تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى سىجىل ياخشىلاندى

بۇلتۇر ھاۋا سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتكەن كۈن سانى 277 كۈن بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈ شى خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى 2019 - يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇھىت سۈپىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخباراتنى ئېلان قىلىپ، 2019 - يىللىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش خىزمىتى ئەھۋالى ۋە 2020 - يىللىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئاخباراتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى سىجىل ياخشىلانغان.

2019 - يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇھىت، ھاۋا سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتكەن كۈن سانى (ئەلا، ياخشى) 277 كۈن بولۇپ، ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى %76.9 (بەش كۈنلۈك چاڭ - توزانلىق ھاۋارايى چىقىرىۋېتىلدى) بولدى، سۇ مۇھىتىنىڭ سۈپىتى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملىقنى ساقلىدى، مەركەزلىك ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنىڭ سۇ سۈپىتىنىڭ ئەلا، ياخشى بولۇش نىسبىتى %91.67 بولدى؛ تۇپراق مۇھىتىنىڭ سۈپىتى بىردەك پاكىز(بىخەتەر) دەرىجىسىدە تۇردى، مۇھىت خەۋپ - خەتىرى ۋەزىيىتى بىرقەدەر مۇقىم بولۇپ، ئېغىر، زور تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەسى يۈزبەرمىدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى گې گۇاڭفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تارقاق كۆمۈر قالاپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەسىدىن 3033نى ھەم ئون توننا كۆمۈر قالاپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۈچ پار قازاننى پاكىز ئېنېرگىيەلىك قىلىپ ئۆزگەرتىش تاماملاندى؛ يەتتە سانائەت باغچە رايونىدا سۇ چىقىرىش كارخانىلىرى تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش نازارەت قىلىنىپ، كېرەكسىز سۇ چىقىرىش تۇرۇبا يولى ۋېكتور ئىسخېمىسى سىزىلىپ، باغچە رايونىدىكى كارخانىلار چىقارغان پاسكىنا سۇنىڭ بارار جايى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىلدى؛ سۇ سۈپىتىنى ئاپتوماتىك كۆزىتىپ ئۆلچەش پونكىتىدىن بەشى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، دۆلەت كونترول قىلىدىغان، ئاپتونوم رايون كونترول قىلىدىغان، شەھەر كونترول قىلىدىغان دەريا - ئېقىنلارنىڭ كەسمە يۈزىنى ئاپتوماتىك كۆزىتىپ ئۆلچەشنىڭ تولۇق قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بۇلتۇر ئۈرۈمچى شەھىرى قۇرۇلۇش تۈرىدىن 553نى تەستىقلاپ، 27 ساھەدىكى 372 كارخانىغا بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى تەكشۈرۈپ تارقىتىپ، ئىجازەتنامە بويىچە بۇلغىما چىقىرىشنى نازارەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلتۇر مەخسۇس تۈرلۈك قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ پۈتۈن ساھەنى قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلغىما مەنبەسىنىڭ تېگى - تەكتىنى ئېنىقلىدى.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۈرۈمچى شەھىرى پۈتۈن شەھەردىكى قۇرۇلغان رايونلارنى قاپلىغان مۇھىت، ھاۋا سۈپىتىنى ئاپتوماتىك كۆزىتىپ ئۆلچەش تورىنى قۇردى، دۆلەت مۇھىت كۆزىتىپ ئۆلچەش تارماقلىرى 11 پونكىتنى ئۈچىنچى تەرەپ ئاپپاراتلىرىغا ئاسراشقا ھاۋالە قىلىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتلىرىنى دۆلەت مۇھىت كۆزىتىپ ئۆلچەش سۇپىسىغا ئەمەلىي ۋاقىتتا يوللاپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېقىشلىق كۈز مەنزىرىسى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى