تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كورلا شەھىرى «2020 جۇڭگو بويىچە ئەڭ يېشىللاشقان 100 گۈزەل ناھىيە، شەھەر» قاتارىغا كىردى

 كورلا شەھىرى كۆنچى دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى يېشىللىققا پۈركەندى(5-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان).  يېقىندا، «2020 جۇڭگو بويىچە ئەڭ يېشىللاشقان 100 گۈزەل ناھىيە، شەھەر» تىزىملىكىدە، كورلا شەھىرى 15-ئورۇنغا تىزىلىپ، بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان شىنجاڭدىكى بىردىنبىر ناھىيە، شەھەر بولۇپ قالدى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز جاۋ شۇاڭ، چۆ.خۇرە خەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا، «2020 جۇڭگو بويىچە ئەڭ يېشىللاشقان 100 گۈزەل ناھىيە، شەھەر»نىڭ رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى ياخشى بولغان شەھەر يېشىل ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مەملىكەت بويىچە 2000دىن ئارتۇق ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇن ئىچىدىن تاللىنىپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ يېشىللاشقان 100 گۈزەل ناھىيە، شەھەر تىزىملىكىدە 15-ئورۇنغا تىزىلىپ، بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان شىنجاڭدىكى بىردىنبىر ناھىيە، شەھەر بولۇپ قالدى.

  كۆنچى دەرياسى، ئاق قۇ دەرياسى، كاككۇك دەرياسى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئەتىياز، ياز پەسىللىرىدە ئىككى قىرغاق يېشىللىققا پۈركىنىدۇ، قىش پەسلىدە ياۋا ئاق قۇلار بۇ يەرگە ماكانلىشىپ، ئادەم بىلەن جانۋارلار ئىناق ئۆتىدىغان گۈزەل كۆرۈنۈشنى ھاسىل قىلىدۇ. كورلا شەھىرى «2020 جۇڭگو بويىچە ئەڭ يېشىللاشقان 100 گۈزەل ناھىيە، شەھەر» تىزىملىكىدىن ئورۇن ئېلىپ، «مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەلىك شەھەر بەرپا قىلىش» ئىدىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  ۋاڭ چېڭ ئاق قۇ دەرياسى مەنزىرە رايونى ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بوش ۋاقىتلىرىدا خوتۇنى بىلەن دەريا بويىغا بېرىپ سەيلە قىلاتتى. «كورلا شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقانلىقىمدىن ناھايىتى رازى بولىمەن، بۇ يەرنىڭ مەنزىرسى گۈزەل، مېنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ ياخشى» دېدى ۋاڭ چېڭ كورلىنى ماختاپ تۇرۇپ.

  «يېشىل دائىرە»نى كېڭەيتىش، «يېشىل سىزىق»نى ئۆستۈرۈش، «يېشىل نۇقتا» بەرپا قىلىش... كورلا شەھىرى «مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەلىك شەھەر بەرپا قىلىش» ئىدىيەسىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يېشىللىقنى كۆپەيتىش، يېشىللىقنى تولۇقلاش، رەڭدارلىقنى بېيىتىش ئارقىلىق باغۋارانلاشقان شەھەرنىڭ «يېڭى يەر بەلگىسى»، «مەنزىرە بەلبېغى»، «ئالتۇن ماركا»سىنى بەرپا قىلىپ، شەھەر ئوبرازىدا يېڭى ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.

  2019-يىلىغا قەدەر، كورلا شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇپ تاماملانغان رايونىدىكى تۈرلۈك يېشىللىق ئومۇمىي كۆلىمى 2996.57 گېكتارغا، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش كۆلىمى 3217.7 گېكتارغا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان باغچىلاشقان يېشىللىق كۆلىمى 9.34 كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر دۆلەتنىڭ باغۋارانلاشقان شەھەر ئاساسىي كۆرسەتكۈچىنىڭ تەلىپىدىن ئېشىپ كەتتى.

  «بىز تەبىئىي ئورمان رايونىنى قوغداش سالمىقىنى، ئېتىز-ئېرىق ئىھاتە ئورمىنى ۋە گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق زورايتىپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرالغۇ مۇھىتى يارىتىپ، نەشپۈت شەھىرىنى باشتىن-ئاخىر يېشىللىققا تولدۇرىمىز» دېدى كورلا شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يىجى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى