تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

​لوپنۇر: 50 مەمۇرىي كەنت ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تولۇق قاپلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پاڭ بو خەۋىرى): تاشقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق، رەتلىك، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشقا يېتەكلەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان ھەم ئەمەلىي قوللىنىشچان بولغان، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەيدىغان بىر تۈركۈم ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەر لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ 50 مەمۇرىي كەنتىدە تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرۇلدى. بۇ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىسراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇشتىكى يەنە بىر كۈچلۈك تەدبىرى بولۇپ قالدى.

  5-ئاينىڭ 28-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەش تۈرى بويىچە ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنى تارقىتىش مۇراسىمىدا، يېزا-بازار، كەنتلەردىن كەلگەن ئاھالىلەر ۋەكىللىرى ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى تەرتىپ بىلەن تاپشۇرۇۋالدى. ئىگىلىنىشىچە، يېزا ئەخلەتلىرىنى تىزگىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش، يېزا-كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى كۈچەپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، لوپنۇر ناھىيەسى مەركەز مالىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىنى پائال ئىلتىماس قىلىپ، ناھىيە بويىچە 50 مەمۇرىي كەنتتە 1989(يۈرۈش) مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ئەخلەت ئۆيى، ئەخلەت ساندۇقى، ئەخلەت كېمىسى، ئۈچ چاقلىق توكلۇق تازىلىق ئاپتوموبىلى قاتارلىق يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ يىغىش-توشۇش ئۈسكۈنىلىرىنى قۇراشتۇرغان ۋە ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرگەن، ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇش مەركىزى يەنە قۇراشتۇرۇش كىچىك ئەترىتىنى ھەرقايسى يېزا-بازارلارغا بېرىپ ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ۋە يۇرت-ماكاننى تازىلاش ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىشقا يېتەكلىگەن. ھازىر، بۇ ناھىيەدىكى 50 مەمۇرىي كەنت ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تولۇق قاپلانغان.

  «كەنتتە ئەخلەتلەرنى يىغىش-توشۇش ئۈسكۈنىسى بار بولدى، كۆپچىلىك ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا تېخىمۇ ئاڭلىق بولدى، كەنتلەرمۇ شەھەرلەردەك پاكىز بولدى» دېدى شىڭپىڭ بازىرى تۇڭچىكە كەنتى ئاھالىسى بەكرى ساۋۇر «خىزمەتچى خادىملارنىڭ تەشۋىق قىلىشى ۋە چۈشەندۈرۈشى بىلەن، بىز نېمىنىڭ يىغىۋېلىشقا بولىدىغان ئەخلەت، نېمىنىڭ تاشلاندۇق ئەخلەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇق. مۇھىت ئاسراش ئەخلەت ئۆيىدىكى بەلگە ۋە تەشۋىقات سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى بىزگە <يېزا-كەنت بىزنىڭ ئۆيىمىز، مۇھىت ئاسراشتا كۆپچىلىككە تايىنىمىز> دېگەننى دائىم ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ».

  تۈرلەرنى تەرتىپلىك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، لوپنۇر ناھىيەسى ئەخلەتلەرنى تازىلاپ توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ يۈرۈش لىنىيەسىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، ھەر 15 ئائىلىگە بىردىن ئەخلەت تاشلاش ئۆيى، سەككىز ئەخلەت ساندۇقى سەپلەپ بەردى، ھەر 5-10غىچە ئائىلە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونغا بىردىن ئەخلەت ساندۇقى ياكى ئەخلەت كېمىسى قويدى. ئەخلەت تاشلاش ئۆيىگە تۆت ئەخلەت تاشلاش ئېغىزى ئورنىتىلىپ، «يىغىۋېلىشقا بولىدىغان ئەخلەت»، «زىيانلىق ئەخلەت»، «ئاشخانا ئەخلەتلىرى»، «باشقا ئەخلەت» دەپ ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ناھىيە يېزا مۇھىتىنى تۈزەش تۈرى بويىچە ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنى باشقۇرۇش-ئاسراش تۈزۈمىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ تۈزۈپ، يېزا-بازارلار بىلەن باشقۇرۇش-ئاسراش كېلىشىمى ئىمزالىدى، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويدى. يېزا-كەنت كادىرلىرى تەشۋىقاتچى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشقا، مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيەسى گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت غول يولىغا مەنزىرە كارىدورى، مەدەنىيەت كارىدورى «جەملىنىپ»، ئوت-چۆپلۈكتە ئىستىراھەت باغچىسى، باش تېمىلىق خەلق مەيدانى، پاكىز ھاجەتخانىلار بىر-بىرلەپ يېزا-كەنتلەرگە ماكانلاشتى. يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ يىغىش-توشۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ رەڭگى، تاشقى قىياپىتىنىڭ ئۇسلۇب جەھەتتە ئاھالىلەر تۇرالغۇسى بىلەن بىر-بىرىنى تولۇقلىشى، بىر گەۋدىگە ئايلىنىشغا ئەھمىيەت بېرىلدى، بىر قاتار ئەخلەت يىغىش-توشۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى يېزا-كەنت قىياپىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تازىلىق مۇھىتىنى ياخشىلاشقا يېڭى مەزمۇن قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى