تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

قاغىلىق ناھىيەسى: يوللار «چىرايلىقلاشتى» ، بەخت «كۈلۈمسىرىدى»

  تىيانشان تورى خەۋىرى: «بۇ يول <چىرايلىق> ھەم قولاي بولدى» دېدى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ يىتىملىقۇم يېزىسى يالغۇزباغ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئابدۇراخمان تۇرامەت كەنتتىكى يېڭىدىن ياسالغان يولنى تىلغا ئېلىپ. 

  بۇرۇن، كەنتتىكى يوللار ئوڭغۇل - دوڭغۇل ئىدى، يامغۇرلۇق كۈنلەردە پاتقاق يولغا ئايلىناتتى، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى كىشىنىڭ ئۈستى - بېشى توپا - چاڭ بولۇپ كېتەتتى، بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۆزگەردى: يوللار راۋانلىشىپ قولايلاشتى، پاكىز ھەم رەتلىك، يول بويىغا يەنە تېخى قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى ئورنىتىلدى.

  شىنجاڭ داشۆنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۆيلەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، كونا يولنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا زور قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا يېزا ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى چەكلەپ، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، كەنت ئاھالىلىرى ئەڭ كۆپ ئىنكاس قىلغان مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن، خىزمەت ئەترىتى كۆپ تەرەپلىك ماسلاشتۇرۇپ ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، كۆپ تارماقلارنىڭ تۈر مەبلىغى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 2.5 كىلومېتىر ئاسفالت يول ياسىدى، قۇياش ئېنېرگىيەلىك 31 يول چىرىغى ئورناتتى، كەنت قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىلدى.

  ــ ياتقۇزۇلغىنى يول، تۇتاشتۇرۇلغىنى يۈرەك، ئورنىتىلغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى بەختنى يورىتىدىغان چىراغ، ــ دېدى 54 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى داۋۇت زاھىت، ــ بۇ بىر قانچە يىلدا كەنتتە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، بۇنى خىزمەت ئەترىتىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

    (شىنجاڭ داشۆنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى يىتىملىقۇم يېزىسى يالغۇزباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن ئەن دېباۋ تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ