالىسى رىشىت ئابدۇللا مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن باشلاپ كەنتتىكىلەرنىڭ جەي جيەنگوغا ئوخشاش قوشماق تۇغقىنى بار بولدى، كۆپچىلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك دائىم ئالاقە قىلىپ، ئۆزئارا ياردەمدە بولدى، تۇرمۇشىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىشىگە ئىشىنىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ