9-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ساڭفاڭگۇ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، سايباغ رايونلۇق تەزكىرە ئىشخانىسى، سايباغ رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە سايباغ رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» باش تېمىسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى سايباغ رايونى ساڭفاڭگۇ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ساڭيۈ مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلدى، ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكىلىق شېئىر دېكلاماتسىيە قاتارلىق بىر قاتار سەرخىل نومۇرلار مەھەللىدىكى ئاممىغا خۇشاللىق بېغىشلىدى. 【تەپسىلاتى】

«بايكا، مېنىڭ ئۆز ئاكام»

ۋاڭ جيەنچياڭ بىلەن تۇغقانلاشقان ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، بايكا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ يەم-خەشەك ئېلىپ، قىغلارنى توشۇپ، يەرلىرىنى ئاغدۇرۇپ ئۇرۇق سېلىشىپ، سۇ يوللىرىنى رېمونت قىلىشىپ بەردى... بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ۋاڭ جيەنچياڭنىڭ كۆڭلىگە مەھكەم ئورنىدى، ئۇ ھەر قېتىم بايكانى تىلغا ئالغاندا ئۇنى تەرىپلەپ: بايكا مېنىڭ ئۆز ئاكام، مەن ئۇنىڭغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، دەيدۇ. بايكا ۋاڭ جيەنچياڭغا پات-پات تېلېفون بېرىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرىدۇ، ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مېھرىمۇ بارغانسىرى قويۇقلاشتى. ۋاڭ جيەنچياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، كۈنلىرىمنىڭ بارغانسىرى ياخشى بولۇشىغا ياردەم قىلىۋاتقان ئاكامغا رەھمەت! 【تەپسىلاتى】

سۇ نېمىشقا شۇنچە تاتلىق

2020 - يىلى 6 - ئايدا، شىنجاڭ نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردى، 1 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بۇ تۇپراقتا، سۇ توغرىسىدا يېپيېڭى بىر ئەسلىمە باشلاندى! 【تەپسىلاتى】

بىر جاينىڭ سۇ، تۇپرىقىنى ئالماشتۇرۇپ، شۇ جاينىڭ پۇقرالىرىنى بېيىتىش

قاتار - قاتار رەتلىك ئولتۇراق بىنالار، تۈز، كەڭرى يوللار، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتلىرى، كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان چىرايلارنى ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ... 【تەپسىلاتى】

كۆز ئالدىمىزدىكى تۇرمۇش نەچچە ئەۋلاد كىشىنىڭ ئارزۇسى

«كۆچۈپ چىقالايدىغان بولۇش، قالالايدىغان بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان بولۇش، كاپالەتكە ئىگە بولۇش» تەلىپى بويىچە، ئاقتاش بازىرى كەسىپلەرنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتتى، كۆچۈرۈلگەن ئامما چوڭ قەدەمدە ھاللىق تۇرمۇشقا ئاتلانماقتا. 【تەپسىلاتى】

«قىرتاق سۇ» بىلەن خوشلىشىش

بۇ يىل يازدا، پەيزاۋات ناھىيەسىنى ئاساس قىلغان ئەڭ ئاخىرقى 15 مىڭ 300 ئادەم «خاتىرجەم سۇ» ئىچتى، بىر مەيدان تارىخىي خاراكتېرلىك غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەرمەكتە: جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قۇرغاقچىلىق رايونى شىنجاڭدا ھەممە ئائىلىلەردە تۇرۇبا سۈيى بار بولدى. 【تەپسىلاتى】

كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى قۇرۇلدى

5-ئاينىڭ 29-كۈنى، كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، بۇ، كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئاپپارات ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ ماھىيەتلىك باسقۇچغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

كېرىيە لۇڭخۇ سۇلۇق يەر باغچىسى ھاياتىي كۈچكە تولدى

كۆلىمى 83 مىڭ گېكتار كېلىدىغان كېرىيە ناھىيەسى لۇڭخۇ سۇلۇق يەر باغچىسىدا توغراق، يۇلغۇن، قوڭغۇراقتىكەن، قومۇش قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر بار بولۇپ، قارا لەيلەك، سۇر لەيلەك، چوڭ ئاق قۇ قاتارلىق ياۋايى قۇشلارنى بۇ جايدا كۆپىيىپ، ياشاشقا كۆپلەپ جەلپ قىلدى.

شىنجاڭ باركۆل: 6-ئايدىكى تىيانشانغا كۈمۈش تون كىيدۈرۈلدى

2020-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭ قومۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تىيانشاننى بويلىغان تەرىپىدە قار يېغىپ، تېمپىراتۇرا تۆۋەنلەپ، 6-ئايدىكى تىيانشان بىر قەۋەت كۈمۈش تون بىلەن ئورالدى.

دۇنيا مۇھىت كۈنىنى كۈتۈۋېلىش

6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى دۇنيا مۇھىت كۈنىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، مۇھىت ئاسراش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنى تەبىئىي مۇھىتنى ئاسراپ، گۈزەل ماكانىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى سىجىل ياخشىلاندى

6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى 2019 - يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇھىت سۈپىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخباراتنى ئېلان قىلىپ، 2019 - يىللىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش خىزمىتى ئەھۋالى ۋە 2020 - يىللىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئاخباراتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى سىجىل ياخشىلانغان.

6-ئايدىكى تىيانشان بوغدا كۆلى: زۇمرەتتەك سۇ، كۆپكۆك ئاسمان بىر پارچە گۈزەل سۈرەتكىلا ئوخشايدۇ

6-ئايدا ھاۋا ئىسسىپ كېتىدۇ، ئەمما سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرى چېگرىسى ئىچىگە جايلاشقان تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ئەكسىچە كىشىگە ئىنتايىن سالقىن تۇيۇلىدۇ. ئاپئاق بۇلۇت، كۆپكۆك ئاسمان، زۇمرەتتەك سۇ، دىللارغا ئارام بەرگۈچى مەيىن شامال، سۇ يۈزىدىكى دولقۇن ياكى سەيلە كېمىسىدە كۆلنى ئايلىنىش بولسۇن، ھەممىسىدە تەبىئەتنىڭ مىسىلسىز گۈزەللىكى مۇجەسسەملەنگەن.

خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرى ھەممە ئائىلىنى يورۇتتى

  قەتئىي تەۋرەنمەي شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات-تەرەققىيات يېڭى مېلودىيەسىنى ياڭرىتىش

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىپ، نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە كۈچىشى كېرەك.

يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش گۈزەل تۇرمۇش ياراتتى

ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. 2017- يىلى 4- ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى باشلىدى، شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا كېڭىيىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلدى.

[سەھىپە ئۇچۇرى ] باش نازارەتچى، مەسئۇل مۇھەررىر: مۇتەللىپ ئابدۇقادىر، مۇھەررىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان ، قۇربانجان قېيۇم، بەت ياسىغۇچى: ئىمام تۇردى