تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

بېيىش باشلامچىسى  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئادىمى

 − ئامما بىلەن قەلبداش كەنت كادىرى چىڭ شيۇپېڭ توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن

«مەن ھېچقانداق چوڭ ئىش قىلمىدىم، پەقەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىلا قىلدىم. مەن داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ھەربىر ئادەتتىكى ئىشنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن.» 10- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئۆزىنىڭ «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى» نامىغا ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالغاندا، چىڭ شيۇپېڭنىڭ ھاياجانلىق سۆزلىرىدىن سەمىمىيلىكى چىقىپ تۇراتتى.

بورتالا شەھىرى دالتۇ بازىرى دۇتا ئۇبو كەنتىدە، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چىڭ شيۇپېڭ تىلغا ئېلىنسا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى باش بارمىقىنى چىقىرىدۇ. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەزەرىدە ئۇ كۆپچىلىكنى بېيىشقا يېتەكلەيدىغان ياخشى شۇجى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ «ئۆز ئادىمى».

بۇ يىل 63 ياشقا كىرگەن چىڭ شيۇپېڭ دائىم بىر جۈملە سۆزنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدۇ: «بىر كەنت كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامما بىلەن قەلبداش بولۇشتا، جەزمەن قەلبىدە ئامما بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك».

چىڭ شيۇپېڭ سىچۇەن شىچۇڭدا تۇغۇلغان، 1981- يىلى، ئۇ دۇتا ئۇبو كەنتىگە كېلىپ يىلتىز تارتقان. ئۇ كىشىلەرگە سەمىمىي بولۇپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىپ، دائىم كەنت ئاھالىلىرىگە تېرىقچىلىق تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىپ، تەدرىجىي ھالدا يۇرتداشلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

1990- يىلى، 34 ياشلىق چىڭ شيۇپېڭ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى. ئون يىلدىن كېيىن، ئۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.

«پەقەت ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلغاندىلا ئاندىن ھوسۇلنى ئاشۇرۇپ، كىرىمنى كۆپەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ.» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش چىڭ شيۇپېڭنىڭ كۆڭلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش.

كەنت ئاھالىسى قايىماخۇننىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكىسى كەمچىل بولغاچقا، ھەر يىلى زىيان تارتاتتى، ئىككى ئېغىزلىق كونا ئۆيىدە يامغۇر ياغسىلا ئولتۇرۇشقا مۇمكىن بولمايتتى. چىڭ شيۇپېڭ بۇلارنى كۆرۈپ كۆڭلى تىت - تىت بولدى.

2004 - يىلى، چىڭ شيۇپېڭ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت ئېتىزى ۋە ھۆددە ئالغان يېرىدىن 40 مو يەرنى قايىماخۇننىڭ تېرىشىغا ئايرىپ بېرىشنى قارار قىلدى، يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇل چىقىرىپ ئۇرۇقلۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەردى. قايىماخۇنمۇ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشەنچ تىكلەپ، چىڭ شيۇپېڭدىن زىرائەت پەرۋىش قىلىشنى ئۆگەندى. شۇ يىلنىڭ يىل ئاخىرى، قايىماخۇن چىڭ شيۇپېڭدىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇپ بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، قايىماخۇننىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، كىرىمى يىلدىن - يىلغا ئېشىپ، يېڭى ئۆي سالدى. چىڭ شيۇپېڭ تىلغا ئېلىنسا، قايىماخۇن ھەر دائىم مىننەتدارلىقىنى سۆزلەپ تۈگىتەلمەيدۇ: «مېنىڭ ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشۇم چىڭ شۇجىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇ ئائىلىمىزنىڭ شەپقەتچىسى، بىزنىڭ تۇغقىنىمىز».

كەنت ئاھالىسى ئامانگۈل قانداقلا ئىش بولسا بىرىنچى ۋاقىتتا چىڭ شيۇپېڭغا ئېيتاتتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، چىڭ شيۇپېڭ شۇجى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ ئاتىسىغا ئوخشايتتى.

1993- يىلى، ئەمدىلا توي قىلغان ئامانگۈل يەر تېرىش تەجرىبىسى بولمىغاچقا، يەرنى ساقلاپ يېتىپمۇ پۇل تاپالمىدى، تۇرمۇشىمۇ ئاستا - ئاستا نامراتلىشىپ كەتتى. چىڭ شيۇپېڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئامانگۈلنى ئىزدەپ تېپىپ مۇنداق دېدى: «قىزچاق قانداق قىيىنچىلىقىڭىز بولسا مېنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ، مەن سىزگە ياردەم قىلىمەن».

چىڭ شيۇپېڭنىڭ قولمۇقول يېتەكلىشىدە، ئامانگۈل ناھايىتى تېزلا يەر تېرىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىدى، كىرىمى بارغانسېرى ئېشىپ، يېڭىدىن خىش ئۆي سېلىپلا قالماي، يەنە بورتالا شەھىرىدىن بىنا ئۆي سېتىۋالدى.

«چىڭ شۇجىنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمىنى نەچچە كېچە - كۈندۈز سۆزلەپمۇ تۈگىتەلمەيمەن، ئۇ مېنىڭ دادامغا ئوخشايدۇ، ماڭا ياردەم قىلىپلا قالماي، يەنە ماڭا غەمخورلۇق قىلدى، مەن كۆڭلۈمدە ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلدىم» دېدى ئامانگۈل تەسىرلەنگەن ھالدا.

30 نەچچە يىلدىن بۇيان، چىڭ شيۇپېڭ ساپ قەلبى، شەخسىيەتسىز نىيىتى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. ھەتتا ئۇنىڭ سىچۇەن شىۋىسىدىكى سۆزلىرىمۇ كەنت ئاھالىلىرى چۈشىنەلەيدىغان يېقىملىق شىۋە بولۇپ قالدى. «كەنتتىكى نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭ سىچۇەن شىۋىسىدىكى سۆزلىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان، نەدىمۇ چۈشىنەلمەيدىغان ئىش بولسۇن، ھەر كۈنى چىڭ شۇجىنىڭ سىچۇەن شىۋىسىدىكى سۆزلىرىنى ئاڭلىساق، كۆڭلىمىز ناھايىتى تەسكىن تاپىدۇ» دېدى كەنت ئاھالىلىرى كۈلۈپ تۇرۇپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ