تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۇنيا مۇھىت كۈنىنى كۈتۈۋېلىش

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجوۋ شەھىرى خېخۇاچى كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسى «ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىساق، مۇھىتىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولغۇسى» ناملىق تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، بىر كىچىك دوست ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشنى ئۆگەنمەكتە.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى دۇنيا مۇھىت كۈنىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، مۇھىت ئاسراش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنى تەبىئىي مۇھىتنى ئاسراپ، گۈزەل ماكانىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلدى.

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى خەيئەن شەھىرى 523 مەدەنىيەت كەسىپلىرى باغچىسىدا، خەيئەن شەھىرى نەنپىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مۇھىت ئاسراش باش تېما قىلىنغان رەسىم سىزىش پائالىيىتىگە قاتناشتى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرى جىمو رايونى خۇاشەن يولى باشلانغۇچ مەكتىپى «مۇھىت ئاسراشنى ئۆزىمىزدىن باشلاايلى» تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزدى، ئوقۇغۇچىلار ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ قويۇش ئويۇنى ئوينىدى.

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، پىدائىيلار شەندۇڭ ئۆلكىسى روڭچېڭ شەھىرى خەيلۈ ئارىلىدىكى ساھىلدا ئەخلەتلەرنى تەرمەكتە.

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھىرى خەنشەن رايونى فۇخې مەكتىپىدە «ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرەيلى» تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. بىر ئوقۇغۇچى ساۋاقداشلارغا ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرمەكتە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى چېن ۋېي، شياڭ جوڭلىن، لياڭ شياۋپېڭ، لى شىنجۈن، خاۋ چۈنيىڭ خەۋىرى، فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى