تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يەردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كۈچىنى ئۇرغۇتتى

تۆۋەن يارباغ كەنتى:

يەردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كۈچىنى ئۇرغۇتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، ئۆتكۈر نىجات، سۈن يۈن، لۈ يىخەن

[ئاخبارات سىزمىسى] 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، يېڭىسار ناھىيەسى چولپان يېزىسىنىڭ قازاقلا ئېرىق كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ئابدۇرۇسۇل ئېلى ئۆزىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا دۇكىنىدىكى يەرلىك، خاس مەھسۇلاتلارنى رەتلىمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مۇختەر ئەپرى سىزغان)

بىر بەلباغسىمان قومۇشلۇق يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئوچار بازىرى تۆۋەن يارباغ كەنتىنى ناھايىتى پۇختا «ئوراپ» تۇرىدۇ. 4 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئېگىزدىن يىراققا نەزەر سالغاندا، كەنت خۇددى ئەتراپىغا جىيەك تۇتقان ياپيېشىل يۇمران يوپۇرماقلاردەك كۆرۈنەتتى.

ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدا، تۆۋەن يارباغ كەنتىدە بۇنداق ھەممە يەر يېشىللىققا پۈركەنگەن مەنزىرە يوق ئىدى − كەڭ - تارلىقى ئوخشاش بولمىغان ئېتىز قىرلىرى خۇددى پىچاق بىلەن ئويۇپ قويۇلغان يېرىقلارغا ئوخشاش بولۇپ، يەرنى پارچە - پارچە قىلىۋەتكەنىدى؛ ئوخشاش بولمىغان زىرائەتلەر ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئاندا - ساندا تارقالغانىدى.

جىددىي ئۆزگىرىش 2017 - يىلى ئەتىيازدىن باشلاندى.

نىشان نۇقتىسىنى توغرا تېپىش «تارقاق»لىق ئىچىدىن مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىش

كۈن چىقىشى بىلەن ئىشلەش، كۈن پېتىشى بىلەن ئارام ئېلىش. كەنت ئاھالىلىرى ئېرىشكەننىڭ ھەممىسى يەرگە تايىنىشتىن كەلگەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، تۆۋەن يارباغ كەنتىدىكى يەرلەر بۇ جايدىكى كۆپ ئادەمنى بېقىشتا ئىنتايىن ھالسىراپ قالدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قەدىمىگە يەر توسالغۇ بولدى.

رازىگۈل قاسىم ئائىلىسىنىڭ 1.5 مو يېرى بار بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئۈچ جايغا تارقالغانىدى، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش ئۈچۈنلا ھېرىپ ھالىدىن كېتەتتى، يىل بويى كىرىمى چەكلىك بولۇپ، شۇنچە جاپا تارتىپمۇ ئازراقلا كىرىم قىلاتتى. نۇرئەلاگۈل تۇرغۇننىڭ ئائىلىسى تۆت مو يەرگە بۇغداي تېرىغان بولۇپ، ياخشى تېرىيالىسا بىر ئائىلىدىكى بەش جاننىڭ يېيىشىگە ئاران يېتەتتى؛ ياخشى تېرىيالمىسا ئوزۇقىغىمۇ يېتىشمەيتتى.

دېھقانلارنىڭ يېرى ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە تارقاق بولۇپ، ھەم كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىشقا پايدىسىز ئىدى، ھەم يەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قازغىلى بولمايتتى. چەكلىك يەر ۋە چەكلىك ھوسۇل تۆۋەن يارباغ كەنتىنى نامراتلىقتا قالدۇرغانىدى. ھالبۇكى، دېھقانلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ يېرىگە تايىنىپ ئەپلەپ - سەپلەپ كۈن كەچۈرۈشكە ئادەتلىنىپ قالغانىدى، يەر بولغاچقا، ئۆزلىرىنى ئايرىلالمايدىغاندەك ھېس قىلاتتى.

مۇھاسىرىنى قانداق بۆسۈپ چىقىش كېرەك؟ «يەرنى ئوبوروت قىلىش بىر يول ئىدى.» 2017 - يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن تۆۋەن يارباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى ياڭ مىڭ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يۈرەكلىك ھالدا سىناپ بېقىشنى قارار قىلدى.

ھەممە ئىشنىڭ باشلىنىشى تەس بولىدۇ، بىراق بۇ خىزمەتنى باشلاشتا توپتوغرا بىر يىل قىينالدى − بىر تەرەپتە دېھقانلارنىڭ يەرگە تايىنىۋېلىش ھېسسىياتى؛ يەنە بىر تەرەپتە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى ئىدى. ئىككىسىنىڭ توقۇنۇشۇپ قېلىشى بىلەن ئۇچقۇنلار تەرەپ - تەرەپكە چاچرىدى.

كەنتتىكى بېيىش ماھىرى سۇلتانمامۇت سادىر قالتىس تامچىلىق ھۈنىرىگە تايىنىپ كورلىدا ھەر ئايدا 4000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپاتتى. لېكىن ئائىلىسىدىكى بۇغداينى ئورۇيدىغان چاغدا، ئۇ ئىش تاشلاشتىن يانماي شۇنچە يىراقتىن ئۆيىگە قايتىپ كېلەتتى. نەتىجىدە، بۇغدايدىن ھېچقانچە پۇل تاپالمىغاننىڭ ئۈستىگە، مائاشىدىن خېلى كۆپ پۇل تۇتۇپ قېلىناتتى. ئۇنىڭ باھانىسى بولسا «ئۆز يېرىمنىڭ ھوسۇلىنى ئۆزۈم يىغىشىم كېرەك» ئىدى.

دېھقانلارنىڭ يەرگە بولغان ھېسسىياتىدىكى ئاددىي - ساددىلىقتا بىر قىسىم جاھىللىقمۇ بار ئىدى. دېھقانلار بىلەن قايتا - قايتا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ياڭ مىڭمۇ دېھقانلارنىڭ يەرنى قولىدا چىڭ تۇتۇپ تۇرۇشى ماھىيەتتە ئېتىزلاردىكى ئاشلىققا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى بولۇپ، ھوسۇلنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ، دېھقانلارنىڭ قەلبىدىكى يىلتىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى.

2018 - يىلىنىڭ بېشىدا، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ نەزەرى كەنتنىڭ جاڭگېر تەۋەلىك رايونىدىكى يەر تۈزۈلۈشى تەكشى، دەل - دەرەخ بىرقەدەر ئاز، تۈزلەشكە قولايلىق بولغان ئېتىزلارغا چۈشتى. دېھقانلارنىڭ ئاشلىق «ئاساسىي گەۋدىسى»گە چېقىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەن يارباغ كەنتى جاڭگېر تەۋەلىك رايونىدىكى دېھقانلار ئوبوروت قىلغان ھەربىر مو يەر ئۈچۈن 100 كىلوگىرامدىن بۇغداي، 100 كىلوگىرامدىن كۆممىقوناق «پايدا تەقسىملەپ» بەردى، ئەلۋەتتە «نەق پۇلغا سۇندۇرۇش»قىمۇ بولاتتى. دېھقانلار يېرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىشقا بەردى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە يەر ئىجارىگە ئالماقچى بولغان دېھقانلار، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى بىلەن توختاملىشىپ، كۆلەملىك تېرىقچىلىقنى راۋاجلاندۇردى، پۈتۈن جەريان ئوچۇق - ئاشكارا بولدى.

ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر تاماملاندى، 356 مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشى قاينام - تاشقىنلىق بىلەن باشلاندى.

مۇشتۇمىنى تۈگۈپ كۈچ چىقىرىش چەكلىنىپ قالغان يەرلەر قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىش

تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى، تەربىيەلىشى ئارقىلىق، جاڭگېر تەۋەلىك رايونىدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارنى تۆت نامرات ئائىلە تېرىپ باشقۇردى، پەقەت مائاشتىن ئىبارەت بىر تۈرلا ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا يېتەتتى. ماشىنىلاشقان، كۆلەملەشكەن مەشغۇلاتتا تېرىلغان بۇغداي، كۆممىقوناقلار ناھايىتى دانلىق بولۇپ، ھوسۇلى ۋە سۈپىتى ئىلگىرىكىدىن بىردەك ناھايىتى زور دەرىجىدە ئاشتى. مول ھوسۇل پەيتىدە، كوپىراتىپقا تەقسىم قىلىنغان پايدىنى ئېلىشقا كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كېتەتتى، ھەممىسىنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلىنەتتى.

جاڭگېر تەۋەلىك رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەر ئوبوروتىغا بولغان پوزىتسىيەسىمۇ تەدرىجىي ھالدا قارشىلىشىشتىن چۈشىنىش، قوبۇل قىلىشقا ئۆزگەردى. كىشىلەر كۆڭلىدىكى يەرگە بولغان قىيالماسلىقتىن ئاستا - ئاستا ئۆزگەردى. چۈنكى ئۇلار نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، يەردىن ئۈنۈمگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت بۇ قەدەمنى جەزمەن ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلدى.

2019 - يىلىغا كەلگەندە، تۆۋەن يارباغ كەنتى كەنتتىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم يەرلەرنى بىرلەشتۈرۈشنى تاماملاپ، ھەربىر دېھقان ئائىلىسىنىڭ ئىلكىدىكى يەرنى ئىلگىرىكى بىرقانچە كىچىك بۆلەكتىن مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن چوڭ بۆلەككە ئايلاندۇرۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرتۇتاش تېرىپ ۋە باشقۇرۇپ، زىرائەت سورتىغا ئاساسەن، كەنت ئاھالىلىرى ئوبوروت قىلغان يەرلەرگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان «پايدا تەقسىملەش» ئۆلچىمىنى ئايرىپ چىقتى.

يەردىن ئىبارەت بۇ قەغەز «پاكىز، رەتلىك» بولۇپ، تېرىشتىن ئىبارەت بۇ «ماقالە»نى يېزىشقا «قەلەم تەۋرەتكىلى» بولاتتى.

1230 مو مېۋىلىك باغ تۇتاش كەتكەن بولۇپ، ياڭاقنىڭ پوستى نېپىز، مېغىزى توق، ئۆرۈك چۈرۈك، تاتلىق، يېيىشلىك بولدى؛ 293 ئەگمە پارنىك تۇتاش كەتكەن بولۇپ، لازا، شياۋ بەسەي، شوخلا قاتارلىق كۆكتاتلار ئارقا - ئارقىدىن يىغىلىپ بازارغا سېلىندى.

كۈندە ئەگمە پارنىكتا ئالدىراش يۈرۈۋاتقان ئايشەمگۈل ئابدۇۋاسىت ئائىلىسىنىڭ ئۈچ مو يېرىنى ئوبوروت قىلغاندىن كېيىن، بۇ يەرگە كېلىپ «ئىشقا چۈشتى». «ھەر ئايلىق مائاشىم 1000 يۈەندىن ئاشىدۇ، يىل ئاخىرىدا يەنە 2000 يۈەنگە يېقىن پايدا تەقسىملەپ بېرىدۇ. بۇ ئىككى خىل كىرىمگە تايىنىپ، بۇ يىل نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلالايمەن» دېدى ئۇ تولۇق ئىشەنچ بىلەن.

ھازىر، تۆۋەن يارباغ كەنتىدە 1 - كەسىپتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 114كە يەتتى، ئايشەمگۈلدەك بۇنداق «قوش مائاشلىقلار» ئاز ئەمەس. تۆۋەن يارباغ كەنتى يەرنىلا ئەمەس، يەنە باغ - ئورمان، چارۋا قاتارلىقلارنىمۇ ئوخشاش ئەندىزە بويىچە ئوبوروت قىلىپ، باقمىچىلىق، باغ - ئورمان ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ، كۆلەملەشتۈرۈپ، كەسپىيلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ئەسلىدە يەر تەرىپىدىن چەكلەپ قويۇلغان تۆۋەن يارباغ كەنتى يەنە يەر ئوبوروتى ئارقىلىق تۈپتىن يېڭىلىنىپ، قەدەم ئېلىش جەريانىدا چەكسىز بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

ئىش ئورنى يارىتىش كەنت ئاھالىلىرىگە ئىشقا ئورۇنلىشىش «تاماق قاچىسى»نى چىڭ تۇتقۇزۇش

2018 - يىلى، تۆۋەن يارباغ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مائاش خاراكتېرلىك كىرىمى ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %41ىنى ئىگىلەيتتى، 2019 - يىلى بۇ نىسبەت %56كە ئۆرلىدى.

خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ پىكىر يولى ئېنىق بولدى، يەرنى ئوبوروت قىلىش پەقەت ۋاسىتە بولۇپ، دېھقانلارنى يەردىن ئازاد قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت ئىدى؛ «پايدا تەقسىملەش» پەقەت گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرۈش بولۇپ، مائاش خاراكتېرلىك كىرىمنى ئاشۇرۇشلا نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ياخشى يولى ھېسابلىناتتى.

يەردىن، ئېغىل - قوتاندىن ئايرىلىپ چىققان تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ زور مۇمكىنچىلىككە ئىگە بولدى. «مۇمكىنچىلىك»نى «ئېنىقلىق»قا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشكە توغرا كېلەتتى.

ياغاچ ماتېرىياللىرى پىششىقلاش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى. رازىگۈل ئەمدى ئۈچ پارچە يېرى ئارىلىقىدا ئالدىراش يۈرمىسىمۇ بولىدىغان بولدى، يەرنى ئوبوروت قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆزجايىدا ئىش ئورنىغا چىقتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى ياسىغان سافا، گىرىم ئۈستىلى، ئۈستەللەر ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى، رازىگۈل ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايدىغان بولدى.

ئىشىك ئالدىدا پەلەي ئىشلەپچىقىرىدىغان كەنت باشقۇرغان زاۋۇت قۇرۇلۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى 126 ئادەم قوبۇل قىلىنىپ، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئەسلىدىلا تىككۈچىلىك «ئاساسى» بار نۇرئەلاگۈل تۇرغۇن پىششىق ھۈنىرىگە تايىنىپ، ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا گۇرۇپپا باشلىقى بولدى، 2500 يۈەن ئايلىق مائاشى بار بولۇپ، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلمايدۇ، ئارىلاپ - ئارىلاپ ئائىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ «ئاشپۇزۇللار»غا بارىدۇ.

بېيىش تىپى سۇلتانمامۇت ئەمدى ئىش تاشلىمايدىغان بولدى، قۇرۇلۇش ئورنى قىشلىق دەم ئالغاندا، ئۇ كەنتكە قايتىپ ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر توپ شاگىرت قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا تامچىلىق تېخنىكىسىنى قولمۇقول ئۆگىتىپ، ئۇلارنى سىرتقىي دۇنياغا بېرىپ ئۇرۇنۇپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇردى. ھازىر كەنتتە 109 ئادەم كەنتتىن ئايرىلىپ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىشتە، يەنە نېمىلەرنى قىلغىلى بولىدۇ؟ ياڭ مىڭ قانداق قىلغاندا كەنتتىكى ئىشلەتكىلى بولىدىغان بايلىقلارنىڭ ھەممىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قېزىپ چىققىلى بولىدىغان يوشۇرۇن ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسىنى قېزىپ چىقىش ئۈستىدە تەپسىلىي ئويلاندى. بىر تەرەپتىن مېڭىپ، بىر تەرەپتىن ئويلاپ، بىلىپ - بىلمەي كەنت بېشىدىكى قومۇشلۇققا بېرىپ قالدى.

بۇ يىل 5 - ئاينىڭ بېشىدا، تۆۋەن يارباغ كەنتى قومۇشلۇق سۇلۇق يەر بايلىقىغا تايىنىپ بەرپا قىلغان ئۆردەك باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى رەسمىي «بارلىققا كەلدى». 1000 چوڭ چىپار ئۆردەك، 1000 جىندىڭ ئۆردىكىنىڭ كەينى - كەينىدىن لاپاسقا كىرگۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۆردەكچىلىك كەسپى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. كەنتتە يەنە بىر تۈركۈم ئەمگەك كۈچى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرىپ، ئۆردەك باققۇچىغا ئايلاندى.

بۇنىڭ بىلەن، تۆۋەن يارباغ كەنتىدىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار 769 ئادەمنىڭ ھەممىسى ئىشقا ئورۇنلاشتى. بۇ يىل پۈتۈن كەنت بويىچە مائاش خاراكتېرلىك كىرىمنىڭ ئومۇمىي كىرىمدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ %60تىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش غەيرىتى تولۇپ تاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى