تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى

6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى شېنجېن كەسىپلەر باغچىسىدىكى بىر كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە توك چۆگۈن قۇراشتۇرماقتا. نۆۋەتتە بۇ كارخانا بىر كۈندە 7000 - 6000غىچە توك چۆگۈن ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولۇپ، ئەتراپتىكى ھەرقايسى يېزا - بازارلاردىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلدى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى)

[ئىستون سۆزى]​

بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «ئەتراپلىق، دىيالېكتىكىلىق، يىراقنى كۆرىدىغان نەزەر بىلەن ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.» شىنجاڭ گېزىتىدە بۈگۈندىن باشلاپ «كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈش ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش» مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، تەشۋىق قىلىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلىشى، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىغا دائىر خەۋەرلەر بېرىلىدۇ.

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭ 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»نىڭ بېشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز نىشانلىق ئوق ئېتىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللاندى. بىر تەرەپتىن، «10مىليون ئىش ئورنىغا توردا خادىم قوبۇل قىلىش 100 كۈنلۈك مەخسۇس ھەرىكىتى» قاتارلىق بۇلۇت خادىم قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى سىجىل يولغا قويۇپ، توردا قوش تاللاش كېلىشىمى ئىمزالاشقا ئىلھام بەردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان خادىملارنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش دائىرىسىگە ۋاقتىدا كىرگۈزۈپ، «بىرگە بىر» ئىز قوغلاپ ياردەم بېرىپ - يۆلەپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىقلارنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق سوممىلىق تارقىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىگىلىك تىكلەش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش ئۈنۈم ئېففېكتىگە ئىگە. ئاپتونوم رايونىمىز ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى ۋە يولى قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇل ئوبيېكتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شەخسلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇل سوممىسىنى 200 مىڭ يۈەنگىچە ئۆستۈرۈپ، بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى سىياسەت تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى يۇرتىغا قايتىپ، يېزىغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەشكە، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىلھاملاندۇردى.

ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا، جەزمەن بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ئىمكانقەدەر ياردەم بېرىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىز ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بويىچە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسىنى قايتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قايتۇرۇش ئۆلچىمىنى كارخانا ھەم ئۇنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ئالدىنقى يىلى تاپشۇرغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنىڭ %100ىگىچە ئۆستۈردى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا بارلىق كارخانىلارغىچە كېڭەيتتى. 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگە قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 72 مىڭ كارخانا ئۈچۈن 790 مىليون يۈەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىپ، 1 مىليون 463 مىڭ ئىشچى - خىزمەتچىنى مەنپەئەتلەندۈردى.

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىلەرنى ماھارەت ئۆستۈرۈش، ئوڭاي ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىز مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىپ، كارخانا قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ كۆپ خىل شەكىلدىكى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشىنى سىجىل نۇقتىلىق قوللىدى، يېتەكلىدى، ھەم توردا تەربىيەلەش، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنى تەربىيەلەش، ئالىي مەكتەپ ۋە كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى، نامرات ئەمگەك كۈچلىرى، ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشسىزلار، مېيىپلەر قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش توپىغا قارىتا ھەقسىز تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقىنىغا بىر يىل توشقان، ئەمما ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خادىملارنى كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، نۆۋەتتە، 2700دىن ئارتۇق ئادەم بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولدى. ئاپتونوم رايونىمىز سۇغۇرتىغا قاتناشقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشسىزلىق كاپالىتى مەسىلىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىۋاتىدۇ، 2020 - يىلى 5 - ئايدىن 12 - ئايغىچە، 2019 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن كېيىن سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ بىر يىل توشمىغان ئىشسىز دېھقان ئىشلەمچىلەرگە قارىتا سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدىكى شەھەر تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ، ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدىغان ۋاقىتلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى ئايمۇئاي تارقىتىدۇ. شەھەر - بازارلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن ئوخشاش سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرغان ئىشسىز دېھقان ئىشلەمچىلەرگە سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاينىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ياكى ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى تارقىتىدۇ.

«بىز ئاپتونوم رايوننىڭ يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشكە دائىر بىرقاتار سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھازىر ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇپ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پائال كۆپەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنى ئىككى قولى بىلەن تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ