تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

لى جيەندۇڭ: كۆڭلىگە باشتىن - ئاخىر كەنت ئاھالىلىرىنى پۈكۈش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

«بۇ مېنىڭ شەخسىي شان - شەرىپىم بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى». ئەمدىلا «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» دېگەن نامغا ئېرىشكەن شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى جىددىي تاقابىل تۇرۇش - خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مەركىزى 5 - شۆبە شىركىتىنىڭ دىرېكتورى لى جيەندۇڭنىڭ قەلبى ھاياجانغا تولۇپ، چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدى.

ئالتۇن كۈزدىكى 10 - ئايدا، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ غۇجا ئېرىق يېزىسى ئاياغ گۈلباغ كەنتىدە، 1- شۇجى لى جيەندۇڭ ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە ئەمگەك قىلدى.

لى جيەندۇڭ شىنجاڭ مايتاغ نېفىت مەكتىپىنىڭ نېفىت ئېلىش كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىگە تەقسىم قىلىندى. ئۇ ئاساسىي قاتلامدىن باشلاپ ئىشلەپ، تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلىپ شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى جىددىي تاقابىل تۇرۇش - خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مەركىزى 5- شۆبە شىركىتىنىڭ دىرېكتورى بولدى. بۇ يىللاردا ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس»، قاراماي بويىچە «ئەخلاق نەمۇنىچىسى» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

2018- يىلىنىڭ بېشىدا، 49 ياشلىق لى جيەندۇڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى بىر قېتىملىق مۇھىم، زور خىرىسنى كۈتۈۋالدى: قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ غۇجا ئېرىق يېزىسى ئاياغ گۈلباغ كەنتىگە بېرىپ 1- شۇجى بولدى.

قانداق قىلغاندا كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ؟ لى جيەندۇڭ پىكىر يۈرگۈزدى، ئىزدەندى. كەنتتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نامرات ئاھالىلەر سىرتقا چىقىشنى خالىمىدى، لى جيەندۇڭ ئۆيمۇئۆي كىرىپ سىياسەتنى تەشۋىق قىلدى.

2018- يىلى 3- ئايدا، لى جيەندۇڭ قاراماي نېنمېيتې يېمەك - ئىچمەك باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كارخانىچىلارنى كەنتكە بېرىپ تەشۋىق قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كارخانىغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا سەپەرۋەر قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

كەنت ئاھالىسى ئابلىمىت ئوسمان، تۇخان روزى قاتارلىق تۆت كىشى قارامايغا بېرىپ ئىشلىدى. «بىز ھەربىر ئادەمنىڭ ئايلىق مائاشى 2500 يۈەن، ئۈچ ئايدىلا مەن ئائىلەمگە 6000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئەۋەتتىم» دېدى ئابلىمىت.

ئابلىمىتنىڭ قارامايدا پۇل تاپقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تېزلا پۈتۈن كەنتكە تارقالدى، بىر يىلدىلا ئاياغ گۈلباغ كەنتىدىن 150 ئادەم سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى.

لى جيەندۇڭ كەنتتىكى ئەمگەك كۈچى بايلىقىنى جانلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى شۇ جايدىكى يوللارنى رېمونت قىلىش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىشقا تەشكىللىدى. لى جيەندۇڭ يەنە كەنتتىكى تېخنىكىسى بار قولىدىن ئىش كېلىدىغانلارنى تېپىپ كېلىپ، باشلامچى بولۇپ ۋەنفېڭ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى.

لى جيەندۇڭنىڭ ياردىمىدە، كەنت ئاھالىسى ئوبۇل قاسىم باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇلۇش ئەترىتى قۇرۇپ، كەنت ئاممىۋى ھاجەتخانىسى سالدى، كەنتتىكى ئۈچ يولنى قاتتىقلاشتۇردى؛ كەنت ئاھالىسى ياسىن ساۋۇت خۇمدان قۇرۇپ، پۈتۈن كەنتنىڭ ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىلىدىغان خىش ھەم كەنتتىكى پىيادىلەر يولىغا ياتقۇزۇلىدىغان خىشنى ئىشلەپچىقاردى؛ كەنت ئاھالىسى ئىمىننىياز مەمەت قۇرۇلۇش ئەترىتى تەشكىللەپ، پۈتۈن كەنتتىكى 18 يۈرۈش ئەمىن ئۆي ھەم كەنتنىڭ ھويلا - ئاران ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولدى. ئۈچ قۇرۇلۇش ئەترىتى 2 مىليون يۈەنلىك قۇرۇلۇشنى ئۈستىگە ئېلىپ، 50كە يېقىن كىشىنى بۇ كەنتتە ئىشلەشكە يېتەكلىدى.

«لى شۇجى خۇددى <پىرقىرىغۇچ>قا ئوخشاش خىزمەتنى ئەزەلدىن ئۈزۈلدۈرۈپ قويمىدى، باشتىن - ئاخىر بىز پۇقرالارنى كۆڭلىگە پۈكتى» دېدى ئوبۇل.

نامرات ئاھالە بۇزەينەپ تۇرۇپ ئۆزى يالغۇز ئۈچ بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، لى جيەندۇڭ ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا قاراپ ئىچى تىتىلدىدى، قانداق قىلغاندا ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟

«كەپتەر باقسا كىرىمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.» لى جيەندۇڭ ئۇنىڭغا 15 جۈپ كەپتەر ئەكېلىپ بەردى. ھازىر، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى كەپتەرلەر كۆپىيىپ 100گە يېتىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى