تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭدا نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشتى

قىرتاق سۇ ئەسلىمىگە ئايلاندى    تاتلىق سۇ ئائىلىلەرگە كىردى

شىنجاڭدا نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشتى

 سۈرەتتە: 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى پەيزاۋات ناھىيەسى گۈللۈك يېزىلىق سۇ بىلەن تەمىنلەش پونكىتىدىكى خىزمەتچى خادىم گۈللۈك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇرېشىت ئابلەتكە (سولدا) يېڭى جۈمەك ئالماشتۇرۇپ بەردى. جۈمەك ئېچىلىشى بىلەنلا سۈپسۈزۈك تۇرۇبا سۈيى ئېقىپ چۈشتى.

(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز شيې لۇڭ فوتوسى)

 سۈرەتتە: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى شەھەر - يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش باش سۇ زاۋۇتىدا، خىزمەتچى خادىملار كۆلدىكى سۇنىڭ تازىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە (6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تارتىلغان). بۇ بىخەتەر سۇ 112 كىلومېتىرغا يېقىن ئاساسىي تۇرۇبا يولى ئارقىلىق پەيزاۋات ناھىيەسىگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: «بۇ، مۇزتاغ چوققىسىدىن كەلگەن قار سۈيى، تاتلىق!» 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلسۇ يېزىسى قوشتوغراق كەنتىدە، 71 ياشلىق يارمەمەت ياسىن ئىستاكاندىكى سۈپسۈزۈك سۇدىن بىر يۇتۇم ئوتلىدى، چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ بازار - يېزىلىرىدا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 15 مىڭ 300 نامرات ئاھالە «خاتىرجەم سۇ» ئىچەلەيدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى بارلىق نامرات ئاھالە قىرتاق شورلۇق سۇ ئىچىش بىلەن تەلتۆكۈس خوشلىشىپ، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشتى.

شىنجاڭدا سۇ كەمچىل، پەسىللىك دەريا - ئېقىنلار بەزىدە ئۈزۈلۈپ، بەزىدە داۋاملىشىپ تۇرىدۇ، يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىنېراللىشىش دەرىجىسى يۇقىرى. مىڭ يىللاردىن بۇيان، دۇغلىشىپ كەتكەن كۆل سۈيى ۋە يەر ئاستى قۇدۇقىدىن تارتىلغان قىرتاق شورلۇق سۇ شىنجاڭدىكى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خەلق تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان، ئىچىدىغان سۇ ئىدى. بىخەتەر، پاكىز سۇ ئىچىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسى ئىدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن خەلقنىڭ ئىچىدىغان سۇ شارائىتىنى ياخشىلىدى. 1984 - يىلى، شىنجاڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۇ ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى، قېزىلغان يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئائىلىلەرگە ئېقىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، كۆل تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقتى. لېكىن نامرات ئاھالە توپلاشقان جەنۇبىي شىنجاڭدا، نۇرغۇن جايلاردا يەر ئاستى سۈيىنىڭ فتور، ئارسېن مىقدارى ئۆلچەمدىن يۇقىرى بولۇپ، تەمى قىرتاق بولۇپلا قالماي، ئۇزاق مۇددەت ئىچكەندە سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزەتتى.

«2016 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىشنى سۇچىلىق خىزمىتىدىكى باش قۇرۇلۇش قىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق يېزىلاردىكى ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش باش پونكىتىنىڭ مۇدىرى جاڭ يۈن مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە يېزىلاردا جەمئىي 400دىن ئارتۇق تۈرلۈك ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، 12 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، ئىلگىرى قىلىشنى ئويلىغان لېكىن قىلىشقا قۇربى يەتمىگەن نۇرغۇن ئىشنىڭ ھەممىسى مۇشۇ مەزگىلدە تاماملاندى».

پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شەھەر - بازارلىرىدىكى ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 1 مىليارد 749 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىچىدە ھازىرغىچە يەككە مەبلەغ سېلىش سوممىسى ئەڭ كۆپ بولغان ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. ناھىيە بازىرىدىن 100 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا، گەز دەرياسىنىڭ سۈيى 8 مىليون 90 مىڭ كۇب مېتىر كېلىدىغان قۇم تىندۇرۇش كۆلچىكىدە تىندۇرۇلغاندىن كېيىن، باش سۇ زاۋۇتىغا كىرىپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، يەنە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1827 كىلومېتىر بولغان غول - تارماق تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى مىڭلىغان - ئون مىڭلىغان ئائىلىلەرگە ئۈزلۈكسىز ئېقىپ كىرىدۇ.

جاڭ يۈن مۇنداق دېدى: «دۆلەت ئىقتىسادىي ھېساباتنى ئويلىشىپ ئولتۇرمىدى، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدىكى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىش».

«سۈيىمىز تاتلىق بولدى، تۇرمۇشىمىزمۇ تاتلىق بولدى!» 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ جامباز يېزىسى يىپەكچى كەنتىدىكى نامرات ئاھالە مۇسا ھاشىم تۇرۇبا سۈيى جۈمىكىنى ئېچىپ، تۈرلۈك يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى يۇغاچ: «ناھىيە ماڭا بۇ كۆچمە تاماق ھارۋىسىنى ھەقسىز سەپلەپ بەردى، مەن كەچلىك بازاردا كېچىلىك تاماق ساتىمەن، بىر كۈندە بىر - ئىككى يۈز يۈەن تاپالايمەن، بۇ يىل چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتجان يۇنۇس

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ