تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىڭتۇەن بۇ يىل 36 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 88 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋيەننىڭ يېقىندا بىڭتۇەن ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، نۆۋەتتە، 2019- يىللىق بىڭتۇەننىڭ خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشى خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ يولغا قويۇلغان، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مائارىپ، كېسەل كۆرسىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كۈتۈنۈش، كىرىمنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە جەمئىي ئون چوڭ خىلدىكى 88 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشى يولغا قويۇلغان بولۇپ، 36 مىليارد 717 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان.

بۇ يىل خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشى پىلانىدىكى ئومۇمىي سېلىنما 2018- يىلىدىكىدىن %7.4 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە شۇ دەرىجىلىك مالىيە سېلىنمىسى تۆت ھەسسە كۆپەيگەن؛ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەن، بارلىق ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك سېلىنما تۈرلىرىنىڭ يانداشما سېلىنمىسى بىڭتۇەن، شىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلۈپ، قەرز ئالماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنغان.

بۇ يىل خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەردە ئاساسىي قاتلامنى كاپالەتلەندۈرۈش تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى، تۇەنلەرنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇش، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى بولماسلىقتەك كەمتۈكلۈكلەر كۈچەپ تولۇقلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى، تۇەنلەرنىڭ تەرەققىيات ئاساسى پۇختىلىنىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشى كۈچەپ يولغا قويۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا كۈچ چىقىرىلىدۇ. دىققەت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش كۈچەيتىلىدۇ. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى نەزەردە تۇتۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى كۈچەپ ياخشىلاش، ليەندۈيدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا، كۆپ مەنبەلىك كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسى كۈچەپ ئۆستۈرۈلۈپ، كۆپ خىل تەدبىرلەر تەڭ قوللىنىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. مائارىپ، سەھىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت، مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەش قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا كۈچ سەرپ قىلىنىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت تورى زىچ توقۇلۇپ، پۇختىلىنىپ ھۆكۈمەتنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.

بۇ يىل بىڭتۇەن قىيىنچىلىقى بار رايونلار ۋە ئاجىز ھالقىلارغا تېخىمۇ ئېتىبار بېرىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى، تۇەنلەرنىڭ خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشى سېلىنمىسى ئاشۇرۇلىدۇ، رايون پەرقى كۈچەپ كىچىكلىتىلىدۇ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، پىلاندىكى ئومۇمىي سېلىنما بۇلتۇرقىدىن بەش ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشۇرۇلىدۇ؛ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تورى زىچ توقۇلىدۇ، پۇختىلىنىدۇ، پىلاندىكى ئومۇمىي سېلىنما 19 مىليارد 75 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %16 ئاشۇرۇلىدۇ؛ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ، تۇرمۇشتا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، داۋالاشتا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىق تولۇقلىما مەبلەغ ئۈچۈن پىلان بويىچە 618 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %4 ئاشۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى