تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۆمۈرلۈك بۇرچۇم

− سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باش تەپتىش دىڭ ديەنچىن توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن

10- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باش تەپتىش دىڭ ديەنچىنگە تېلېفون بەرگەندە، ئۇ گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىدى بازىرى چوزا كەنتىدە قوشماقلاشقان تۇغقىنى ساتتار نىياز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ تېلېۋىزوردا بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆرۈۋاتقان ئىكەن. تېلېفوندا ئۇنىڭ ھاياجانلانغان ۋە شادلىققا چۆمگەن كەيپىياتىنى ھەقىقىي ھېس قىلغىلى بولاتتى.

ئۇنىڭ يېقىندا «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەنلىكى تىلغا ئېلىنغاندا، دىڭ ديەنچىن مۇنداق دېدى: «بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى تەپتىشلەرنىڭ شان - شەرىپى. شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ھەربىر كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى».

خىزمەت داۋامىدا، دىڭ ديەنچىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى خىزمىتىنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. ئۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەتراپىدىكى ئىشلار ئارقىلىق پۈتۈن مەھكىمىدىكى كادىرلارنى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەپ، تەربىيەلەپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پۈتۈن مەھكىمىدە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا قوللايدىغان، سەمىمىي، ئىتتىپاق بولغان ياخشى كەيپىيات ياراتتى.

10- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتە، ساتتار ئائىلىسى شادلىق كۈلكىسىگە تولغانىدى. شۇ كۈنى، دىڭ ديەنچىن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ ھەرخىل يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ، ئۆزى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان يەنە باشقا ئىككى ئائىلىنى ساتتار ئائىلىسىدە ئائىلە يىغىلىشى ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى. داستىخاندا، كۆپچىلىك بىر تەرەپتىن، تېلېۋىزوردىن تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ قايتا كۆرسىتىلىشىنى كۆرگەچ، بىر تەرەپتىن، ۋەتەندىكى زور ئۆزگىرىشلەر ھەمدە ئائىلىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە پاراڭلاشتى، بەخت ۋە خۇشاللىق ھەربىر كىشىنىڭ چېھرىدە جىلۋىلەندى.

دىڭ ديەنچىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چوزا كەنتىدىكى ئۈچ ئائىلە كىشىلىرى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقانىدى. تۇغقىنى پەتتار توقسۇن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆي قىيىنچىلىقى بار، ئوغلىنىڭ خىزمىتى يوق، تۇرمۇشى بىرقەدەر قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. دىڭ ديەنچىن پائال ماسلاشتۇرۇپ، بۇلتۇر پەتتار ئائىلىسىنىڭ ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەملەشتى، يەنە پەتتارنىڭ ئوغلىغا ياردەمچى ساقچىلىق ئىش ئورنىنى ماسلاشتۇرۇپ تېپىپ بەردى. تۇغقىنى ماناپ ئابدۇرېشىتنىڭ خوتۇنى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، دىڭ ديەنچىن دائىم يوقلاپ، كۆپ قېتىم ھال سوراش پۇلى يەتكۈزۈپ بەردى. بۇلتۇر، ساتتار بىر دوستىغا كېپىل بولۇپ بېرىپ، بىر قەرز ماجىراسىغا چېتىلىپ قالدى. دىڭ ديەنچىن ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، ساتتارغا ئەقىل كۆرسىتىپ، ئامال تېپىپ بەردى ھەم دەۋالاشقۇچى بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقىلىشىپ مۇرەسسە قىلدى، بىر ئايدىن كۆپرەك مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق ماجىرا ئاخىر ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىندى.

دىڭ ديەنچىن جان پىدالىق بىلەن ئىشلىدى، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى. 2011- يىلى سانجى ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى بولغاندىن بۇيان، ئۇ دادىللىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سانجى ئوبلاستىدىكى يەتتە ناھىيە، بىر شەھەرنىڭ تەھقىقلەش بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، «تىك يۆنىلىشتە قوماندانلىق كۈچلۈك، توغرا يۆنىلىشتە ھەمكارلىق زىچ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشى راۋان» بولغان تەھقىقلەش بىر گەۋدىلەشكەن مۇكەممەل دېلو بېجىرىش خىزمەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى. 2016- يىلى، دىڭ ديەنچىن ئالدىنى ئېلىش خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، سانجى ئوبلاستىدىكى ئىككى دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ بىر قىسىم كەنتلەردە «زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ئاساسىي فۇنكسىيە قىلىنغان «جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تەپتىش ئالاقە ئىشخانىسى» ۋە «ئىبرەت تەربىيەسى بازىسى»نى قۇردى. پۈتۈن ئوبلاستتىكى 72 يېزا - بازاردا «خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەپتىش ئالاقە ئىشخانىسى» ھەمدە ئالاقىدار ئۇچۇر، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

خىزمەتكە قاتناشقان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، دىڭ ديەنچىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «مەملىكەت بويىچە نەمۇنىلىك تەپتىش ئەمەلدارى» «مەملىكەتلىك 1- ماي ئەمگەك مېدالى» «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» «ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

«ھەربىر قېتىملىق تەقدىرلىنىشنىڭ ھەممىسى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى. چۈنكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىدا باشلىنىش نۇقتىسىلا بار، ئاخىرلىشىش نۇقتىسى يوق، ئۇ مېنىڭ ئۆمۈرلۈك بۇرچۇم» دېدى دىڭ ديەنچىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى