تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇرتداشلارنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى ئۇنتۇماسلىق يۇرتداشلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەش

− مەكىت ناھىيەسى قۇمقۇسار يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، تۆۋەن خادىلىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يىڭجيې توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

«خۇاڭ شۇجى دائىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئويلاپ تۇرىدۇ» دېدى مەكىت ناھىيەسى قۇمقۇسار يېزىسى تۆۋەن خادىلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىمىن نامەت 9- ئاينىڭ 26- كۈنى.

ئىمىن ئېيتقان خۇاڭ شۇجى مەكىت ناھىيەسى قۇمقۇسار يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، تۆۋەن خادىلىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يىڭجيې ئىدى.

 «بۇ مېھىر - شەپقەتنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇيالمايمەن»

«كەنتكە يېڭىلا كەلگەندە، مەن ئىنتايىن نامرات ئىدىم، يۇرتداشلار ماڭا يېمەك - ئىچمەك بەردى، ماڭا تۇرىدىغان جاي بەردى، بۇ مېھىر - شەپقەتنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇيالمايمەن.» خۇاڭ يىڭجيې كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياردىمىدە 80 مو قاقاسلىقنى ھۆددىگە ئالغانلىقىنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۇنىڭ پۇل تېپىپ ئاندىن ھۆددە ھەققىنى تۆلىشىگە قوشۇلغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

شۇنداق قىلىپ، يۇرتداشلارنىڭ خالىس ياردىمىدە، خۇاڭ يىڭجيې ئاستا - ئاستا قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋالدى ھەم كېۋەزنى ئىلمىي تېرىشقا تايىنىپ بېيىدى.

«مېنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشقا ئېرىشىشىمنىڭ ھەممىسى يۇرتداشلارنىڭ خالىس ياردىمىدىن بولغان.» بېيىغاندىن كېيىن، خۇاڭ يىڭجيې كەنتتىكىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

2006- يىلى كەنتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، چوڭ تىپتىكى دېھقانچىلىق ماشىنا - ئۈسكۈنىلىرى ئاساسەن يوق ئىدى. خۇاڭ يىڭجيې قىلچە ئىككىلەنمەيلا ئۆي سېلىشقا تەييارلاپ قويغان پۇلىنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىپ، بىر قىسىم پۇلنى يەنە تۇغقانلىرىدىن قەرز ئېلىپ، باشلامچىلىق بىلەن «دۇڭفېڭ» ماركىلىق 104 زور ئات كۈچىلىك تىراكتوردىن بىرنى ۋە 504 ئوتتۇرا تىپتىكى تىراكتوردىن بىرنى سېتىۋالدى. كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى پۇل بەرسۇن - بەرمىسۇن، خۇاڭ يىڭجيې ئۇلارنىڭ يەر ئاغدۇرۇشىغا ياردەملەشتى.

2008- يىلى خۇاڭ يىڭجيې تۆۋەن خادىلىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلاندى. ئۇ مەبلەغ غەملەپ كەنتتىكى ئۆستەڭ، تومىلارنى يېڭىدىن ياسىتىپ، رېمونت قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ سۇغىرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلدى.

2011- يىلى، خۇاڭ يىڭجيې پۈتۈن كەنتتىكىلەرگە يول ياساشنى تەشەببۇس قىلدى، ئۇ باشلامچىلىق بىلەن 5000 يۈەن چىقاردى، باشقا كەنت ئاھالىلىرى كۆپ بولغاندا 300دىن 500 يۈەنگىچە، ئاز بولغاندا 30 دىن 50 يۈەنگىچە چىقاردى، ناھايىتى تېزلا 50 مىڭ يۈەن غەملىنىپ، ئىككى كىلومېتىرلىق ئاسفالت يول ياسالدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يول كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تىرانسپورت بىلەن شۇغۇللىنىشى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشىدىكى «بېيىش يولى»غا ئايلاندى.

 «پەقەت تىرىشىپ ئىشلىسىلا قۇتۇلغىلى بولمايدىغان نامراتلىق يوق»

خۇاڭ يىڭجيې «يانچۇقىدا پۇل بولۇش، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش»نىڭ ئاممىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. خۇاڭ يىڭجيې بەنزە ئەزالىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، بىردەك كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يانچۇقىنى تومپايتىشتا ئاساسلىقى يەنىلا كەنت ئاھالىلىرى ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك، دەپ قارىدى.

كېۋەز تۆۋەن خادىلىق كەنتىدىكى ئاساسلىق زىرائەت. ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشقا كۆزى قىيمايتتى، كېۋەز تېرىغاندا خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەتمەيتتى. مو بېشى ھوسۇلى بىر قەدەر تۆۋەن ئىدى. خۇاڭ يىڭجيې كادىرلارنى باشلاپ ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ خىزمەت ئىشلىدى، يەنىلا بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى بۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالمىدى، خۇاڭ يىڭجيې ئۇلارغا مۇنداق دېدى:«بۇ يىل سىلەرنىڭ خىمىيەۋى ئوغۇتىڭلارنى مەن ئېلىپ بېرەي، ئەگەر ئۈنۈمى ياخشى بولسا، خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ پۇلىنى بېرىڭلار، ئەگەر ئۈنۈمى ياخشى بولمىسا، مەن سىلەردىن پۇل ئالمايمەن».

خۇاڭ يىڭجيېنىڭ تۈرتكىسىدە كەنتتىكى ھەممە ئائىلە كېۋەزلىكىنى ئوغۇتلىدى، شۇ يىلى پۈتۈن كەنتنىڭ پاختا مو بېشى ھوسۇلى ئەسلىدىكى 200 كىلوگىرامدىن 260 كىلوگىرامغا كۆپەيدى، ھازىر پۈتۈن كەنتنىڭ پاختا مو بېشى ھوسۇلى 400 كىلوگىرامدىن ئاشتى.

قۇرۇق سۆزدىن ئەمەلىي ئىش ياخشى. 2009- يىلى خۇاڭ يىڭجيې ياڭاقنىڭ پايدىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ھەم شۇ جايدا ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقاپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ياڭاقچىلىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلىدى. دەسلەپتە بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى ياڭاقنىڭ پايدىسى ئۇزاقتا كۆرۈلىدۇ، پۇل تاپقىلى بولمايدۇ، دەپ ئەنسىرىگەندە ئۇ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى باشلاپ «ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى» بەرپا قىلدى.

ئۈچ يىلدىن كېيىن ياڭاق مېۋىگە كىرىپ، مو بېشى كىرىمى 896 يۈەنگە يەتتى، كەنت ئاھالىلىرى پايدىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن بەس - بەستە ياڭاق تىكىشكە باشلىدى. ياڭاقچىلىق كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىش ئۈچۈن، خۇاڭ يىڭجيې يەنە 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرز ئېلىپ، 600 مودىن ئارتۇق يەردە ياڭاقزارلىق بەرپا قىلدى. ھازىر پۈتۈن كەنتنىڭ ياڭاقلىق كۆلىمى 2000 موغا يەتتى.

«پەقەت تىرىشىپ ئىشلىسىلا قۇتۇلغىلى بولمايدىغان نامراتلىقنىڭ يوقلۇقىغا ئىشىنىمەن» دېدى خۇاڭ يىڭجيې.

 «مەن بار، سىلەر خاتىرجەم بولۇڭلار»

«شىنجاڭغا كەلگەن 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، 2013- يىلى 6- ئاينىڭ 28- كۈنى ياققان ئاشۇ مۆلدۈر پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ» خۇاڭ يىڭجيې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا كېۋەز غوزىلىغان بولۇپ، ئەسلىدە مول ھوسۇلنى كۈتۈپ تۇرغانىدۇق. ئەمما شۇ مۆلدۈر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىر يىللىق تىرىشچانلىقىنى يوققا چىقاردى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى يىغلاپ كەتتى.

«مەن بار، سىلەر خاتىرجەم بولۇڭلار.» خۇاڭ يىڭجيېنىڭ سۆزى كەنت ئاھالىلىرىنى خاتىرجەم قىلدى. ئۇ دەرھال كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزە ئەزالىرىنى باشلاپ كەنت ئاھالىلىرىنى ئاپەتتىن كېيىنكى ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىدى، بىر ھەپتە ۋاقىتتا، پۈتۈن كەنتتىكى 5000 مودىن ئارتۇق ئاپەتكە ئۇچرىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ ھەممىسىگە كەنجى كۆممىقوناق تېرىلدى. ئۇ ھەم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە ياردەملەشتى.

«كەنت كادىرلىرىنىڭ گەرچە ۋەزىپىسى يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن ھەر بىر سۆز ھەرىكىتىنى ئامما كۆرۈپ تۇرىدۇ، كۆڭلىگە پۈكۈپ قويىدۇ، كادىرلاردا توغرا كەيپىيات بولغاندىلا يۇرتداشلار قايىل بولىدۇ.» يېزا خىزمىتى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلاردەك بولسىمۇ، كىچىك ئىش يوق. ئاممىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا خۇاڭ يىڭجيې باشتىن - ئاخىر «ئادىل ئىش قىلىش» پوزىتسىيەسى بىلەن ئىش بېجىردى.

ھازىر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2006- يىلىدىكى 3000 يۈەندىن 2018- يىلىدىكى 11 مىڭ 160 يۈەنگە كۆپەيدى. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان كەنتتە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختالغاندا، يۇرتداشلار مۇنداق دېدى: «ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشتە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە، يەنە پارتىيە بىزگە ئەۋەتكەن ياخشى شۇجى خۇاڭ يىڭجيېغا تاياندۇق».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى