تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى

ئۈچ يىلدا جەمئىي 53 مىليون 830 مىڭ ئادەم قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرۈلدى

ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لىننىڭ 7- ئاينىڭ 2- كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2016- يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئۇدا ئۈچ يىل ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىي 4 مىليارد 68 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 53 مىليون 830 مىڭ ئادەم قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرگەن، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش «داۋالاش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى ۋە «ساغلام شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىنىڭ يارقىن نام كارتىسىغا ئايلانغان. بۇ يىل ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ تۆتىنچى يىل قانات يايدۇرۇلۇشى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر جوۋ مېيلىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، يېزا، كەنت ئىككى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سالمىقىنى زورايتىپ، مەركەزلىك تەربىيەلەش، نەق مەيداندا نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا داۋالاش تېخنىكىسى، تەسۋىر سۈرەت، لابوراتورىيە خادىملىرى قىس بولۇش ۋە ساپاسى يۇقىرى بولماسلىق مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە يېزا - بازارلىق شىپاخانا ۋە كەنت داۋالاش ئۆيىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەمئىي 553 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، چوڭ تىپتىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدىن 7269نى يېڭىدىن كۆپەيتكەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا - بازارلىق شىپاخانىلارنىڭ ئۆلچەملىشىش نىسبىتى %89.59كە يەتكەن، كەنت داۋالاش ئۆيىنىڭ ئۆلچەملىشىش نىسبىتى %89.97كە يەتكەن، يېزا - بازارلىق شىپاخانىلاردا ئامبۇلاتورىيەدە داۋالانغانلار، جىددىي قۇتقۇزۇلغانلار يىلدىن - يىلغا كۆپەيگەن، 130 يېزا - بازارلىق شىپاخانا ۋە 14 مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى دۆلەت تەرىپىدىن «ئامما رازى بولغان يېزا - بازارلىق شىپاخانا» «ئەلا مۇلازىمەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى» بولۇپ باھالانغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە سالامەتلىك تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرغان. ھەرقايسى جايلار دېھقان - چارۋىچى ئاممىنىڭ ئەمەلىيىتىنى تولۇق ئويلىشىپ، مۇۋاپىق تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن سالامەتلىك تەكشۈرۈش «ئىككىلىسى دەخلىگە ئۇچرىماسلىق»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغان. ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە توپقا، كۆچمە سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئاپتوموبىلى، ئېلىپ يۈرۈشكە قولاي سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشنى قانات يايدۇرغان. ھەرقايسى سالامەتلىك تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى يەنە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان يېتەكلەش بەلگىسى تەسىس قىلىپ، يېتەكلىگۈچى ئورۇنلاشتۇرغان، ھەم ئاچ قورساق سالامەتلىك تەكشۈرتىدىغان ئامما ئۈچۈن ئوزۇقلۇق تاماق تەييارلىغان.

جوۋ مېيلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرۈش سۈپىتىنى كونترول قىلىش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى كەسپىي خادىملارنى سۈپەتنى كونترول قىلىش بويىچە تەربىيەلەش زورايتىلىپ، كۈندىلىك باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ، سۈپەتنى كونترول قىلىش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ يىل ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سۇپىسى قوزغىتىلىپ، ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئالغا سىلجىتىلىپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرىكى سالاھىيەتنى پەرقلەندۈرۈش بىلەن سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىدە خەلققە قولاي مۇلازىمەت زور كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەندى، ھەرقايسى سالامەتلىك تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى سالامەتلىك تەكشۈرۈش يېتەكلىگۈچىسى، ھەقسىز ناشتىلىق، سالامەتلىك تەكشۈرۈش دەم ئېلىش رايونى قاتارلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بىلەن داۋاملىق تەمىنلەپ، ئاممىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىنى قولايلاشتۇرىدۇ. چەت - ياقا يېزا - كەنت ۋە تاغلىق رايوندىكى ئاھالىلەر، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار(ئالىي مەكتەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىق ئالاھىدە توپقا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ۋاقىتلىق سالامەتلىك تەكشۈرۈش نۇقتىسى تەسىس قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، ئاممىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە قاتنىشىشىغا ئاسانلىق يارىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى