تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

2019- يىللىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى ئاخباراتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى ئېلان قىلغان 2019 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلانغان.

2019 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى يادرو قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراش بويىچە نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشىدىكى قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى پۇرسەت، دەپ بىلىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭى ۋە يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قاتارلىق تۆت مەيدان جەڭنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

2019 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت، ھاۋا سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن سەل ياخشىلانغان، دەريا ئېقىنلىرى ۋە شەھەر - بازارلاردىكى مەركەزلەشتۈرۈش شەكلىدىكى ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنىڭ سۇ سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئەلا بولغان، كۆل، ئامبارلارنىڭ سۇ سۈپىتى يېنىك دەرىجىدە بۇلغانغان، تۇپراق مۇھىتى سۈپىتىدە ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىق ساقلانغان، شەھەرنىڭ ئاۋاز مۇھىتى سۈپىتى بىرقەدەر ياخشى بولغان، رادىياتسىيە مۇھىتى سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولغان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغان، مۇھىت خەۋپ - خەتىرى ۋەزىيىتىدە مۇقىملىق ساقلانغان. خىمىيەلىك ئايروبىك مىقدارى، ئاممىياكلىق ئازوت، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، ئازوت ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.

2019 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە) تۇرۇشلۇق شەھەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئەلا سۈپەتلىك كۈن سانى نىسبىتى %71.4 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 2.4 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان؛ «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونىنىڭ ئوتتۇرىچە ئەلا سۈپەتلىك كۈن سانى نىسبىتى %74.0 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان؛ «كۈيتۈن - مايتاغ - شىخو» رايونىنىڭ ئوتتۇرىچە ئەلا سۈپەتلىك كۈن سانى نىسبىتى %84.9 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 5.2 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كۈن سانى نىسبىتى %75.9 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 2.0 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

2019 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەنگەن 78 دەريا ئېقىنىنىڭ 169 كەسمە يۈزىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك سۇ نىسبىتى %98.8 بولغان؛ كۆل - سۇ ئامبارلىرىنىڭ سۇ سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، قاناس كۆلى، بوغدا كۆلى، بەيياڭخې سۇ ئامبىرى قاتارلىق 22 ئېگىز تاغ كۆلى، سۇ ئامبىرى ۋە شەھەرلەردىكى يۇقىرى ئېقىن كۆل - سۇ ئامبارلىرىنىڭ سۇ سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان؛ كۆزىتىپ ئۆلچەنگەن 123 شەھەر - بازاردىكى مەركەزلەشتۈرۈش شەكلىدىكى ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنىڭ سۇ سۈپىتى %91.0 بولۇپ، ئۆلچەمگە يەتكەن، 14 ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ھۆكۈمەت (مەمۇرىي مەھكىمە) تۇرۇشلۇق شەھەرلەردىكى 32 مەركەزلەشتۈرۈش شەكلىدىكى ئىچىدىغان سۇ مەنبەسى ئىچىدە، سۇ سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى %87.5 بولغان؛ 76 ناھىيە بازىرى (رايون)دىكى 91 شەھەر - بازاردىكى مەركەزلەشتۈرۈش شەكلىدىكى ئىچىدىغان سۇ مەنبەسى ئىچىدە، سۇ سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى %92.3 بولغان.

2019 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۇپراق مۇھىتىنىڭ سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ھالەتنى ساقلاپ، سۈپىتى ئەلا بولغان. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئەندىزىسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغان. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى 28 (بىڭتۇەن تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى 15، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى 13 بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 180 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون كۆلىمىنىڭ %10.8ىنى ئىگىلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېقىشلىق كۈز مەنزىرىسى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى