تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

لىنا: گۈللەرنى كۆڭۈل قويۇپ سۇغارغان «باغۋەن»

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چېن

چۆچەك شەھەرلىك 2- يەسلىنىڭ رۇس ئوقۇتقۇچىسى لىنا يەسلى مائارىپى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، باشتىن - ئاخىر يەسلى مائارىپى ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيۈپ كەلدى، ئۇ يەسلىدىكى ھەربىر بالىنى خۇددى ئۆز بالىسىدەك كۆرۈپ، ئاتا - ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.

يەسلى خىزمىتىدە ئىش تۈگىمەيدۇ، مۇرەككەپ، مۇئەللىملەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ مېھىر - مۇھەببەت، سەۋرچانلىق ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن ھەربىر بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

بىر قېتىم گىمناستىكا ئويناۋاتقاندا، سىنىپتىكى جېڭ يۈمېڭ ئىسىملىك بىر قورقۇنچاق بالا ئېھتىياتسىزلىقتىن ئىشتىنىغا سىيىپ قويۇپ، ئاپا دەپ يىغلىدى، لىنا ئالدىراپ - تېنەپ ئۆزىنىڭ چاپىنىنى سېلىپ جېڭ يۈمېڭنى ئوراپ كۆتۈرۈپ سىنىپقا ئېلىپ كىردى، ئۇ ئىسسىق سۇ بىلەن جېڭ يۈمېڭنى پاكىز يۇيۇپ، پاكىز ئىشتان ئالماشتۇرۇپ، جېڭ يۈمېڭغا: «بىزنىڭ جېڭ يۈمېڭ ئەڭ قالتىس!» دېدى. يىغلاۋاتقان جېڭ يۈمېڭ يىغىدىن توختاپ كۈلدى.

جېڭ يۈمېڭ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئاپىسىغا: «لىنا مۇئەللىم مېنىڭ يەسلىدىكى ئاپام» دېدى.

ئەقىللىق، ئوماق بالىلارنى ياخشى كۆرۈش ئەلۋەتتە ئاسان، ئەمما مىجەزى غەلىتە بالىلارنى ياخشى كۆرۈشتە بولسا تېخىمۇ ئانىلارغا خاس ئىنچىكىلىك بىلەن مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزۈشكە ۋە سەۋرچان بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.

لىنانىڭ سىنىپىغا ئىلگىرى چېن كۇن ئىسىملىك بىر رۇس بالا يۆتكىلىپ كەلگەن بولۇپ، كىچىكىدىنلا ئېغىر دەرىجىدە يىراقنى كۆرەلمەيتتى، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئاۋازىغا تايىنىپ باشقىلارنى پەرقلەندۈرەتتى. لىنا چېن كۇننىڭ بىرقەدەر ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغانلىقىنى، كۈلۈشنىمۇ، گەپ قىلىشنىمۇ ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بايقىدى.

لىنا چېن كۇننى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچ تۇرغۇزۇشى ۋە تۇرمۇشقا دادىل يۈزلىنىشىگە ياردەم بېرىشكە ئىرادە باغلىدى. ئۇ سىنىپتىكى كىچىك دوستلارنى چېن كۇنغا يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭغا دوستلۇقىنى ئىپادىلەشكە، كۆپچىلىكنى ئۆزئارا كۆيۈنۈش ۋە ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇردى.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، لىنا ئۇنىڭغا دادىل پىكىر قىلىشنى ئۆگىتىپ، ئۇنى توختىماي ئىلھاملاندۇردى، ئۇنىڭدا ئازراق ئىلگىرىلەش بولسىلا، لىنا ئۇنى قۇچاقلاپ، بېشىنى سىلاپ، بەدەن تىلى ئارقىلىق ئۇنىڭغا مۇئەللىمىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشىنى ھېس قىلدۇردى، لىنا يەنە پۈتۈن سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ ئالدىدا ئۇنى ماختىدى.

لىنانىڭ سەمىمىي ئەجىر سىڭدۈرۈشى بىلەن، چېن كۇن ئاخىر باشقىلار بىلەن ئارىلىشىدىغان بولدى، لىنا مۇئەللىمنىڭ سىنىپقا كىرگەندىكى ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىسىلا، ئۇ ھەمىشە ئوماق تەبەسسۇم قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالاھىدە، شۇنداقلا ئەڭ ساددا ئۇسۇلى بىلەن مۇئەللىمگە بولغان ئامراقلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بولدى.

ھازىر، چېن كۇن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: لىنا مۇئەللىمنىڭ ئاۋازى مەن ئاڭلىغان دۇنيادىكى ئەڭ يېقىملىق ئاۋاز، مەن بىر ئۆمۈر ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن.

چېن كۇنغا ئوخشاش بالىلار يەنە ناھايىتى كۆپ، لىنانىڭ يان تېلېفونىدا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سۈرىتى بار. ھازىر، لىنا يەنە يەسلى مائارىپىنىڭ بىرىنچى سېپىدە بالىلارغا كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلارنى سىزىشنى، بالىلار قوشاقلىرىنى ئېيتىشنى ئۆگىتىپ، ياردەمگە موھتاج بالىلارغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ.

مېھىر - مۇھەببەت بىر ئالتۇن ئاچقۇچ بولۇپ، بالىلارنىڭ قەلب كۆزنىكىنى ئاچالايدۇ، مېھىر - مۇھەببەت يەنە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەربىيەلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى. ئادەتتىكى ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە، لىنا مېھىر - مۇھەببەتنىڭ بارلىق تەربىيەنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزمەكتە. تۇغما ئەقىللىق بالىلارغا نىسبەتەن، ئۇ مەقسەتلىك ھالدا ئۇلارنىڭ پەزىلىتى، ئىرادىسىنى يېتىلدۈردى؛ ئىچ مىجەز بالىلارغا نىسبەتەن، ئۇ مېھىر - مۇھەببەت، سەۋرچانلىقى بىلەن ئاچقۇچ ياساپ ئۇلارنىڭ قەلب كۆزنىكىنى ئاچتى. لىنا بالىلارنىڭ ئويۇندىكى ھەمراھى، ئۆگىنىشتىكى مۇئەللىمى، تۇرمۇشىدىكى ئانىسى.

لىنا مۇنداق دېدى: «بالىلار دۇنيادا ئەڭ ساددا، ئەڭ ئاق كۆڭۈل كېلىدۇ، سىز ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئۇ چوقۇم سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. مەن بالىلارنىڭ ساغلام، خۇشال - خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەربىر بالا چوڭ بولىدۇ، لېكىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشتە يەنىلا مۇئەللىمى بىلەن ئاتا - ئانىسىنىڭ ئورتاق كۆيۈنۈشى بولمىسا بولمايدۇ».

لىنا كۆپ قېتىم چۆچەك شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك مائارىپ سىستېمىسى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ئۈلگىسى، مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرى بولۇپ باھالاندى، كۆپ قېتىم تارباغاتاي ۋىلايىتى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق 7-، 8-، 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى. 2013- يىلى 2- ئايدا، لىنا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى. 2014- يىلى 10- ئايدا، مەملىكەتلىك ئاياللار قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.

لىنا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئارزۇيۇم بۇ ئاددىي خىزمىتىمنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش».

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ