تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

نەنتۇڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دوختۇرى ۋە ئۇنىڭ «قىزى»

  جۇڭگو ئاخبارات تورى شىنجاڭ، 9- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى (شۈ شىن): يېقىندىلا، نەنتۇڭدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر پەن خۇي يەنە بىر قېتىم قىزى شەرىپەنى يوقلاپ كەلدى.

  2016- يىلى 12- ئايدا، پەن خۇي نەنتۇڭ خەيمېن داۋالاش ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نەنتۇڭ شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شىنجاڭ غۇلجا ناھىيەسى خۇدىيايۈزى بازارلىق شىپاخانىغا ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشكە ياردەم بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئەنە شۇ مەزگىلدە، پەن خۇي ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن ھەمراھلىرى شىپاخانىدا داۋالىنىپ يېتىۋاتقان مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىچىك قىز شەرىپە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تونۇشتى. بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ بالىنىڭ كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن ئۆيىنى سېتىۋەتكەنلىك ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلار تەسىرلەنگىنىدىن بەس-بەستە ياردەم قىلىپ، 4000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى. ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى ئورۇندالغاندىن كېيىن، پەن خۇي خەيمېنگە قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ شەرىپەنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

  ھەر يىلقى ھېيت - بايراملاردا، پەن خۇي شەرىپەگە بالىلار رەسىملىك ئوقۇشلۇقى، بوياق قەلەم، خەت مەشىق دەپتىرى، قەلەم قاپچۇق قاتارلىق ئۆگىنىش بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەكلەرنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ، يەنە شەرىپەنىڭ ئاچىسىنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  بەلكىم شەرىپەگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى، تېخىمۇ كۆپرەكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھېسسىياتى بىلەن، 2019- يىلى 3- ئايدا، پەن خۇي تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشكىلگە يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلدى. دەم ئالغان ۋاقىتلىرىدا، ئۇ نەنتۇڭ داۋالاش ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى جاڭ جېنيۈ بىلەن بىرلىكتە شەرىپەنى يوقلاپ بېرىپ، پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملارنى ئىئانە قىلدى، يەنە دوختۇر ئۇقۇشۇپ، ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشقا ياردەملەشتى.

  6- ئاينىڭ 15- كۈنى، نەنتۇڭ ئېلان قىلىش، ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى قاتارلىق سۇپىلاردا «بىر قېتىملىق داۋالاش ھەرىكىتىدە، بىر ئۆمۈرلۈك مېھىر - مۇھەببەت غۇلجىغا چېچىلدى ــــــ نەنتۇڭلۇق دوختۇر ۋە شىنجاڭلىق كىچىك قىزنىڭ ھېكايىسى» تارقىتىلدى. «خەيمېن گېزىتى» مۇخبىرلارنى غۇلجىغا مەخسۇس ئىچكىرىلەپ زىيارەت قىلىشقا ئەۋەتتى، ئارقىدىن «بىر ئېغىز <ئاپا> دېگەن سۆز خەيمېنلىق ئايال دوختۇرنىڭ كۆزىنى ياشقا تولدۇردى» دېگەن خەۋەرنى ئېلان قىلدى، ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى سۇپىسى يەنە «جياڭسۇ خەيمېننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئايال دوختۇرى: ئۈچ قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سەپىرى، بىر ئۆمۈرلۈك غۇلجىغا مۇھەببەت»نى تارقاتتى. تەسىرلىك خەۋەرلەردىن شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر پەن خۇي دوختۇرنىڭ چوڭقۇر مېھىر -  مۇھەببىتىنى ھېس قىلدى، تېخىمۇ كۆپ مېھرىبان كىشىلەر شەرىپە ئائىلىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    10 مىڭ يۈەن، 5000 يۈەن، 2000 مىڭ يۈەن، 500 يۈەن ... ئارقا - ئارقىدىن قىلىنىۋاتقان بۇ ياردەملەردىن شەرىپەنىڭ ئاپىسى تەسىرلىنىپ كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىدى: «سىلەرگە كۆپ رەھمەت، بۇ ياخشىلىقلىڭلارنى قانداقمۇ قايتۇرارمەن .... » ئۇنىڭ لەۋلىرى گەپكىمۇ كەلمەي قالدى.

 

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى