تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ پورتلىرىدا تاموژنىدىن ئۆتۈش تېخىمۇ قولايلاشتى

تۇنجى تاموژنا - تۆمۈريول يېڭى سىستېمىسى كەسپى قورغاستا سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى

شىنجاڭ پورتلىرىدا تاموژنىدىن ئۆتۈش تېخىمۇ قولايلاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، شىنجاڭ پورتلىرىنىڭ تۇنجى تاموژنا - تۆمۈريول يېڭى سىستېمىسىنىڭ ئېكسپورت كەسپى قورغاس تۆمۈريول پورتىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىنغان ھەم يۈك توشۇلۇپ، چېگرادىن چىققان. بۇ، تاموژنا بىلەن تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات يولىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئىككى تەرەپ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىنىپ، پورتتا تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش دەرىجىسىنىڭ يەنىمۇ ئۆستۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تاموژنا - تۆمۈريول يېڭى سىستېمىسى تاموژنىنىڭ ئامبار تالونى، توشۇش قورالى تۆمۈريول تارماق سىستېمىسى ۋە تۆمۈريول رەقەملىك پورت قوللىنىش سىستېمىسىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، تاموژنا باش مەھكىمىسى بىلەن جۇڭگو دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قوللانغان مۇھىم، زور تەدبىرى. بۇ سىستېما بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول پورتلىرىدا رەسمىي تورغا چىقىرىلىدۇ.

يېڭى سىستېما تاموژنا، تۆمۈريول، كارخانىلارنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئۈچ تەرەپ ئارىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرىدۇ. سانلىق مەلۇماتنى ئۆزئارا دەلىللەش ئارقىلىق، نەق مەيداندىكى ئادەملىك مەشغۇلات ھالقىسىنى ئازايتىپ، مەشغۇلات ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرغىلى بولىدۇ.

«بۇنىڭدىن ئىلگىرى توشۇش قورالىنى ئىلتىماس قىلىش تالونى قەغەز تالون بويىچە ئىلتىماس قىلىناتتى. يېڭى سىستېما تورغا چىقىرىلغاندىن كېيىن، توشۇش قورالى ئىلتىماسىنى ئېلېكتىرونلۇق ئىلتىماس ئارقىلىق بېجىرگىلى بولىدۇ. ھەم ئامبار تالونى ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇماتى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، توشۇش قورالىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ. تاموژنا ۋە تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتنى ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى زور دەرىجىدە تېزلىتىلىپ، پورتلارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بېسىمى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىلىپ، تەۋەلىك جاينىڭ مال توپلاش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ.» قورغاس تاموژنىسىدىكى خىزمەتچى خادىم يۈ ۋېنجىڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئەندىزىگە تايانغاندا، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش فۇنكسىيەسى يەنىمۇ گەۋدىلىنىپ، لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى