تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە قۇرۇلۇش قىلىنماقتا

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، جاۋ يۆ، ۋېي خۇڭپىڭ

قېزىش ماشىنىسىنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىپ تۇراتتى، ئىشچىلار ئۆز مەشغۇلات دائىرىسىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتاتتى، چوڭ تىپتىكى توشۇش ئاپتوموبىللىرى ئۆتۈشۈپ تۇراتتى... 6 - ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى بىر قولدا دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايون، شەھەرنىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى، چوڭ - كىچىك قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىدە قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، پىژغىرىم ئىسسىقتا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئېگىزلىكى 40 - 50 مېتىر كېلىدىغان سېرىق رەڭلىك مۇنارسىمان كىران ئالدىن ياسالغان دېتاللار ۋە پولات چىۋىقلارنى يۆتكەۋاتاتتى. يېشىل رەڭلىك ئىش كىيىمى كىيگەن قۇرۇلۇشچىلار سۆزلىشىش ئاپپاراتىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، تەرتىپلىك، رەتلىك ھالدا ياندىكى كۈرەكلىك ماشىنا، قاچىلاش ماشىنىسىغا قوماندانلىق قىلىۋاتاتتى.

«قۇرۇلۇش جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئالغا سىلجىتىلدى، ئاساسىي ئاۋىياتسىيە بىناسى ئايروپورتتىكى T3، T2، T1 ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئايروپورتنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ <يۈرەك> قىسمى، بۇلتۇر تۈۋرۈك ئۇلى قۇرۇلۇشى تاماملانغان، نۆۋەتتە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئاۋىياتسىيە رايونى ئۇلى تىندۇرما قەۋىتى قۇرۇلۇشى، پولات چىۋىق باغلاش، بېتون قۇيۇش ھەمدە پۈتۈن تاختىپەر ئورنىتىش قاتارلىقلار ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، يىل ئىچىدە ئاۋىياتسىيە بىناسى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسىنىڭ %70ى، كەڭ كۆلەمدىكى يەر ئاستى قۇرۇلمىسى ھەم قىسمەن قۇرۇلمىلارنىڭ ئۆگزىسىنى بېكىتىش قاتارلىق بەلگىلەنگەن نىشانلار ئوڭۇشلۇق تاماملىنىدۇ» دېدى قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئۈرۈمچى لىنكۇڭ جۇڭگو بىناكارلىق گۇرۇھى ئايروپورت قۇرۇلۇشى تىجارەت چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ياڭ يۇڭ مۇخبىرلارغا.

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق تۈرى. 3 - ئاينىڭ بېشىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىپ قۇرۇلۇش قىلىدىغان تېخنىك خادىملارنى توشۇپ ئىش ئورنىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، تۈردە ئىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۈچ قوشتى. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر كۆپ قېتىم نەق مەيدانغا بېرىپ ئىش بېجىرىپ، قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى ئۈنۈملۈك تېزلەتتى.

نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى، خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان زور بىر تۈركۈم ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇش قەدىمىمۇ تېزلىتىلدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى كۆرگەزمە تەۋەلىك رايونىدا، يېڭىدىن سېلىنىدىغان كۆرگەزمە ئوتتۇرا كوچىسى جەنۇبىي مەكتىپى ۋە كۆرگەزمە تەۋەلىك رايونى چىداۋان شەرقىي كوچىسى مەكتىپى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىردى. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، 3400 ئوقۇغۇچىنى سىغدۇرالايدۇ، كۆرگەزمە تەۋەلىك رايونىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى زور دەرىجىدە مۇكەممەللىشىدۇ.

6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، مۇخبىرلار كۆرگەزمە ئوتتۇرا كوچىسى جەنۇبىي مەكتىپى قۇرۇلۇش قىلىش نەق مەيدانىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا، مەخسۇس ئادەمنىڭ كىرىپ - چىققان خادىملارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ۋە دېزىنفېكسىيەلەشكە مەسئۇل بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئىككى ئاي قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، تۈر ۋاقىتلىق ئەسلىھەلىرى ھەم توپا قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، نۆۋەتتە ئومۇميۈزلۈك ئاساسىي قۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىردى.

جۇڭگو بىناكارلىق گۇرۇھى 8 - قۇرۇلۇش ئىدارىسى چەكلىك شىركىتى كۆرگەزمە ئوتتۇرا كوچىسى جەنۇبىي مەكتەپ تۈرىنىڭ مەسئۇلى يۈ جىخۇينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كۆرگەزمە ئوتتۇرا كوچىسى جەنۇبىي مەكتىپىنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 40 مو بولۇپ، تۈردە 2020 - يىلى ئاساسىي گەۋدىسىنى پۈتتۈرۈش، 2021 - يىلى 9 - ئايدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش پىلانلانغان. ئۇ مۇنداق دېدى: تۈر قۇرۇلۇشىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ئىشەنچىمىز بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېقىشلىق كۈز مەنزىرىسى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى