تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

بىر جاينىڭ سۇ، تۇپرىقىنى ئالماشتۇرۇپ، شۇ جاينىڭ پۇقرالىرىنى بېيىتىش

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ كوئېنلۇن جيايۈەن ئورۇنلاشتۇرۇش ئولتۇراق رايونى:

بىر جاينىڭ سۇ، تۇپرىقىنى ئالماشتۇرۇپ، شۇ جاينىڭ پۇقرالىرىنى بېيىتىش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن چىنيەن

ئاقتۇ ناھىيەسى كوئېنلۇن جيايۈەن نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ئورۇنلاشتۇرۇش ئولتۇراق رايونىدىن بىر كۆرۈنۈش (2018 - يىلى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تارتىلغان). سۈرەتنى ئاقتۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن

قاتار - قاتار رەتلىك ئولتۇراق بىنالار، تۈز، كەڭرى يوللار، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتلىرى، كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان چىرايلارنى ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ... 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسى − ناھىيە بازىرىغا جايلاشقان كوئېنلۇن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىغا كىرگەندە، بالىلار ئولتۇراق رايوندىكى مەيداندا ئويناۋاتاتتى، ياشانغانلار مۇقىم ئولتۇراقلىشىش تۇرمۇشىدىن مەمنۇنلۇق بىلەن بەھرىلەنمەكتە، ياشلار كۈرەش ئارقىلىق يېڭى تۇرمۇشنى پۈتمەكتە ئىدى.

پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى تۇرمۇشتا زور ئۆزگىرىش بولدى

قۇياش نۇرى ئاستىدا، مۇخبىر كوئېنلۇن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا ياشانغانلارنىڭ دەرەخ ئاستىدا سالقىنداپ پاراڭ سېلىشىۋاتقانلىقىنى؛ بالىلارنىڭ ئىلەڭگۈچ ئۇچۇپ، قوغلىشىپ ئويناۋاتقانلىقىنى؛ ئاياللارنىڭ كەشتە تىككەچ، ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆردى...

«پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىغان بولسا، قانداقمۇ بۇنداق ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيتتۇق» دېدى 70 ياشلىق تۇردىخان ئىمىن خۇشال ھالدا.

تۇردىخان ئىلگىرى تۇرغان ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ چارلۇڭ يېزىسى تويلۇ بۇلۇڭ كەنتىنىڭ قاتنىشى قولايسىز ئىدى. بۇلتۇر 9 - ئايدا، تۇردىخان ئائىلىسىدىكىلەر كوئېنلۇن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ، يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ، مەنىلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى. «بالىلار ئىشىك ئالدىدىلا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئىش بېجىرىش، نەرسە سېتىۋېلىش، سىرتقا چىقىش ئىنتايىن قولايلىق» دېدى تۇردىخان.

كوئېنلۇن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىنى قۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە، ئاقتۇ ناھىيەسى شىپاخانا، مەكتەپ، يەسلى، مەدەنىيەت مەيدانى ۋە داۋاملاشما كەسىپ تەرەققىيات تۈرلىرىنى ماس قەدەمدە پىلانلاپ، ماس قەدەمدە قۇردى.

«بۇ تۇنجى قېتىم ھاجەتخانىسى بار ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشىم، كىيىم - كېچەكلەرنى كىيىم ئىشكاپىغا سالىدىغان بولدۇق، تاماقنى ئوچاق بېشىدا ئېتىدىغان، تاماق ئۈستىلىدە يەيدىغان بولدۇق ... » يېڭى ئۆي تىلغا ئېلىنسا تۇردىخان ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ: «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى تۇرمۇشۇمنى ئۆزگەرتتى» دېدى.

كوئېنلۇن جيايۈەن ئولتۇراق رايونى يەنە «پارتىيە قۇرۇلۇشى + يېزا - بازار + تەۋەلىك جاي» باشقۇرۇش ئەندىزىسى بويىچە، ئارىلاپ مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ مەھەللىگە بولغان تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئۆزئارا غەمخورلۇق قىلىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپتۇ.

ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتى ئائىلىنى باقتى ھەم ئائىلىدىن خەۋەر ئالدى

«بۇ سىمنىڭ كەپشەرلەش نۇقتىسىنى يەنىمۇ كىچىكرەك قىلسىڭىز، ئۇنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلالايسىز.» ئاقتۇ ناھىيەسى جۇڭيىنتۇڭ ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، بۇزۆرە تۇردىئەلى خادىملارغا سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى.

«زاۋۇت ئىشىكىمىز ئالدىدىلا، ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تاپقىلى، يەنە ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىلى بولىدۇ، پۇل تېپىش بىلەن ئۆيگە قاراشنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە دەخلى يەتمەيدۇ» دېدى بۇزۆرە خۇشال ھالدا.

ئىلگىرى تاغدا قوي باقىدىغان بۇزۆرە ئائىلىسى بويىچە كوئېنلۇن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كەلدى، ھازىر شىركەت سېخىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولدى.

«بىر ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىمەن، ياخشى ئىشلەپ، ئائىلەمدىكىلەرنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىمەن.» بۇزۆرە تەستە قولغا كەلگەن خىزمىتىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدىكەن.

كۆچۈرۈلۈشتىن بۇرۇن، ئاقتۇ ناھىيەسى مۇددەتتىن بۇرۇن تەكتىنى ئېنىقلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى پىلانلاپ، «نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش + كەسىپلەر باغچە رايونى + ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كۆچۈرۈلگەن ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۆلچەملەشكەن، قېلىپلاشقان، سىستېمىلاشقان ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپتۇ. ئەمگەك كۈچى بار كۆچۈرۈلگەن ئائىلىلەردىن «بىر ئائىلىدىن بىر ئادەم» «بىر ئائىلىدىن كۆپ ئادەم» مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپتۇ.

2017 - يىلى 10 - ئايدا تۇنجى تۈركۈمدە كۆچۈرۈلگەن سارې قۇربان يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، كىچىك بالىدەك ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىكەن. كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئاشخانا ئېچىش ئويى بارلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا 56 كىۋادرات مېتىرلىق دۇكان بۆلۈپ بېرىپتۇ.

ناھايىتى تېزلا، سارېنىڭ تاڭنۇر مىللىيچە تائاملار ئاشخانىسى مەھەللىنىڭ ياردىمىدە تىجارەت باشلىدى، ئۇنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى، چۈنكى ئۇ ئۆزى پۇل تېپىپلا قالماي، يەنە ئالتە نامرات ئاھالىنى ئاشخانىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانىدى.

ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى كوئېنلۇن جيايۈەن ۋە سىلۇ جيايۈەندىن ئىبارەت ئىككى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ئورۇنلاشتۇرۇش ئولتۇراق رايونىغا جەمئىي 2557 ئائىلىلىك 10 مىڭ 632 نامرات نوپۇس ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. كارخانىلارنى كىرگۈزۈش، ئىگىلىك تىكلەشكە يار - يۆلەك بولۇش، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى ئىش ئورۇنلىرىنى ئېچىش قاتارلىقلار ئارقىلىق 5848 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ھەل قىلىنىپتۇ.

قول تۇتۇشۇپ بېيىش يولىغا ئاتلاندى ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇردى

«يېڭى بىنا ئۆيدە ئولتۇرالىغانلىقىمىز، پارنىكتا تېرىقچىلىق قىلالىغانلىقىمىزدىن پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ناھايىتى خۇشال» دېدى كوئېنلۇن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن ھاشىر تاھىر ھاياجانلانغان ھالدا.

ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك پارنىكىدىن يەتتىنى ھۆددىگە ئالغان ھاشىر كۆكتات تېرىش توغرىسىدا ناھايىتى ئورۇنلۇق قىلىپ: «كۆكتات تېرىش بالا باققانغا ئوخشايدۇ، مايسا يېتىشتۈرۈش، يەر ئاغدۇرۇش، ئوغۇتلاش، پەرۋىش قىلىشتا ئازراقمۇ بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ» دېدى.

پارنىكلار ئۆيدىن بىر كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، ھاشىر ئەر - خوتۇن چۈشتە ئۆيىگە ناھايىتى ئاز قايتىدىكەن، گەرچە جاپالىق بولغان بولسىمۇ، ھەربىر كۈن ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلىغاچقا، كۈنلىرى ناھايىتى مەنىلىك ئۆتىدىكەن.

«بىر پارنىكتىن بىر يىلدا 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىمەن، كېلەر يىلى يەنە ئىككى پارنىكنى ھۆددە ئېلىشنى پىلانلاۋاتىمەن» دېدى ھاشىر تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

ھاشىرغا ئوخشاش كۆچۈش سېتىۋالدى ئىسمايىل ئاكا - ئۇكىلارنىڭ تۇرمۇشىنىمۇ ئۆزگەرتتى.

«ئىنىم 2017 - يىلى ئاۋۋال كۆچۈپ كېلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇش ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇردى، ئۇنىڭغا نامراتلارنى يۆلەش پارنىكىدىن بىرى تەقسىم قىلىندى.» سېتىۋالدى مۇنداق دېدى: «مېنى ھەيران قالدۇرغىنى ئىنىم قوغۇن ۋە كۆكتات تېرىشنى ئۆگىنىپ، شۇ يىلىلا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ، ئىككىنچى يىلى نامراتلىقتىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلدى».

پامىر ئېگىزلىكىدىكى چارۋىچىلارنىڭ ئىلگىرىكى «قوي - كالىلىرىنى ھەيدەپ تاغمۇ - تاغ يۈرىدىغان، ھەر يىلى بىر خىللا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان» تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى.

«684 ئائىلىلىك كۆچۈرۈلگەن نامرات ئائىلىنىڭ ھەربىرىگە بىردىن كۆكتات پارنىكى تەقسىملەندى، ھۆكۈمەت ئۇرۇقلۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، ئۇنىڭدىن باشقا تېخنىك خادىملار ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ يېتەكچىلىك قىلدى. بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن پۇقرالارنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز» دېدى كۆچۈرۈلگەن چارۋىچىلار بىلەن بىللە تاغدىن چۈشكەن ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ چارلۇڭ يېزىسىدىكى كادىر يۈسۈپ توختىبېك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېقىشلىق كۈز مەنزىرىسى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى