تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«قىرتاق سۇ» بىلەن خوشلىشىش

شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى «100 يىللىق چايخانا»دا، چاي ئىچكىلى كەلگەن مېھمانلار چايغا ئېغىز تەگمەكتە (5-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

  خەلق تورى خەۋىرى: 6-ئايدا بۇغدايلار پىشتى، سۈزۈك، تاتلىق تۇرۇبا سۈيىنىڭ مىڭلىغان ئائىلىلەرگە ئېقىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قۇرغاقچىلىق رايونى شىنجاڭ «قىرتاق سۇ» بىلەن ئۈزۈل-كېسىل خوشلاشتى.

  كۆل سۈيى، تۇزلۇق سۇ ئىلگىرى بۇ يەردىكى كىشىلەرگە نامراتلىق ۋە كېسەللىك ئازابى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ يەردىن ۋاز كېچىشكە قۇربى يەتمەيتتى. شۇ جايدىكى ئامما «سۇ» سەۋەبلىك ئاغرىپ قېلىپ، «سۇ» سەۋەبلىك نامراتلىشىپ كەتكەنىدى، ئۇلارنىڭ ئارزۇسى «سۇ»غا باغلانغان ئىدى.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاممىنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون غايەت زور مالىيە كۈچى سەرپ قىلدى، ئەمما بىپايان قۇملۇق ۋە كوئېنلۇن تېغى كىندىكىدىن بىر سۈزۈك بۇلاق تېپىش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن كېيىن، دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات رايونلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى مەبلەغ كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭ بىلەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى تېزلەشتى.

  ئاقسۇ، قىزىلسۇ، خوتەن، قەشقەر... لەردە سۈزۈك سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى كەنتلەرگە، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا، پامىر ئېگىزلىكىدىكى يېزا-كەنتلەرگە قاراپ ئاقتى. بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، سۇ بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن زامانىۋى، كۆلەملەشكەن سۇ زاۋۇتلىرى قۇملۇق بوستانلىقىدىكى چوڭ-كىچىك يېزا-كەنتلەردە بارغانسېرى كۆپەيدى.

    بۇ يىل يازدا، پەيزاۋات ناھىيەسىنى ئاساس قىلغان ئەڭ ئاخىرقى 15 مىڭ 300 ئادەم «خاتىرجەم سۇ» ئىچتى، بىر مەيدان تارىخىي خاراكتېرلىك غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەرمەكتە: جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قۇرغاقچىلىق رايونى شىنجاڭدا ھەممە ئائىلىلەردە تۇرۇبا سۈيى بار بولدى. بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 10 مىليون ئاھالىنىڭ سۇ بىلەن قۇم، تاتلىق بىلەن ئاچچىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرىشىدە تارىخىي خاراكتېرلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى گۇەن چياۋچياۋ، جاۋ گې، جاڭ جۇڭكەي، جاڭ شياۋچېڭ)

20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسىدىكى بىر دېھقان كۆلدىن سۇ ئالماقتا (ماتېرىيال سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن چياۋ فوتوسى

بۇ پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش تەپسىلاتى ئۈستىدىكى بىر ئالاھىدە كۆزنەك ـــ ساقلىقنى ساقلاش ھەققى، ھەر ئايدا توققۇز يۈەن، شۇ جايدىكى كىشىلەر بۇنى «قىرتاق سۇ ھەققى» دەپ ئاتىشىدۇ (6-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى «100 يىللىق چايخانا»دا، ساياھەتچىلەر بىلەن شۇ جايدىكى كىشىلەر چايغا ئېغىز تەگكەندىن كېيىن مەشرەپكە چۈشتى (5-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

شىنجاڭ خوتەن ناھىيەسى بۇزاق يېزىسى بۇزاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەتتۇرسۇن باقى ئۆيىدە چاي ئىچمەكتە (2019-يىل 11-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرەت) شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسى بۇزاق كەنتىدە، بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن ھەبىبۇللا توختى قاپاققا سۇ ئالماقتا (5-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). قاپاق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا-كەنتلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان سۇ قاچىسى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى شەھەر، يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش باش زاۋۇتىدا، خىزمەتچى خادىم ئابدۇسالام توختىيۈسۈپ سۇ ساپلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسىنى تەكشۈرمەكتە. بۇ بىخەتەر سۇلار 112 كىلومېتىرلىق سۇ تۇرۇبىسى ئارقىلىق بىۋاسىتە پەيزاۋات ناھىيەسىگە يەتكۈزۈلۈپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسى بۇزاق كەنتىدە، بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن ھەبىبۇللا توختى (سولدا) ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىللە ئارام ئالغاچ چاي ئىچمەكتە (5-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

بۇ شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسى بۇزاق كەنتىدىكى تاشلىۋېتىلگەن كۆل (5-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى شەھەر، يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش باش زاۋۇتىدا، خىزمەتچى خادىملار كۆپ قېتىم بىر تەرەپ قىلىپ ساپلاشتۇرۇلغان بىخەتەر سۇنى تەكشۈرمەكتە (6-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). بۇ بىخەتەر سۇلار 112 كىلومېترلىق سۇ تۇرۇبىسى ئارقىلىق بىۋاسىتە پەيزاۋات ناھىيەسىگە يەتكۈزۈلۈپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى شەھەر، يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش باش زاۋۇتىدا، خىزمەتچى خادىملار سۇ تازىلاش كۆلچىكىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە (6-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). بۇ بىخەتەر سۇلار 112 كىلومېترلىق سۇ تۇرۇبىسى ئارقىلىق بىۋاسىتە پەيزاۋات ناھىيەسىگە يەتكۈزۈلۈپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ