تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «سۈپىتى» تېخىمۇ ياخشىلاندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

5- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى سېختا ئېنېرگىيە تېجەش تىپىدىكى قۇرۇق نەملىك تىرانسفورموتورى ئىشلەپچىقارماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى يېشىل ياسىمىچىلىقنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە باشقۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى تۈرىنى قۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان يېشىل ئۈسكۈنىلەرنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزگەرتىش ھەمدە يېشىل ياسىمىچىلىق ئۇل سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۈي فوتوسى)

  قەتئىي تەۋرەنمەي شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  − شى جىنپىڭ

  بەش يىل − ۋاقىتنىڭ ئۆلچىمى، شۇنداقلا تەرەققىياتنىڭ دەرىجىسى؛ بەش يىل سانلىق مىقدارلارنىڭ توپلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا سۈپەتنىڭ ئۆسكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بىر يۈرۈش بەنزە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، بىر يۈرۈش بەنزە زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنى تۇتۇپ، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنى ئۈزلۈكسىز تارقىتىش بىلەن بىللە، تىرىشىپ شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى ياخشى قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، «ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت»نى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى ۋە ئېچىۋېتىش نەزەرى بىلەن، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېسىل سەھىپىسىنى پۈتتى.

   پۇختىلىق: ئاساسنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى

  5- ئاينىڭ 25- كۈنى، باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى (قىسقارتىلىپ «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتى دېيىلىدۇ)نىڭ ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا، تۈرلۈك ماددىي ئەشيالار قاچىلانغان تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، سېختىكى ئىشچىلار ئۆز ئىش ئورۇنلىرىدا ئالدىراش ئىدى. ئۇدا ئۈچ يىل زىيان تارتىشتىن 2017- يىلى زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرۇپ 1 مىليارد يۈەن پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، يەنە 2018- يىلىغا كەلگەندە 1 مىليارد 40 مىليون يۈەن پايدا ئېلىشقىچە، «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتى چىرايلىق «قەددىنى رۇسلاش جېڭى» قىلدى.

  باش مۇدىر شياۋ گودۇڭنىڭ ھازىرغىچە ئېسىدە، پولات - تۆمۈر كەسپى ئەڭ كاساتلاشقان مەزگىلدە، ھەر توننا پولات ماتېرىيالىنىڭ پايدىسى ئاران 1.6 يۈەن بولغان، باش ئىشتابنىڭ 8 مىليون توننىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئاران تۆتتىن بىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتى ھايات - ماماتلىق كەسكىن سىناققا دۇچ كەلگەنىدى.

  باشقا يۈگۈرۈش يولىغا ئالمىشىپ قايتا يولغا چىققاندا، قىيىن ئەھۋالدىمۇ «پارلاق ئىستىقبال قۇچاق ئاچىدۇ».

  ئاپتونوم رايوننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتى قوش چاق بىلەن تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى − پولات - تۆمۈر يادرولۇق ئاساسىي كەسپىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، كۆپ مەنبەلىك كەسىپلەرنى تېز سۈرئەتتە راۋاجلاندۇرۇشنى يولغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى.

  «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ «ياخشىلىنىشقا باشلىغان»لىقى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

  2018- يىلى، شىنجاڭ 1 تىرىليون 219 مىليارد 908 مىليون يۈەن رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %6.1 ئاشتى.

  ئۆتكەن بەش يىلغا نەزەر سالساق، ئاپتونوم رايون يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، كەسىپلەر ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  − يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى سىلىق بولدى. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى (2018- يىلىدىن 2022- يىلىغىچە)» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشىلىنىپ، ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ياخشىلاش، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، خاس كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  − سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئاشتى. نېفىت، نېفىت - خىمىيە، مېتاللۇرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماشىنىسازلىق، ياسىمىچىلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ مەھسۇلات تېخنىكىسى، قول ھۈنەر - سەنئەت جابدۇقچىلىقى، ئېنېرگىيە ئۈنۈمى، مۇھىت ئاسراش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى تايانچ كۈچكە ئايلاندى.

  − مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى. 2018- يىلى، مۇلازىمەت كەسپىدە 558 مىليارد 402 مىليون يۈەن قوشۇلما قىممەت ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %62.3كە يەتتى.

  بەش يىلدىن بۇيان، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان قاپلىغان، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىش تېزلىتىلگەن» ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش تېزلىتىلدى.

  G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلاندى، شىنجاڭدىن بېيجىڭغىچە بولغان ئارىلىق 1300 كىلومېتىردىن كۆپرەك قىسقاردى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسى 4800 كىلومېتىرلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى. شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تىجارىتى مۇساپىسى 6200 كىلومېتىردىن ئېشىپ، شىنجاڭ تۆمۈريولى دەسلەپكى «一» دېگەن خەت شەكلىدىن «人» دېگەن خەت شەكلىگىچە، ئاندىن بۈگۈنكى كۈندىكى لەنجوۋ - شىنجاڭ لىنىيەسى، جەنۇبىي شىنجاڭ لىنىيەسى، ئۈرۈمچى - جۇڭغار لىنىيەسى، جىڭ - غۇلجا - قورغاس لىنىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق»تىن ھالقىپ ئۆتكەن تولۇق يېڭى يول تورى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈردى. 254 دۆلەت ئىچى، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بىزنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزنى بارغانسېرى يېقىنلاشتۇردى.

  سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدە چوڭ تۈر، چوڭ قۇرۇلۇشلار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەتنى تۈگىتىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسىنى پۇختىلىدى.

   چوڭقۇرلۇق: ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى

  بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيەسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردە نەتىجىسى گەۋدىلىك بولۇپ، 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو سانائەت كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات تۈرى.

  «بەش نۆۋەتلىك جۇڭگو سانائەت كاتتا مۇكاپاتىدا جەمئىي 69 كارخانا ۋە تۈر مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ تۆتنى ئىگىلىدى، بۇ نىسبەتنىڭ ھەممىسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇ كارخانا ۋە تۈرلەر ساھەلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش جەھەتتە نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ئۈلگىسىنى تىكلىدى» دېدى شىنجاڭ سانائەت، ئىقتىساد بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ليۇ چېڭدې.

  شىنجاڭ ئېرىشكەن تۆت جۇڭگو سانائەت كاتتا مۇكاپاتىنىڭ ئۈچى شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى نېفىت - خىمىيە سانائىتى ساھەسىگە تەۋە. بۇمۇ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر ياخشى ئىشلەنسە، ئوخشاشلا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئاغرىق نۇقتىسى گەۋدىلەنگەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى نۇقتىسىنى ئۈزلۈكسىز پىلانلىدى.

  بىر تەرەپتىن ساقلانما مىقدار ئۆزگەرتىلدى −

  بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە 12 مىليون توننا پولات - تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى چېكىندۈرگەن. 2018- يىلى ئۈرۈمچى خۇەنپېڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېرجىڭتيەن كۆمۈر كېنى، ئونسۇ ناھىيەسى قۇرغۇيلۇق كۆمۈر كېنى قاتارلىقلارنىڭ قانۇن بويىچە تاقىلىشىغا ئەگىشىپ، يېقىنقى ئۈچ يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 157 جايدىكى كۆمۈر كاننى تاقاپ، 18 مىليون 990 مىڭ توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى چېكىندۈرگەن. سېمونت ساھەسىدە 7 مىليون 870 مىڭ توننا قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى شاللىۋېتىلگەن. تۆۋەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ «چېكىندۈرۈلۈشى» يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن بايلىق مۇھىم ئامىلى بوشلۇقى ھازىرلاپ بەرگەن.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا چوڭ زاپچاسلارنى ئىنچىكە پىششىقلاش، چىڭىتقۇچ پىششىقلاش قاتارلىق يانداش كەسىپلەر، سىلىكونلۇق بىرىكمە مېتال، ئورگانىك سىلىتسىي ماتېرىيالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياسىمىچىلىق كەسىپلىرىدە، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، قىممەت زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، مۇھىم، زور ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ۋە ئۇششاق زاپچاسلارنى كەسىپلەشتۈرۈش جەھەتتە يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  يەنە بىر تەرەپتىن ئېشىش مىقدارى قەد كۆتۈردى −

  يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قاتارلىق «كىرگەن» كۈچلەر ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى: يۇقىرى تېخنىكا، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر زور كۆلەمدە ئاشتى، 2018- يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ياسىمىچىلىقى، سانائەت ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتتىن 28 پىرسەنت پوئېنت ۋە 11 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

  ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، «ئالاقە تورى +»، ھەمبەھرە ئىقتىساد قاتارلىق يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. 2018- يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ رەقەملىك ئىقتىساد كۆلىمى 280 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10كە يېقىن ئاشتى.

  «كىرىش» «چېكىنىش» ئوتتۇرىسىدا دەل شىنجاڭنىڭ يېڭى - كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشى تېزلىشىپ، سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلا بولغان تەرەققىيات يېڭى يولى ئېنىق نامايان بولدى.

   ئىللىقلىق: ھاياتىي كۈچنى ئۈنۈملۈك قوزغاتتى

  «بۇ ئىككى يىلدا، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تېخىمۇ قولايلاشتى، پۇقرالار ئىش بېجىرىشتە ئاز قاترايدىغان بولدى، بەزىدە ھەتتا قاترىمىسىمۇ بولىدىغان بولدى. مەسىلەن، مەن بۇ قېتىم تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرغاندا، جەمئىي ئۈچ خىزمەت كۈنى كەتتى، ماتېرىيال تولۇق بولماسلىق سەۋەبلىك قايتا - قايتا قاتراپ يۈرمىدىم» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يەككە تىجارەتچى جاڭ يۈنشيا ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا.

  ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى جەلپ قىلىش كۈچى، رىقابەت كۈچىدۇر، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچتۇر.

  بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز قايتا بەرپا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇل مۇئامىلە، مالىيە - باج، ئىجتىمائىي ئىشلار قاتارلىق كۆپ ساھەدىكى ئىسلاھاتقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجاد قىلىش كۈچىنى زور دەرىجىدە قوزغاتتى، ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  2018- يىلىغىچە ئاپتونوم رايون شۇ دەرىجىلىك مەمۇرىي تەستىق تۈرىدىن 832نى ئەمەلدىن قالدۇردى، تەڭشىدى، مەمۇرىي ئىجازەتتىن باشقا بارلىق تەستىق تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، 328 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ساقلاپ قالدى.

  ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش تەلىپى بويىچە، كارخانا قۇرۇش، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى قۇرۇش، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش، باج تاپشۇرۇش، قەرز ئېلىش قاتارلىق ساھەلەردە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىنى داۋاملىق ئازايتىپ، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئىخچاملاپ، ئىش بېجىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق ياراتتى.

  يۈك يېنىكلىگەندە ئاندىن يەڭگىل جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلانغىلى بولىدۇ. باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەر ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بەردى، بۇلتۇر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئەمەلىي ئىقتىساد كارخانىلىرىنىڭ يېنىكلىتىلگەن يۈكى 62 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. بۇ يىل 1- پەسىلدە، شىنجاڭدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار يەنە بىر قېتىم يۈكنى يېنىكلىتىشنىڭ «كاتتا سوۋغىتى»غا ئېرىشتى − ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسىتى بويىچە 596 مىليون يۈەن بېجى ئازايدى، شەخسلەر تاپاۋەت بېجىدىن مەخسۇس قوشۇمچىسىنى چىقىرىۋېتىش سىياسىتى بويىچە 139 مىليون يۈەن باج ئازايدى، قوشۇلما قىممەت باج نىسبىتى تەڭشىلىپ، 1 مىليارد 455 مىليون يۈەن باج كېمەيدى.

  تەرەققىيات تۇپرىقىنى يېتىشتۈرگەندىلا ئاندىن تېخىمۇ كۆپ بايلىق ۋە مۇھىم ئامىلنىڭ توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش ئارزۇسىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. 2018- يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بازار سۇبيېكتى سىجىل ئېشىش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتىدىن 46 مىڭى يېڭىدىن كۆپەيدى.

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشى شىنجاڭنى تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە قىلدى. تېپىلغۇسىز مۇھىم، زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىشنى ئالغا سىلجىتتى.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاممىنى تېخىمۇ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى. بۇ بىرنەچچە يىلدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى شەھەر - يېزىلارنىڭ قىياپىتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. 2018- يىلى شىنجاڭدا ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم تۇنجى قېتىم 20 مىڭ يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 21 مىڭ 500 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشتى.

  يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوشۇش، ماسلاشتۇرۇش داۋامىدا تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش، يېشىللىق داۋامىدا تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئېچىۋېتىش داۋامىدا تەرەققىيات يولىنى كېڭەيتىش، ئورتاق بەھرىلىنىش داۋامىدا تەرەققىيات ئاساسىنى يېتىشتۈرۈش... يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى باسقۇچىدا شىنجاڭ دولقۇن يېرىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش