تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خۇش پۇراق سۈت مەھسۇلاتلىرى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە نەپ يەتكۈزدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۈتچىلىكى يەنىلا كۆزنى چاقنىتىدىغان نەتىجە قەغىزى تاپشۇردى − بۇ يىل 1 - پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى خام سۈت مەھسۇلات مىقدارى 415 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.2 ئاشتى. بۇنىڭدىكى سەۋەب، بۇنىڭ ئارقىسىدا مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنىڭ بار بولغانلىقىدا، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش زەنجىرى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، كۈچەپ ماسلاشتۇرۇلۇپ، سۈت مەھسۇلاتلىرى بازار تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنغاچقا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاھالىلەر قانداق سۈت ئىچكۈسى كەلسە ئىچەلەيدىغان بولدى.

سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك سۈت بازىسى بەرپا قىلىش

6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، سانجى شەھىرىنىڭ ئەرليۇگۇڭ بازىرىدىكى سانجى شەھىرى جېڭفېي كالا باقمىچىلىقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ زامانىۋى كالا قوتىنىدا، سۈت كالىلىرى مول «كۆچمە ئوزۇقلۇق»تىن بەھرىمەن بولۇۋاتاتتى، يىراق بولمىغان جايدىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش سېخىدا، ئىشچىلار شۇ كۈنى سېغىلغان يېڭى سۈتنى پىششىقلاپ ئوراپ قاچىلاۋاتاتتى.

«بىز كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن، زامانىۋىلاشقان ماشىنا ئارقىلىق يەم بېرىپ، باشقۇرۇشنىڭ ئىنچىكىلىشىش دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، سۈت مەنبەسىنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردۇق» دېدى بۇ كارخانىنىڭ مەسئۇلى شيا مىڭيى.

6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى نەسىللىك كالا فېرمىسىنىڭ سۈت سېغىش زالىدا، 60 كالا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۈت سېغىشنى كۈتۈپ تۇراتتى. بۇنىڭدىن باشقا، پۈتكۈل فېرمىدا سۈت كالىسىنىڭ سۇ ئىچىشىدىن تارتىپ يەم - خەشەك يېيىشىگىچە ھەم قىغىنى تازىلاشقىچە بولغان پۈتۈن جەريان رەقەملەشتۈرۈلۈپ باشقۇرۇلىدىكەن.

قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى نەسىللىك كالا فېرمىسى سۈت مەھسۇلاتلىرى، گۆش مەھسۇلاتلىرى، يەم - خەشەك پىششىقلاش بىر گەۋدىلەشكەن پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىلىك ئۇنىۋېرسال دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كارخانىسى بولۇپ، خام سۈتنىڭ سۈپىتى دۆلەت ئىچىدە ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن، ئۆزى قاراشلىق شىنجاڭ شىيۈچۈن سۈتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى يېتەرلىك ئەلا سۈپەتلىك سۈت مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تيەنرۈن سۈتچىلىك پاي چەكلىك شىركىتى پەرقلىق تەرەققىيات پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنى پەن - تېخنىكا بويىچە تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، «توردا داڭقى چىققان ياساش ماشىنىسى»غا ئايلىنىپ، كۆپ قېتىم بازىرى ئىتتىك مەھسۇلاتلارنى چىقىرىپ، «تيەنرۈن سۈت پىۋىسى» «ماروژنى ئېرىدى» «شاكىلات ئۇۋۇلۇپ كەتتى» «يوۋزى ئازدۇردى» قاتارلىق بىر يۈرۈش بازارلىق مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىچكىرى رايونلاردىكى بازارلارغىچە ساتتى.

«يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۈت مەھسۇلات مىقدارى ئېشىپلا قالماي، يەنە ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىمۇ ئۆسۈپ، بۇلتۇرقىدىن بۇيانقى بىرقەدەر يۇقىرى ئۈنۈم ساقلاپ قېلىندى.» ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللىكىدىكى يېزا ئىگىلىك رايونلىرىدىكى كەسىپلەر مەركەزلەشكەن بەلباغ ۋە قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى نەسىللىك كالا فېرمىسى ۋەكىللىكىدىكى پەن تەتقىقات، نەسىل يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش بىر گەۋدىلەشكەن سۈتچىلىك كەسىپ زەنجىرى شەكىللىنىپ، خاس سۈت مەھسۇلاتلىرى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ياخشى ئاساسقا ئىگە بولدى.

ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى زورايتىپ، «سۈت» بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش

بۇلتۇر، ئاپتونوم رايون «شىنجاڭ سۈتچىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكەت لايىھەسى (2019 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2025 - يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سۈت مەھسۇلات مىقدارىنى 2 مىليون 700 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سۈتچىلىك چوڭ رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سۈت تۈرىدىكى مەھسۇلات مىقدارى 2 مىليون 120 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4 ئاشىدىكەن.» چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق بىلدۈردى: يۇقۇم بىر قېتىملىق چوڭ سىناق، خىرىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى ئىشلەپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى مەنپەئەت باغلىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە خەۋپ - خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە سەپەرۋەرلىك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، سۈت مەنبەسى بىلەن تەمىنلەشنىڭ مۇقىملىقىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، باقمىچىلىق، پىششىقلاش ۋە زاپاس ساقلاش - توشۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يۇقۇم مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار تەمىناتى ۋە چارۋىچىلىقنىڭ مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى چارۋىچىلىققا چېتىلىدىغان كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ھەر دەرىجىلىك چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق (يېزا ئىگىلىكى، يېزا) تارماقلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، 53 تايانچ كارخانىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن نۇقتىلىق تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان كارخانا قىلىپ بېكىتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ كارخانىلارغا ئالاقىلەشكۈچى ئەۋەتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئىز قوغلاپ ياردەم بەردى، يۆلىدى.

«ھازىر باقمىچىلىق فېرمىسىنىڭ كۈندىلىك سۈت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 7.5 توننىغا يەتتى، بەختىمىزگە يارىشا سىياسەت جەھەتتىن ياردەم بېرىش - يۆلەشكە ئېرىشكەچكە، يەنە كۆپ يىللاردىن بۇيان توپلىغان خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىمىز بولغاچقا، بىز بەرداشلىق بېرەلىدۇق» دېدى راۋان ئايلىنىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە قاراپ شيا مىڭيى ھاياجانلانغان ھالدا.

يۇقۇم مەزگىلىدە، قاتناش تىرانسپورت راۋان بولمىغاچقا، بۇ شىركەتنىڭ ئۈرۈمچىگە جايلاشقان 24 يېڭى سۈتخانىسى يېڭى سۈتنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز قالدى. «600دىن ئارتۇق سۈت كالىسى بار شىركەت ئۈچۈن، بېكىتىلگەن كارخانىلارنى سۈت مەنبەسى بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، ئېشىپ قالغان سۈتنى قولدىن چىقىرىش مەسىلە بولۇپ قالدى.» شيا مىڭيى مۇنداق دېدى: «ھېلىمۇ ياخشى ھۆكۈمەت كارخانىلار ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، بىزگە يول خېتى تارقىتىپ بەردى، بىز بارلىق خىزمەتچى خادىملارنى مەھەللىلەر ئارقىلىق ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرگە يېڭى سۈت يەتكۈزۈپ بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىپ، سېتىشتىكى جىددىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلدۇق. كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئۈچ يىل ئىچىدە يېڭىدىن 50 سۈتخانا قۇرۇپ، سېتىش بوشلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى پىلانلىدۇق».

تور ۋە تور سىرتىدا سېتىش يوللىرىنى ئېچىش

بۇ يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن سۈت كارخانىسى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، مەھەللە ماركىتېڭى، ئۈندىداردا سېتىش قاتارلىق يېڭى يوللارنى كېڭەيتىپ، «تور + تور سىرتى» تىجارەت ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلەتتى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، كىشىلەر سىرتقا ئاز چىقتى، يېڭى سۈتنى ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، تىجارەتچىلەر باش قاتۇردى. «تور ۋە تور سىرتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، 24 سائەت مەشغۇلات قىلىپ، تەمىنلەشنى ئۈزۈپ قويماسلىققا تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلدۇق.» شىنجاڭ شىيۈچۇن سۈتچىلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋېي شىنپۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى يۇقۇم بىزنى تور ۋە تور سىرتىدا سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش جەھەتتە ئويلاندۇردى، كېيىنكى قەدەمدە بىز ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، تور سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا يېڭى كەسىپ ھالىتىدىن پايدىلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز».

يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى چارۋا مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى مەخسۇس بەنزىسى قۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات توشۇشى راۋان بولماسلىق، ئادەم كۈچى كەمچىل بولۇش، مەبلەغ يېتىشمەسلىك ۋە ماركىتېڭ يوللىرى راۋان بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارغا قارىتىلغان ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەت خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش بازىرى ئالاقە توپى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئىتتىپاقى، رايون ئىچىدىكى چوڭ سودا ساراي، تاللا بازارلىرىنىڭ ئۈندىدار توپى قاتارلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە مەھسۇلات ئۇچۇرلىرىنى يوللاپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسى قۇردى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 4 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا سېتىش مىقدارىدا ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە شىيۈچۇن سۈتچىلىكىنىڭ سىرتقا سېتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25 ئاشقان، تيەنرۈن سۈتچىلىكىنىڭ سىرتقا سېتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15تىن كۆپرەك ئاشقان.

شىنجاڭ تيەنرۈن سۈتچىلىكى پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ليۇ راڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2019 - يىلى شىركەتنىڭ تۈرلۈك سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۈندىلىك سېتىلىش مىقدارى 520 توننىغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ سىرتىدىكى بازاردا سېتىلىش مىقدارى %30تىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى. بۇ يىل شىركەت بازار تور سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، نۇقتىلىق، يادرولۇق بازار قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، پەرقلىق، يادرولۇق مەھسۇلات تۈرىدىكى كەسىپلەشكەن سېتىش يوللىرىنى بەرپا قىلىپ، تور ۋە تور سىرتىدىكى يۇغۇرما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

«نۆۋەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ۋە ئىستېمالدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ئامىلىنى ئەتراپلىق ئويلىشىش كېرەك، ھەرقايسى سۈت مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرى ئەۋزەل بايلىقلارنى تېخىمۇ بىرىكتۈرۈپ، كۈچلۈكلەر بىرلىشىشنى ئالغا سىلجىتىپ، رايون خاراكتېرلىك سۈپەتلىك ماركىنىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك سۈپەتلىك ماركىغا كېڭىيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۈتچىلىكنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك» دېدى شىنجاڭ سۈتچىلىك بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاۋ ۋېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى