تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا قۇملاشقان يەرنىڭ كېڭىيىش يۈزلىنىشى ئۈنۈملۈك ئاستىلىتىلدى

«13- بەش يىل»دىن بۇيان 24 مىليون 660 مىڭ مو قۇملاشقان يەرنى تۈزەش تاماملاندى

شىنجاڭدا قۇملاشقان يەرنىڭ كېڭىيىش يۈزلىنىشى ئۈنۈملۈك ئاستىلىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ شياڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمان سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش قاتارلىق دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى تۈرلىرىگە تايىنىپ، قۇملاشقان 24 مىليون 660 مىڭ مو يەرنى تۈزىگەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بوستانلىق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئەھۋالى سىجىل ياخشىلىنىپ، قۇم - بورانلىق ھاۋا رايى سىجىل ئازىيىپ، قۇملاشقان يەرنىڭ كېڭىيىش يۈزلىنىشى ئۈنۈملۈك ئاستىلاپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن.

دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى تۈرلىرىگە تايىنىپ، ھازىر، شىنجاڭدا ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كارخانا تۈرتكە بولىدىغان، كۆپ سۇبيېكت قاتنىشىدىغان، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىنىدىغان قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش مېخانىزمى شەكىللەندى. قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونىمىز «ئەڭ قاتتىق»بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بوز يەر ئېچىش، تېرىلغۇ يەرنى قايتۇرۇش، سۇنى ئازايتىش، قۇدۇق بىلەن توكنى تەڭ تىزگىنلەشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش مىقدارىنى 1 مىليارد 800 مىليون كۇب مېتىر ئازايتتى؛ چۆللۈك يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، قۇملاشقان يەرلەردە دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونىدىن 43نى قۇرۇپ، كۆلىمىنى 8 مىليون 90 مىڭ موغا يەتكۈزدى، دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئورمىنىدىن 18 مىليون 750 مىڭ مونى يېڭىدىن كۆپەيتتى؛ 7 مىليون 346 مىڭ 800 مو يەردە سۈنئىي ئورمان ئەھيا قىلىش، 4 مىليون 445 مىڭ 500 مو يەردە تاغنى دائىرىلەپ ئورمان ئۆستۈرۈش، 4 مىليون 70 مىڭ مو يەرنى تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇشنى تاماملىدى، 11 مىليون مو ئوتلاقنى قاشالاش، 4 مىليون 190 مىڭ مو چېكىنگەن ئوتلاقنى تولۇقلاپ تېرىپ ياخشىلاش، 927 مىڭ مو يەرنى تېرىلغۇدىن ئوتلاققا قايتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

2016 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە، شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق 277 مىڭ مو يەردە قۇمنى تىزگىنلەپ ئورمان بىنا قىلىشنى، 543 مىڭ 400 مو يەردە قۇملۇقنى دائىرىلەپ ئورمان ئۆستۈرۈشنى تاماملىدى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىدىكى توغراقلىقنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قوزغىتىپ، تارىم دەرياسىدىكى «تۆت مەنبە، بىر غول» توغراقلىقنى ئاساسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، ئۈچ يىللىق يىرىك پىلان تۈزۈپ، ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، جەمئىي 8 مىليون مودىن ئارتۇق توغراقلىقنى كەلكۈن باشلاپ سۇغىرىشنى تاماملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆلەملەشكەن ئورمان بىنا قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كۆكيار، تارباغاتاي سارغۇسىن، كورلا لۇڭشەن، ئاقسۇدىن ئىبارەت تۆت جايدىكى مىليون مولۇق ئېكولوگىيەنى تۈزەش قاتارلىق بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك ئېكولوگىيە قۇرۇلۇش تۈرىنى ئارقا - ئارقىدىن قوزغاتتى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەنى ياخشىلاشتىكى تىپىك ۋەكىلگە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتجان يۇنۇس

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى