تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى تېخىمۇ ئادىل، قولاي تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى رېن خۇا خەۋەر قىلىدۇ: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش ئالدىنقى شەرتىدە، ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بازارنى، كەسىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

«<ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات>تا ئادىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئارقىلىق ئادىل رىقابەتنى قوغداپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل يارىتىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون <ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش> نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغاتتى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بىز ئادىل رىقابەتنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئادىل رىقابەتلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، تېخىمۇ ئادىل بولغان رىقابەت مۇھىتى بەرپا قىلىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايون بىرلىككە كەلگەن، ئاشكارا بازار ئىجازىتى تۈزۈمىنى ئورناتتى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىنى بىرىكتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بىر تارماق باشقۇرىدىغان، بىر كۆزنەك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن، بىر قوشۇن مۇلازىمەت قىلىدىغان، بىر سۇپا كاپالەتلىك قىلىدىغان، ئىشتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش بىلەن ئىش داۋامىدىكى، ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۆزئارا ئايرىۋېتىلگەن مەمۇرىي مۇلازىمەت ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش كەسىپ سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن بىرىكتۈرۈپ، سىستېما فۇنكسىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، توردا ئىش بېجىرىش كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىپ، سانلىق مەلۇماتتىن كۆپ پايدىلىنىش، كارخانىلارنى ئاز قاترىتىشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.

يېقىندا، ئاپتونوم رايوندىكى بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى 13 خىل مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى بېجىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ساقلاپ قېلىنغان ئۆلكە دەرىجىلىك بەش خىل مەھسۇلات ئىچىدىكى خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇمدىن باشقىلارغا «ئاۋۋال ئىجازەتنامە بېجىرىش، ئاندىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش»تىن ئىبارەت ئاددىيلاشتۇرۇلغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى داۋاملىق يولغا قويدى، يېمەكلىككە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارغا «خەۋەرلەندۈرۈش - ۋەدە بېرىش»تىن ئىبارەت تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى يولغا قويدى. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورۇنلارغا ئىجازەت بېرىلگەن تارماق تۈر سانىنى 244 تۈردىن 112 تۈرگە ئازايتىپ، ئۆزى بايانات ئېلان قىلىپ ۋەدە بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇنلارنىڭ ئىجازەتنامە ئالماشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، باھالاش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئاپپاراتلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش دائىرىسىنى قانۇن بويىچە بەلگىلەپ، تەڭشەپ، پەقەت پەن تەتقىقات، تېبابەت ھەم ساقلىقنى ساقلاش، كەسپىي سەھىيە تېخنىكىسىنى باھالاش مۇلازىمىتى، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن قىلىش ھەمدە قۇرۇلۇش سۈپىتىنى باھالاش، ئۆي باھالاش، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى قوغداش، ئاسراش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ساھەدىكى ئاپپاراتلارغا قارىتا ئەمدى سالاھىيەت بېكىتىش گۇۋاھنامىسى تارقاتمايدۇ، تەكرار گۇۋاھنامە تارقىتىشنى ئازايتىدۇ؛ ئىجازەتنامە ئالماشتۇرۇش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بەش تۈرلۈك ئىجازەت ئىشىنى ئەنگە ئېلىشقا ئۆزگەرتىپ، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئاپپاراتلىرىدا «بىر ئاپپاراتتا بىر ئىجازەتنامە بولۇش»نى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر قېتىمدىلا خەۋەرلەندۈرۈش تۈزۈمى، تۇنجى سوئالغا مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى، مۇلازىمەتكە ۋەدە بېرىش تۈزۈمى، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى، مەدەنىي مۇلازىمەت قىلىش تۈزۈمى قاتارلىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى قوبۇل قىلغۇچى خادىملارنىڭ بېجىرىش ۋاقتىنى قەرەللىك ئىستاتىستىكىلاپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى