تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«كونا داڭلىق ماركا» يېڭى يول ئېچىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن، پىراكتىكانت جياڭ يىياۋ

6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، كورلا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، شىنجاڭ شىخو پىۋىسى كورلا چەكلىك شىركىتىدىكى ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلەتمەكتە. بۇ يىل 4 - ئايدا، بۇ كارخانىنىڭ 2 - قارارلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئەسلىدىكى 50 مىڭ توننىدىن 100 مىڭ توننىغا كۆپەيتىلدى.

(چېن جيەنفېي فوتوسى)

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە تىجارەت كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتەك قوش سىناق ئالدىدا، شىنجاڭ شىخو پىۋىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى «خەۋپ» ئىچىدىن «پۇرسەت» تېپىپ، سۈپەتلىك ماركىدا يېڭىلىق يارىتىش، ماركېتىڭ يولى، ئىستېمال ئەندىزىسى جەھەتتە ئۈچ يا ئوقىنى تەڭ ئېتىپ، سۈپەتلىك ماركا قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى جانلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلىدى.

6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، مۇخبىرلار ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان شىنجاڭ شىخو پىۋىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى ھاراق زاۋۇتىغا كىرىشى بىلەنلا، بۇغداي ئۈندۈرمىسىنىڭ كۈچلۈك خۇش پۇرىقى دىمىقىغا ئۇرۇلدى، بىرنەچچە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقارماقتا ئىدى. ئىش، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر كۈنى 1 مىليون 200 مىڭ شىخو پىۋىسى بۇ يەردىن بازارغا سېلىنىدۇ.

ھاراق زاۋۇتىدىكى بىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سىغىملىق تۇڭلۇق پىۋا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقاتتى.

«بۇ بىز يېقىندا بازارغا سالغان يېڭى مەھسۇلات، بەش لىتىرلىق تۇڭغا قاچىلانغان پىۋىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا قىزىل شىخو پىۋىسىنىڭ ئەسلىي تەمى ساقلاپ قېلىندى، تۇڭغا بىر كىلاپان لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ چەكلىك ۋاقىتتا ساقلىشى ۋە خالىغان ۋاقىتتا ئىچىشىگە قولايلىق.» ئۈرۈمچى ھاراق زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى مۇ كۈنمىن مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە قارىتا، كارخانىمىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش جەھەتتە سىجىل كۈچىدى. ھازىر، بۇ مەھسۇلات كەينى - كەينىدىن شىنجاڭ سىرتىدىكى نۇرغۇن بازار ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا سىناق تەرىقىسىدە كېڭەيتىلىپ، بېيجىڭ، شەندۇڭ، جېجياڭ، شەنشى قاتارلىق نۇرغۇن بازارلارغا يۈزلەندى.

ئىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، شىخو پىۋىسى قارىمىقىدىكى بەش ھاراق زاۋۇتىنىڭ ھەممىسى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى: ئىستېمال بازىرىنىڭ جانلىنىشى ئاستا بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تولۇق قويۇپ بېرىلمەي، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بېسىمى بىردىنلا زورىيىپ كەتتى.

«گەرچە ئىستېمال جانلىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويغان بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن يىللىق كەسىپنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە يەنىلا ئۈمىد باغلاپ كەتكىلى بولمايدۇ. پىۋىنىڭ بىرلەمچى - ئىككىلەمچى كەسپى ئۈچۈن ئېيتقاندا، يېمەك - ئىچمەك يوللىرىدىكى ئېھتىياجنىڭ ئازىيىشى، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ ئاستا - ئاستا جانلىنىشى قاتارلىقلارغا ئەگىشىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىستېمال ئادىتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. بىر قاتار تىجارەت بېسىمىغا قارىتا، بىز ماركېتىڭ تاكتىكىسىنى تەڭشەپ، ھازىر دەسلەپكى نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق» دېدى شىنجاڭ شىخو پىۋىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دۇ خۇي.

ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە، شىخو پىۋىسى ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارىتى بايلىقىنى تەقسىملەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇم ۋەزىيىتىدە پۈتۈنلەي يېڭىچە ماركېتىڭ يولى ئاچتى. يۇقۇم مەزگىلىدە ئىستېمالچىلارنىڭ سىرتقا چىقىشى قولايسىز بولۇشتەك رېئاللىققا قارىتا، شىركەت ئۇچراشماي يەتكۈزۈپ بېرىش، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن پايدىلىنىپ سېتىشنى تېزلىتىش، بايراملىق ماركېتىڭ پائالىيىتى قاتارلىقلار ئارقىلىق پىۋىنى ئىستېمالچىلارغا يەتكۈزۈپ بەردى. نۆۋەتتە، يېڭى ماركېتىڭ يوللىرى شىنجاڭ ھەم نىڭشيادىكى ئون نەچچە شەھەرنى قاپلىدى، كەلگۈسىدە يەنە پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇقتىلىق شەھەرلەردىكى تور سىرتىدىكى مەھەللە، توردىكى ئىجتىمائىي توپلاردا كۆپەيتىلىپ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، كەسىپ ماركېتىڭ ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

بېسىم ئالدىدا، جەزمەن مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ، ئورۇن ئىگىلەش، يەنە يېڭى يول ئېچىش كېرەك. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، شىخو پىۋىسى كارخانىسىنىڭ تۇنجى بىۋاسىتە كۆرسىتىشى باشلاندى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايون( تۇدۇڭخابا رايون) لۇق باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (مۇئاۋىن رايون باشلىقى) لۇ يەنخۇڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىگە كېلىپ، شىخو پىۋىسى ئۈچۈن بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇردى. بۇ، شىخو پىۋىسىنىڭ ماركېتىڭ ئەندىزىسى جەھەتتىكى يەنە بىر قېتىملىق يېڭى سىنىقى.

«بىز كەسىپلەرنى يۇغۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يۆنىلىشىنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، يېڭى پارچە سېتىش يوللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، <بۇلۇت پىۋىخانىسى> ئەندىزىسى ئارقىلىق پىۋا سېتىشقا تۈرتكە بولۇپ، سۈپەتلىك ماركا تەشۋىقاتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق.» دۇ خۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ پايدىلىق سىناقلار ئارقىلىق، 5 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، شىخو پىۋىسىنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارلاردىكى سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇپ، پاسىلداق قۇتىلىق پىۋىغا بولغان ئىستېمال ئېھتىياجى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، 6 - ئايدا سېتىلىش مىقدارىنىڭ سىجىل ئۆرلىشىدىن ئۈمىد بار.

بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، شىخو پىۋىسى تۇنجى قېتىم «2020 جۇڭگونىڭ سۈپەتلىك ماركا قىممىتىنى باھالاش ئۇچۇرى»تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، يېنىك سانائەت كارخانىلىرى تىزىملىكىدە ئالدىنقى 30 كارخانا قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

شىنجاڭنىڭ «كونا داڭلىق ماركا»لىرى ئىچىدىكى تونۇلغان سۈپەتلىك ماركا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىخو پىۋىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشى، بىر كەسىپ زەنجىرىنىڭ «جانلانغانلىقى»دىن دېرەك بېرىدۇ، شىخو پىۋىسى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنىڭ سىجىل ياخشى بولۇشى نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كىرىزىسىدىن ئورتاق ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى