تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

قەلب مېھىر - مۇھەببەت بىلەن قەدەمداش

− سانجى گېزىتخانىسى يۈن شياڭ بەت لايىھەلەش خىزمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما يۈ توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن

9- ئاينىڭ 28- كۈنى كەچ، سانجى شەھىرى جيەنگو يولى كوچا باشقارمىسى خېچاڭيۈەن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى شۈ ۋېي دوستلار چەمبىرىكىدە مۇنداق ئۇچۇر تارقاتتى: «بۇنداق ئېسىل ئويۇننى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، رەھمەت ما ھەدە!»

شۈ ۋېينىڭ «ما ھەدە» دېگىنى ئۇنىڭ بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان سانجى گېزىتخانىسى يۈنشياڭ بەت لايىھەلەش خىزمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما يۈ بولۇپ، يېقىندا «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

شۇ كۈنى، ما يۈ شۈ ۋېيگە مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ بېلىتىدىن ئىككىنى ئەكېلىپ بېرىپ، ئۇنى ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن سىمفونىيەنى نەق مەيداندىن ئاڭلاشقا مۇيەسسەر قىلدى.

ما يۈ ئىلگىرى سانجى گېزىتخانىسىنىڭ جەمئىيەت - خەلق تۇرمۇشى خەۋەرلىرىنى يازىدىغان مۇخبىرى ئىدى. شۇ يىللاردا، گېزىتخانىغا مەسىلە ئىنكاس قىلىدىغان ئامما كەلسىلا، كۆپچىلىك دېيىشىۋالغاندەكلا: «ما يۈنى ئىزدەڭ» دەيتتى. ئون نەچچە يىللىق مۇخبىرلىق ھاياتىدا، قانچىلىك ئاممىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى ما يۈ ئۆزىمۇ ئېنىق دەپ بېرەلمەيدۇ.

ما يۈ گېزىتخانىغا ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئاممىغا مېھىر - مۇھەببىتى ۋە ياخشى كۆڭلى بىلەن ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ھەر مىللەت ئامما تەرىپىدىن «خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ياخشى مۇخبىر» دەپ ئاتالدى. ئۇمۇ ئۆز قەلىمى ئارقىلىق ياردەمگە موھتاج قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشتۈردى، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي قاتلىمىدىن كەلگەن جانلىق ھېكايىلەرنى گېزىتتە كۆپلەپ ئېلان قىلدى. مۇشۇ يىللاردىن بۇيان، ئۇ ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان ياردەم تەلەپ قىلغۇچىلارغا ئۈن - تىنسىز پۇل ئىئانە قىلىپ كەلدى.

دېڭ خۇا سانجى شەھىرىدىكى بىر موزدۇز. 2008- يىلىنىڭ بېشىدا، دېڭ خۇانىڭ ئوغلى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدى، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاتمىسا ھاياتىغا خەۋپ يېتەتتى. لېكىن دېڭ خۇا 40 مىڭ يۈەن ئوپېراتسىيە ھەققىنى غەملەشكە ئىلاجسىز قالدى. ما يۈ بىلەن خىزمەتداشلىرى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئاۋۋال ئۆزلۈكىدىن پۇل ئىئانە قىلدى، ئارقىدىنلا ياردەم تەلەپ قىلىش توغرىسىدا خەۋەر يېزىپ، ناھايىتى تېزلا 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساخاۋەت پۇلى يىغىپ، بالىنىڭ ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئوڭۇشلۇق قىلىنىشىغا ياردەم قىلدى. بالا دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، دېڭ خۇانىڭ قاراڭغۇ، تار يەر ئاستى ئۆيىدە تۇرىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ما يۈ يەنە دېڭ خۇانىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلى ۋە ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەملەشتى. كېيىن، دېڭ خۇانىڭ ئوغلىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى، يەنە تېخى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى.

2008- يىلى 3- ئاينىڭ بىر كۈنى، ما يۈ شەھەر ئاھالىسى لى جيەنپىڭنىڭ ياردەم سوراپ قىلغان تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى، ئۇ تېلېفوندا ئېرى جاڭ شياۋمىڭنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى، ماس كېلىدىغان تىپنى تاپقان بولسىمۇ، ئوپېراتسىيە قىلدۇرىدىغان پۇلىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى. تېلېفوندا سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ما يۈ دەرھال زىيارەتكە باردى ھەم كېچىلەپ «قولىڭىزنى مەن تۇتاي» دېگەن خەۋەرنى ئېلان قىلدى. قىسقىغىنا نەچچە كۈندە ئىئانە قىلىنغان 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل جاڭ شياۋمىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۈمىد ئاتا قىلدى، لېكىن ئوپېراتسىيە ھەققىگە يەنىلا يەتمەيتتى. بۇ ۋاقىتتا، بىر قىزغىن شەھەر ئاھالىسى ما يۈگە ئۆزىنىڭ ناخشىچى لاۋ لاڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ سانجى شەھىرىدە ساخاۋەت پۇلى توپلاش ئويۇنى قويۇشقا ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ما يۈ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال بىر نەچچە مېھرىبان پىدائىي بىلەن بىرلىكتە، چوڭ تىپتىكى ساخاۋەت ئويۇنى پائالىيىتىنى تەشكىللەشكە ئاتلاندى. ئاخىرىدا، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، لاۋ لاڭ سانجى شەھىرىدە ساخاۋەت ئويۇنى قويدى.

2008- يىلى 4- ئاينىڭ 20- كۈنى كەچ ما يۈنىڭ بىر ئۆمۈر ئېسىدىن چىقمايدۇ. رىياسەتچى ساخاۋەت ئويۇنىدا 228 مىڭ يۈەن ساخاۋەت پۇلى يىغىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا ما يۈ يىغلىۋەتتى، لى جيەنپىڭمۇ يىغلىۋەتتى... شۇ دەقىقىدە، ما يۈ چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدى ۋە ئىپتىخارلاندى: بىر مۇخبىر، بىر پارچە خەۋەر بىر شەھەرنىڭ ئۇلۇغ مۇھەببىتىنى ئۇرغۇتالىدى، ئۇنىڭ كەسپى نېمىدېگەن مۇقەددەس - ھە!

ئارقىدىن، جاڭ شياۋمىڭغا قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە ئوڭۇشلۇق كۆچۈرۈلۈپ، ئۇ يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتى. سانجى شەھىرىدە ئۆلچەملىك تەشكىللەنگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى پىدائىيلار قوشۇنىمۇ بارلىققا كەلدى. «باشقىلارغا ياردەم بەرگەندە ئۆزىمىزنىڭ قەلبىمۇ ئىللىيدۇ» پىدائىيلار مۇلازىمىتى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سانجى تۇپرىقىدا يىلتىز تارتتى.

ئون نەچچە يىلدا، ما يۈ ھەر قېتىملىق مېھىر - شەپقەت ھەرىكىتىدە، ھاياتلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەندى، ھەر قېتىملىق جەمئىيەت ياردىمىدە ئۇلۇغ مۇھەببەتنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدى، بۇ ھەم ئۇنى ساخاۋەت يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ كەلدى.

ما يۈنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ مامكاپقا ئوخشاش مۇخبىر بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئوتلۇق قەلبى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ مۇھەببىتىنىڭ ئۇرۇقىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە چېچىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى