تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا يېڭى كەيپىيات ئەۋج ئالدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات، جاڭ جىلى، خەن چىنيەن

  ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا ئىنتىلىشكە يېتەكلەش كېرەك.

  __ شى جىنپىڭ

5- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ چىرا ناھىيەسى بوستان يېزىسى ئاچما كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى مۇيەسسەر كېرىمجان (سولدىن 3- كىشى) چاچ ياساش - گۈزەللەشتۈرۈش ئۆيىدە كەنتتىكى ئاچا - سىڭىللارغا گىرىم قىلىشنى ئۆگەتمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئازات يۈسۈپجان فوتوسى)

  جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئايلانغاندا، كىشىنىڭ كۆڭلى يايراپ كېتىدۇ: دېھقانلارنىڭ ھويلىلىرى پاكىز، رەتلىك ئىدى؛ يېڭىدىن ماكانلاشقان كەنت قۇرغان زاۋۇتلاردا كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى؛ كەڭرى كەتكەن يول بويلىرىدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەنىدى.

  مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان دېھقانلار كۆپەيدى، گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان ئاياللار كۆپەيدى، ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا «قوش تىل»دا سۆزلىشىدىغانلار كۆپەيدى، پۇقرالارنىڭ ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان تۇغقانلىرى كۆپەيدى، يېزا - كەنتلەردە مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى كۆپەيدى... ھەممىلا يەردە ئارزۇ ئۈچۈن تىرىشىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان كىشىلەرنى ئۇچراتقىلى بولاتتى، ھەر ۋاقىت زامانىۋى مەدەنىي يېڭى كەيپىياتنى ھېس قىلغىلى بولاتتى.

   يېڭى قاراش ئارقىلىق يېڭى كەيپىياتقا يېتەكلەش

  چاچنى بۈدۈر قىلىش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، شەكىل چىقىرىش... خوتەن ناھىيەسىنىڭ لايقا يېزىسىدا خېلىلا نامى بار بىر ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساش دۇكىنى − مۇقەددەس ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساش دۇكىنى بار بولۇپ، ھەر كۈنى يېقىن ئەتراپتىن داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى بىلەن لىق توشىدۇ. «بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتىكى ئاچا - سىڭىللار گۈزەللىكنى، مودىنى قوغلىشىدىغان بولدى، ئۇلارنىڭ كىيىنىشى رەتلىك، گىرىملىرى نەپىس، سۆزلىرىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ چىقىپ تۇرىدۇ، كۆزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدۇ» دېدى 5- ئاينىڭ 4- كۈنى دۇكاندار مۇقەددەس مەمەتتۇرسۇن.

  شۇ كۈنى، گۇما ناھىيەسى مۇجى بازىرى ھاسار كەنتىدە، ئەمدىلا «4- ماي» ياشلار بايرىمى ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ كەلگەن كەنت ئاھالىسى ئاينىسا جېلىل چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز قانداق كىيىنىش، قانداق گىرىم قىلىشنى ئۆگىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى <بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش>نى كۈچەيتىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، يېڭى كەيپىياتقا يېتەكلەيدىغان يېڭى دەۋر ئاياللىرىدىن بولىمىز».

  قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى رۇيى پەن - تېخنىكا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخ ئىشىكى ئالدىدا، مەرھابا ئۇرايىم چىرايلىق قاشلىق قىلىپ، لەۋسۇرۇخ سۈرۈپ، ناھايىتى چىرايلىق ياسىنىۋالغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ يېزىلىق ياشتىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلىنىپ، خىزمەت ۋە كىرىمگە ئىگە بولدى. ئۇ سەل تارتىنغان ھالدا مۇخبىرلار بىلەن پاراڭلىشىپ: «كارخانىدا ئىشلىگەندىن كېيىنكى ئەڭ زور ئۆزگىرىشىم شۇ بولدىكى، ئۆزۈمگە ئىشىنىدىغان، ئالغا ئىنتىلىدىغان بولدۇم، ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىم يۇقىرى كۆتۈرۈلدى» دېدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا مۇقىملىقنىڭ پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشى، ھەرىكەت شەكلى قاتارلىق جەھەتلەردە زور ئۆزگىرىش بولدى، ھەممىلا يەردە تىرىشىپ ئىشلەپچىقىرىۋاتقان، ئەستايىدىل خىزمەت قىلىۋاتقان، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان سىيمانى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

   يېڭى تۇرمۇش يېڭى ئارزۇ ئېلىپ كەلدى

  قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى شېنجېن كەسىپلەر باغچىسىدىكى شىنجاڭ مېيلىئوۋ كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىدە، كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ «تاق، تاق، تاق» قىلغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئىشچىلار زاكاز تاماملاش ئۈچۈن ئالدىراپ كىيىم تىكىۋاتاتتى. كەنت ئاھالىلىرى ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كەنتتىن چىقمايلا كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانىدى.

  قەشقەر شەھىرى پاختەكلى يېزىسى پاختەكلى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرگۈل ئەنۋەر شىنجاڭ مېيلىئوۋ كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتى تىككۈچىلىك سېخىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى. ئەينى چاغدا زاۋۇتقا تۇنجى قېتىم كەلگەن ۋاقىتتىكى «كۆرۈپ بېقىش» ھالىتىدىن بۈگۈنكى كۈندىكى باشقۇرغۇچى بولۇپ يېتىشىپ چىققىچە، ئۆتكەن تۆت يىلدا نۇرگۈل ئاز بولمىغان ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، مائاش سەۋىيەسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

  «ئىلگىرى، ئون يۈەنلىك كۆكتات سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئېرىمدىن پۇل سورايتتىم، ھازىر مەن ھەر ئايدا قېيىنئانامغا 1000 يۈەن تۇرمۇش پۇلى بېرىمەن، ئېشىپ قالغان مائاشىمغا نېمە ئالغۇم كەلسە شۇنى ئالىمەن» دېدى نۇرگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەلرايى قۇرۇلۇشى. بىر ئادەمنىڭ خىزمىتى بولغاندىلا، ئاندىن كۆڭلى توق ھەم تەمكىن بولىدۇ؛ بىر ئائىلىدە بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشقاندىلا، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ئىشەنچكە، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش ئۈمىدىگە ئىگە بولىدۇ.

  مۇخبىرلار خوتەن ناھىيەسى لايقا يېزىسى ياڭاقچىلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھاۋانىسا روزىنىيازنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۇ پۈتكەن تونۇرنىڭ ئېغىزىنى تۆمۈر سىم بىلەن چەمبەرلەۋاتاتتى.

  ھاۋانىسا ياڭاقچىلىق كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، 2016- يىلى تونۇر ياساشتىن ئىبارەت بۇ ھۈنەرگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 2018- يىلى پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ كىرىمى 50 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ كەنتتىكى سەككىز ئايالنى يېتەكلەپ بىللە تونۇر ياساۋاتىدۇ.

  «ھازىر، مەن كۈندە ئۈچ تونۇر ساتالايمەن، ھەربىرىنىڭ باھاسى 150 يۈەندىن 1200 يۈەنگىچە ئوخشىمايدۇ، تۇرمۇشىمىز ناھايىتى ياخشى» دېدى ھاۋانىسا.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت دېھقان - چارۋىچىلار ئىلگىرىكى ئۆيىدىن ئايرىلىشنى خالىماسلىقتىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تالىشىپ تۇرۇپ خىزمەت ئىزدەيدىغان بولدى، كۆز قارىشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. تېخىمۇ كۆپ كىشى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى، ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولدى. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇلارنىڭ ھەميېنىنى تومپايتتى، ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى تېخىمۇ بېيىتتى؛ ئۇلار ئۈمىدكە تولغان ئەمگەك كىرىمىنى ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا يەنە زامانىۋى مەدەنىي يېڭى ئىستىلنىمۇ ئېلىپ كەلدى.

   يېڭى قىياپەت يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى

  ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق بازىرى سۆگەتئېرىق كەنتىگە كىرگىنىڭىزدە، ئۆزگىرىشلەرنى ئاسانلا ھېس قىلىسىز.

  «بۈگۈنكى كۈندە، كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسى ئاھالىلەر بېرىشنى ئەڭ خالايدىغان جاي.» سۆگەتئېرىق كەنتى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرى ئامانگۈل مەسۇم مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئەتىياز، ياز، كۈز ئۈچ پەسىلدە قىزىپ كېتىدىغان مەدەنىيەت مەيدانى بار، قىش پەسلىدە كۈلكە - چاقچاققا تولغان مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى ۋە رېپېتىتسىيە سارىيى بار. ھەر ھەپتىدە ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ، ھېيت - بايراملاردا تېخىمۇ شۇنداق».

  جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا سۆگەتئېرىق كەنتىگە ئوخشاش بۇنداق مول مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزىدىغان كەنتلەرنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ھەرقايسى جايلاردىكى مول يېزا - كەنت مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ روھىي قىياپىتىنى پۈتۈنلەي يېڭىلاپ، ئۇلارنىڭ زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا تەلپۈنۈش ئارزۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، تۇرمۇشقا نىسبەتەن تېخىمۇ يۇقىرى ئىنتىلىشى بار بولدى. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، پائالىيەت جەريانىدا ھەر مىللەت ئامما چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»پائالىيىتى تىلغا ئېلىنغاندا، كۇچا ناھىيەسى چىمەن بازىرى نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاق كەنتىدىكى 60 نەچچە ياشلىق كەنت ئاھالىسى مەمەت ھاپىز پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ جەمئىي يەتتە قوشماقلاشقان تۇغقىنىم بار، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەن بىلەن كۆپ يىللىق قوشنا، بەزىلىرى مەن بىلەن ئوخشاش بىر باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا كالا باقىدۇ، بەزىلىرى قوشنا كەنتتىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى، يەنە ناھىيە، يېزا كادىرلىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارمۇ بار. بىز ئۆزئارا ياردەملىشىمىز، ھەمدەم بولىمىز، بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى».

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە، ھەر مىللەت كادىر، خىزمەتچىلەر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن تاماقتا، يېتىپ - قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، «بېرىپ كېلىش»تىن «قونۇپ كېلىش»كىچە، «كەنتتە تۇرۇش»تىن «قەلبتىن ئورۇن ئېلىش»قىچە كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ يېقىنلاشتى، مېھرى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

  مۇقىملىق پايدىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما زامانىۋى تۇرمۇشقا كەڭ قۇچاق ئېچىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چىن قەلبىدىن قوغداپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇپ، بۇ قەدىمىي تۇپراقتا جۇشقۇنلۇق ۋە يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى