تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بورتالا شەھىرى: چېگرا شەھىرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى سىزنى پىيادە مېڭىشقا تەكلىپ قىلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز با.بايىن گاۋۋا خەۋىرى): ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ دالا پائالىيىتىمۇ كۆپەيدى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ياكى ئۆمەك بىلەن ساياھەتكە چىقىشتىن باشقا، پىيادە مېڭىشمۇ كۆپچىلىك ياخشى كۆرىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر.

  «سەھەردە بىر، ئىككى كىلومېتىر يۈگۈرۈپ، بىنخې باغچىسىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلەنگەندىن كېيىن، ئىشقا بارساق تېخىمۇ روھلۇق بولۇپ كېتىمىز» دېدى شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بورتالا شەھىرى جەنۇبىي شەھەر رايونى كوچىسى ۋەنگو مىڭجۇ ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالە نارىنباتې.

  ئاممىنىڭ ئىستىراھەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش، ئۇلارنى ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، بورتالا شەھىرى بىنخې باغچىسى پىيادە مېڭىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ساغلاملىق تەربىيەسى تەشۋىقات تاختىسى، ساغلاملىق بىلىملىرى بەلگە تاختىسى قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇردى.

  كەيپىڭخۇ كۆلىدە، 5-ئايدىن باشلاپ مۇزىكىلىق فونتانمۇ ئېچىلىدۇ. مۇزىكىلىق فونتاننىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 258 مېتىر، مەركىزىنىڭ پۈركۈش ئېگىزلىكى 108 مېتىر، ئومۇمىي تەكشىلىكتىكى سۇ شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، تەكشىلىكتىكى ئەگرى سىزىق ئارقىلىق بۈركۈت يۈزىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى ھاسىل قىلىنىدۇ، بۇ، بورتالا يايلاق بۈركۈتى گۈزەل دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

  خەلق باغچىسىغا كىرگەندە، قوياش نۇرى بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەل-دەرەخلەر شاخلىرى ۋە يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن ئۆتۈپ، يول يۈزىدە ئالىچىپار نۇر ھاسىل قىلىدۇ. باغچىنىڭ ئىچىدە 12.6 مېتىر ئېگىزلىكتىكى كۆزىتىش سۇپىسى بار بولۇپ، بورتالا شەھىرىنىڭ گۈزەللىكىنى تولۇق كۆرگىلى بولىدۇ.

  شىبۇ مەدەنىيەت مەيدانىنى سەيلە قىلغاندا، تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە تارىخىي مەدەنىيىتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. مەدەنىيەت يولى بىلەن چىندېل كوچىسى كېسىشكەن جايغا جايلاشقان شىبۇ مەدەنىيەت مەيدانى 2002-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى پۈتكەن، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 43 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئىستىراھەت، مەدەنىيەت، خىزمەت، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال ئاممىۋى سورۇندۇر. مەيداننىڭ غەرب تەرىپىدە ئۇزۇنلۇقى 180 مېتىر، ئېگىزلىكى 2.4 مېتىر كېلىدىغان قاپارتما نەقىش ۋە 100 مېتىر كېلىدىغان رەسىم كارىدورى بار، يەنە چېنىقىش سايمانلىرى، ۋاسكېتبول مەيدانى، تازىلىق ئۆيى، ئارام ئېلىش ئورنى قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرمۇ بار. مەيدان ئۇسسۇلى، شاھمات ئوينايدىغان كىشىلەر ۋە بالىلار باغچىنى ناھايىتى قىزىتىۋېتىدۇ.

  كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت ئاستىدا، چىڭخې كۆۋرۈكىنىڭ پىيادىلەر يولىدا مېڭىپ مەنزىرە كۆرۈشمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشتۇر. بۇ يەردە بەدەن چېنىقتۇرۇش يولى، ياغاچ كۆۋرۈك، پانۇس كۆۋرۈك بار، شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان سۇ ئادەمنى مەستخۇش قىلىدۇ، ئىككى تەرەپتىكى بۈك-باراقسان گۈل-گىياھلار ۋە گىرەلىشىپ كەتكەن شىپاڭ-ئايۋانلار كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.

  قۇياش نۇرى ئاستىدا، بورتالا شەھىرىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى