تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش گۈزەل تۇرمۇش ياراتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى دۇ زۇڭياڭ، لۇ فېڭباۋ، رېن جياڭ، شيې لۇڭ، ۋاڭ چىمىڭ

  5- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن كېيىن، بىر كۈنلۈك خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرغان پاتەم ئابدۇللا ياتاققا قايتىپ كېلىپ، كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق يازدى: «بۈگۈن كەيپىياتىم ناھايىتى ياخشى، چۈنكى ئانام تېلېفون بېرىپ، ئۆي سېلىش ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ، قۇرۇلۇش مۇددەتتىن بۇرۇن پۈتكىدەك... دېدى».

  پاتەم قاراقاش ناھىيەسى ئۇرچى يېزىسى تاۋغاز كەنتىنىڭ ئاھالىسى. 2017- يىلى 4- ئايدا، ئۇ شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قارىمىقىدىكى بالا شىركەت ــــ شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيەسى فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىغا كېلىپ خىزمەت قىلدى، ئۇنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن باشلاندى.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. 2017- يىلى 4- ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى باشلىدى، شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا كېڭىيىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلدى.

  شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 3160 ئادەمنى كارخانىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. مۇقىم خىزمەت ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئۇلارنى ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئوخشىمايدىغان تۇرمۇشقا ئىگە قىلدى.

   «ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىمەن»

  «مەن بۇ كۈننى مەڭگۈ ئېسىمدە ساقلايمەن: 2017- يىلى 4- ئاينىڭ 24- كۈنى ھاياتىمنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى، چۈنكى شۇ كۈندىن باشلاپ، مېنىڭ مۇقىم خىزمىتىم بار بولدى» دېدى پاتەم.

  ئىلگىرىكى جاپالار پاتەمنىڭ ئېنىق ئېسىدە، يەر ئاز، ئادەم كۆپ بولۇپ، ئېرى پارچە - پۇرات ئىش قىلىپ پۇل تاپسىمۇ، بىر يىلدا ئائىلىسىنىڭ كىرىمى 30 مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيتتى. قىزىنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى بولغاچقا، ئۇزاقتىن بۇيان دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتاتتى. تۇرمۇشى قىيىن كۈنگە قالغاندا، پاتەم تويلۇق ئالتۇن زىبۇ - زىننەتلىرىنى كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا سېتىپ، ئائىلىسىگە ئىشلەتتى.

  «ئىلگىرى كۈنلىرىمىز ناھايىتى جاپالىق ئىدى!» پاتەم يان تېلېفونىنى چىقىرىپ، ئالبومنى ئېچىپ نەچچە يىل ئىلگىرىكى بىر پارچە سۈرەتنى مۇخبىرغا كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «قاراڭە، مەن ھەر كۈنى غەمكىن يۈرەتتىم، ئاساسەن كۈلمەيدىغان بولۇپ قالغانىدىم».

  بىر كۈنى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى كۆپچىلىكنى كەنت ئاھالە كومىتېتىغا يىغىپ يىغىن ئېچىپ، كۆپچىلىككە سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. «مەن بارىمەن، ئېرىم ئىككىمىز بارىمىز» دېدى پاتەم كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسىنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ.

  ئۇزاق ئۆتمەي، پاتەم بىلەن ئېرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش ئۈچۈن پويىز بىلەن يولغا چىقىپ، شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيەسى فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلاندى. «ھازىر قولۇمغا 3400 يۈەن مائاش تېگىدۇ، ئېرىمنىڭ مائاشىنى قوشسام، ھەر ئايدا 8000 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىمىز» دېدى پاتەم خۇشال ھالدا.

  بۇ يىل پاتەمگە ئەمىن ئۆي سېلىش نۆۋىتى كەپتۇ، ئۇ يىغقان 60 مىڭ يۈەننى ئائىلىسىگە ئەۋەتىپ بېرىپتۇ. ھازىر ھەر كۈنى تېلېفون بېرىپ ئۆينىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۇنىڭ ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنكى بىرىنچى ئىشى بولۇپ قاپتۇ. «مەھەللىمىزگە ئۆي سېلىپلا قالماي، يەنە تىرىشىپ پۇل تېپىپ ئۈرۈمچىدىنمۇ ئۆي سېتىۋېلىپ، قىزىمىزنى شەھەردە ئوقۇتۇپ، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىمىز» دېدى پاتەم كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراپ.

   «مېنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆيۈم بار بولدى»

  33 ياشلىق ئەمەتجان مامۇت ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىن ئۆي سېتىۋېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، يۇرتداشلار ھەۋەس قىلىدىغان شەھەرلىكلەردىن بولۇپ قالىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدى.

  2017- يىلىدىن ئىلگىرى، ئەمەتجان تېخى كونا شەھەر ناھىيەسى بۇلاقسۇ يېزىسىنىڭ تونباغ كەنتىدىكى دېھقان ئىدى، ئائىلىسىنىڭ يەتتە مو يېرى بولۇپ، بىر يىلدا يەر تېرىپ قىلغان كىرىمى 10 مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيتتى. دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقىتلىرىدا، ھەر تەرەپكە چېپىپ يۈرۈپ پارچە - پۇرات ئىش قىلىپ پۇل تاپاتتى، كىرىمى مۇقىم ئەمەس ئىدى، كۈنلىرى غورىگىل ئۆتەتتى. «بىز جاپا تارتساق ھېچقىسى يوق، بىراق بالىلىرىمىزنى ئۆزىمىزگە ئوخشاش كۈنگە قويساق بولمايدۇ. ياش ۋاقتىمىزدىن پايدىلىنىپ، سىرتقا چىقىپ پۇل تېپىپ، بالىلارغا تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك».

  ئىشلەيمىز دېسەكلا، ئىشلەش پۇرسىتى ناھايىتى كۆپ. 2014- يىلى ئەمەتجان خوتۇن، بالىلىرىنى ئېلىپ قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونىغا كېلىپ، بىر شىركەتتە تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ، ئېيىغا 2000 يۈەن كىرىم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بىر ئاشخانىدا قوشۇمچە مۇلازىم بولدى.

  2017- يىلى 4- ئايدا، دادىسى ئەمەتجانغا تېلېفون بېرىپ: «كەنتتە سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلارنى تىزىملاۋاتىدۇ، كىرىمى مۇقىم ئىكەن» دېدى. ئەمەتجان خوتۇنى زۇلخۇمار ئابدۇۋەلى بىلەن كەنتكە قايتىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشنى قارار قىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇلار بىللە شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيەسى فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىگە كەلدى.

  ئەمەتجان ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىگە تەقسىم قىلىنىپ، يۆتكەش - توشۇش ماشىنىسىنى ھەيدەش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. يۆتكەش - توشۇش ماشىنىسى تېخنىكىسىنى تېز ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇ دائىم ۋاقىت چىقىرىپ ئۇستىسى ۋە خىزمەتداشلىرىدىن تەلىم ئېلىپ، بارلىق ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ يۆتكەش - توشۇش ماشىنىسى مەشغۇلاتىغا دائىر ئاساسىي قائىدىلەرنى ئىگىلەپ، تېزلا لاياقەتلىك يۆتكەش - توشۇش ماشىنىسى ئىشچىسىغا ئايلاندى. زۇلخۇمار پولىۋىنىل خىلورىد سېخىغا تەقسىم قىلىنىپ، چارلاپ تەكشۈرگۈچى بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىككىيلەننىڭ ئايلىق مائاشىنى قوشسا 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

  بۇلتۇر، ئەمەتجان جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ كاپالەتلىك تۇرالغۇسىنى ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋالدى، گەرچە 50 نەچچە كىۋادرات مېتىر بولسىمۇ، بىراق يېڭى ئۆيگە كىرگەن ئاشۇ دەقىقىدە، ئۇ ھاياجان بىلەن كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆيۈم بار بولدى! بۇنىڭدىن كېيىن، مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، تېخىمۇ چوڭ ئۆي ئېلىپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىمەن».

  ئەمەتجان كەنتتىكى «داڭلىق شەخس»كە ئايلاندى، ھەمىشە بەزىلەر ئۇنىڭدىن قانداق قىلغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغىلى بولىدىغانلىقىنى سورايدىغان بولدى. «مۇشۇنداق چاغلاردا، مەن ئۇلارغا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتا مۇشۇنداق كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بەردى، جاپاغا چىدىساقلا، چوقۇم ياخشى كۈن كەچۈرەلەيمىز، دەيمەن».

   «مەن يۇرتۇم بىلەن بىللە ئۆزگىرىۋاتىمەن»

  ئامىنە ئوبۇلنىڭ ھەربىر كۈنى يېڭىلىققا تولغانىدى، چۈنكى ئۇ ھەر كۈنى تىرىشىپ ئۆزىنى ئۆزگەرتىۋاتاتتى.

  ھازىر، ئۇ شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيەسى فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى يېقىلغۇ توشۇش سېخىنىڭ گىرچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر كۈنلۈك خىزمىتى گىرنى تەكشۈرۈش، كومپيۇتېردا ھەر خىل سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلەش ئىدى. ئىككى يىل ئىلگىرى، ئۇ كېرىيە ناھىيەسى سىيەك يېزىسى قېتىچى كەنتىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتاتتى. 2017- يىلى، ئامىنە كەنتتە سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيەسى فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىگە كەلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ يېپيېڭى تۇرمۇشنى باشلىدى.

  «مەن ئىلگىرى ئىنتايىن تارتىنچاق ئىدىم، ئادەم كۆپ يەردە، بىر ئېغىز سۆزنىمۇ قىلالمايتتىم. بۇ يەرگە كەلگەن دەسلەپكى چاغلاردا، مەن ھېچنېمىنى بىلمەيتتىم، باشقىلارنىڭ مازاق قىلىشىدىن قورقۇپ، گەپ قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم» دېدى ئامىنە كۈلۈپ تۇرۇپ. ھازىر، باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۇنىڭ چېھرىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان، ئۆزىگە ئىنتايىن ئىشىنىدىغان بولدى.

  كىرىم كۆپىيىش، سالاھىيەت ئۆزگىرىش، ئۆزىگە ئىشىنىپ كۈلۈمسىرەش... ئامىنەدىكى ئۆزگىرىش تاشقى قىياپىتىدىن ئىچكى دۇنياسىغىچە، ھەر تەرەپلىمە ئىدى. «كەلگەن دەسلەپكى ۋاقىتتا، بىز ئىش قىلساق پىلان يوق ئىدى، ھازىر ئوخشىمايدۇ، بۈگۈنكى خىزمەتنى چوقۇم بۈگۈن تۈگىتىمىز. ئىلگىرى، ئۆيدە خاتا ئىش قىلىپ قويساق، ئاتا - ئانام: ھېچقىسى يوق دەيتتى، ئۆزۈممۇ نېمىنى خاتا قىلغانلىقىمنى ھېس قىلمايتتىم، ھازىر ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ، شىركەتتە بەلگىلىمە - تۈزۈم بار، خاتالىق ئۆتكۈزسەك جاۋابكارلىقنى زىممىمىزگە ئالىمىز» دېدى ئامىنە.

  گىرچى ھەر كۈنى كومپيۇتېر مەشغۇلاتى قىلىدۇ، ئامىنە ئىلگىرى كومپيۇتېر بىلەن پەقەتلا ئۇچرىشىپ باقمىغاچقا، زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاندىن ئاساسىي مەشغۇلاتنى ئۆگەندى. مۇستەقىل ئىش ئورنىغا چىققاندا، ئامىنە يەنىلا زور بېسىم ھېس قىلدى، «سېخ مۇدىرى، ئۇستام ماڭا ناھايىتى ئىشىنىدۇ، مەن تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇشۇم، قەتئىي خاتالىق سادىر قىلماسلىقىم كېرەك.» بۇنداق مەسئۇلىيەتچانلىق بولغاچقا، ئامىنە تېخىمۇ تېز ئىلگىرىلەپ، ئۈچ - تۆت ئايدىن كېيىن كومپيۇتېردا پىششىق مەشغۇلات قىلالايدىغان بولدى.

  ئەتراپىدىكى نۇرغۇن خىزمەتدىشى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، ئامىنە ئۇلارغا ناھايىتى ھەۋەس قىلاتتى. ھازىر، ئۇ ھەر كۈنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىپ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ.

  ئامىنەنىڭ يۇرتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. بۇ يىل 3- ئايدا، ئۇ يۇرتىغا قايتىپ ئاتا - ئانىسىنى يوقلىغاندا، يۇرتىدا چوڭ تىپتىكى كىيىم - كېچەك پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇلغانلىقىنى بىلدى. بۇ جۇڭتەي گۇرۇھى بىلەن ئىچكىرىدىكى بىر كارخانا ئورتاق قۇرغان جۇڭتەي دۇڭجەن كىيىم - كېچەك پاي چەكلىك شىركىتى بولۇپ، 520 كەنت ئاھالىسى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانىدى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ كارخانا يەرلىكتىكى 1500 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

  بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن كەنتتىكى ھەربىر ئائىلىدىن بىردىن كىشى بۇ كارخانىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپتۇ. ئامىنەنىڭ يەڭگىسى ۋە ئۇنىڭ ئۈچ ساۋاقدىشى ئىشقا چۈشۈپتۇ ياكى تەربىيەلىنىۋېتىپتۇ، ئۇلار ئامىنەگە ئوخشاش دېھقاندىن سانائەت ئىشچىلىقىغا ئايلىنىپتۇ. «مەن يۇرتۇم بىلەن بىللە ئۆزگىرىۋاتىمەن، كەلگۈسى تۇرمۇشىمىزنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى ئامىنە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى