تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

كۆز ئالدىمىزدىكى تۇرمۇش نەچچە ئەۋلاد كىشىنىڭ ئارزۇسى

قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاقتاش بازىرى:

كۆز ئالدىمىزدىكى تۇرمۇش نەچچە ئەۋلاد كىشىنىڭ ئارزۇسى

تەھرىردىن ئىزاھات

شىنجاڭدىكى بىر قىسىم قاتنىشى قولايسىز، نامرات، ئارقىدا قالغان جايلاردا، «بىر جاينىڭ سۇ، تۇپرىقىنىڭ شۇ جاينىڭ كىشىلىرىنى بېقىشى تەس»، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى. شىنجاڭ «13 - بەش يىل»لىق نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى، پامىر ئېگىزلىكىدىن تارىم ئويمانلىقىنىڭ گىرۋىكىگىچە، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش شىنجاڭدىكى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان نامرات ئاممىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. «كۆچۈپ چىقالايدىغان بولۇش» مەسىلىسى ھەل قىلىنغاندىن كېيىن، قانداق قىلغاندا كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ «مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇشى»، «بېيىيالايدىغان بولۇشى»غا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ شىنجاڭ گېزىتى بۈگۈندىن باشلاپ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش بويىچە باشقا جايغا كۆچۈرۈش نۇقتىسىدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمىز» ئىستونىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ باقايلى.

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن چىنيەن

قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاقتاش بازىرىغا نەزەر (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). 2018 - يىلى قاغىلىق ناھىيەسى 840 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى قۇرۇپ چىقىپ، «بىر جاينىڭ سۇ، تۇپرىقى شۇ جاينىڭ كىشىلىرىنى باقالماسلىق» مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

(ما جيابىڭ فوتوسى)

6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، قاغىلىق ناھىيە بازىرىدىن شەرقىي شىمالغا قاراپ يولغا چىقىپ، ئاپتوموبىلدا 22 كىلومېتىر يول يۈرگەندىن كېيىن، مۇخبىر بىنالار قويۇق ئورماندەك قەد كۆتۈرگەن، تەرتىپلىك پىلانلانغان قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاقتاش بازىرىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىغا كىردى، كۆرگەن ھەممىلا يەردە گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە نامايان بولغانىدى.

ئاقتاش بازىرى چۆللۈكتە قەد كۆتۈرگەن بىر ئۈمىد شەھىرى. «كۆچۈپ چىقالايدىغان بولۇش، قالالايدىغان بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان بولۇش، كاپالەتكە ئىگە بولۇش» تەلىپى بويىچە، ئاقتاش بازىرى كەسىپلەرنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتتى، كۆچۈرۈلگەن ئامما چوڭ قەدەمدە ھاللىق تۇرمۇشقا ئاتلانماقتا.

«نامرات كۈلبە» بىلەن خوشلاشتى يېڭى تۇرمۇشنى كۈتۈۋالدى

ئاقتاش بازىرىنىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرىدا سەيلە قىلغاندا، قاتار - قاتار دەرەخلەر يېشىللىقنى نامايان قىلغان، پىيادىلەر يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سەبدەرگۈل بەس - بەستە پورەكلەپ ئېچىلغانىدى، يېپيېڭى سېرىق تام، قىزىل ئۆگزىلىك ئۆيلەر رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، كۆز يەتكەن يەرنىڭ ھەممىسى مەنزىرە ئىدى.

بۇ چۆللۈكتە قەد كۆتۈرگەن ئۈمىد شەھىرى ئۈچ يىل ئىلگىرى بىر تال گىياھمۇ ئۈنمەيدىغان چۆللۈك ئىدى.

«ھۆكۈمەت بىزگە سېلىپ بەرگەن ئۆيلەر چىرايلىق - راھەت، قاراڭ، ئايرىم ھويلا ۋە مۇكەممەل يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر بار. ئائىلەم، كەسپىم بار، مەن ناھايىتى بەختلىك.» ئاھالە مەخمۇت ھېيىت ئۆيىدە خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «كۆز ئالدىمىزدىكى تۇرمۇش نەچچە ئەۋلاد كىشىنىڭ ئارزۇسى».

كۆچۈرۈشتىن بۇرۇن، مەخمۇت بىر ئائىلە كىشىلىرى كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى چوپان يېزىسىنىڭ چارەكلە كەنتىدە تۇراتتى، ئىچىدىغان سۇنى ئەپكەش بىلەن توشۇيتتى، تۇرمۇشتا تەبىئەتكە تايىناتتى. «ئەڭ قىيىن بولغىنى قىش كۈنى ئىدى.» تاغ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولغاچقا، قىشتا قاتتىق سوغۇق بولاتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى پەقەت كۆمۈر قالاپ ئىسسىناتتى، كۆمۈر سېتىۋالىدىغان پۇلىنى تېجەش ئۈچۈن، كۈندۈزى ئوتۇن قالاپ، كەچتە كۆمۈر قالايتتى، شۇنداق تېجىسىمۇ، كۆمۈر سېتىۋالىدىغان پۇلى يەنىلا ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيتتى.

«يېڭى ئۆي ھەقىقەتەن ياخشىكەن، ئىسسىنىشتىمۇ توك ئىشلىتىۋاتىمىز» دېدى مەخمۇت.

ئاقتاش بازىرىدا توك بىلەن ئىسسىنىش ۋە تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتىش، يۇندىنى تۇرۇبىدا ئاققۇزۇش، يېقىلغۇ گاز قاتارلىقلار ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىكى ئۆلچەملىك سەپلىمىگە ئايلانغانىدى.

«بىزمۇ شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولدۇق،» مەخمۇت خۇشاللىقىدىن مۇنداق دېدى: «تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، يۈرۈشلۈك سافا، توك قازان، گاز ئوچاق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆيىمىزدە بار».

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كۆكيار يېزىسى، چوپان يېزىسى، ئۇششاقباش بازىرىدىكى 3063 ئائىلىدىكى 14 مىڭ نامرات نوپۇس نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ئارقىلىق «نامرات كۈلبە» بىلەن تەلتۆكۈس خوشلىشىپ، يېڭى تۇرمۇشنى كۈتۈۋالدى.

ئىشقا ئورۇنلىشىش كاپالەتكە ئىگە بولدى ئارزۇغا ئىنتىلىشتىمۇ باتۇر بولدى

ئىگەمبەردى ھېبىبۇللا كۆكيار يېزىسىدىن كۆچۈپ كەلگەن. بۇ «پارنىك كۆكتات تېرىقچىلىق مەستانىسى» يەردە كۆكتات تېرىلغانلىقىنى كۆرسىلا، بېرىپ تەتقىق قىلىپ باقاتتى، ئۇ چۈشىدىمۇ ئۆزىنىڭ بىر كۆكتات پارنىكى بولۇشنى ئويلايتتى.

بۇلتۇر، بازار ھەقسىز پارنىك يېرى بىلەن تەمىنلىگەندە، ئۇ تۇنجى يىلى ياڭيۇ تېرىش ئارقىلىق يەرنى ئوغۇتلىدى، ئىككىنچى يىلى تاتلىق كۆممىقوناق سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ، ئېتىزىغا 35 مىڭ تۈپ تاتلىق كۆممىقوناق تېرىدى. «بۇ يىل زىيان تارتماي مۇقىم پايدا ئالىمەن.» ئىگەمبەردى تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن: «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، بىزنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى» دېدى.

ھەربىر كىشى ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىدۇر، رازىمەنگۈل ئوسمانمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. «بۇنداق دېسەم مېنى مەسخىرە قىلماڭ، مەن چوڭلار داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.» ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ كومپيۇتېردا پىششىق مەشغۇلات قىلىۋاتقان رازىمەنگۈل ئىلگىرى ئائىلە ئايالى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئېرى بىلەن بىللە پەلەي زاۋۇتىنىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلاندى.

رازىمەنگۈل قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ چوپان يېزىسى ئىلىنىش كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلىگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، 2018 - يىلى 4 - ئايدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئاقتاش بازىرىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، كۇرسقا قاتنىشىپ ئىشىكى ئالدىدىكى نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتىدا خىزمەت تېپىپ، ئايدا 2000 يۈەندىن كۆپرەك مائاش ئالىدىغان بولدى.

«مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدۇم، تۇرمۇشۇم كاپالەتكە ئىگە بولدى، مەن ئارزۇغا باتۇرلۇق بىلەن ئىنتىلەلەيدىغان بولدۇم» دېدى رازىمەنگۈل تولۇق ئىشەنچ بىلەن. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، ئۇ داۋاملىق ئوقۇشتىن ۋاز كەچكەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە، تىرىشچان، بىلىم ئىلىشقا ئىنتىلىدىغان ئۇ كارخانا تەرىپىدىن ئىشخانا باشقۇرۇش خادىملىقىغا تاللاپ ئۆستۈرۈلدى، تۇرمۇشنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشى ئۇنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنى قايتىدىن ياندۇردى.

بىر جاينىڭ سۇ، تۇپرىقىنى ئالماشتۇرۇپ، شۇ جاينىڭ كىشىلىرىنى بېيىتىش. ياشلارنىڭ ئارزۇسىنى ياخشى قوغداپ، كۆچۈرۈلىدىغان ئاممىنىڭ «كۆچۈپ چىقالايدىغان بولۇشى، مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇشى، بېيىيالايدىغان بولۇشى»غا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاقتاش بازىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پەلەي زاۋۇتى، ئېلېكتىرون زاۋۇتى، كىيىم - كېچەك زاۋۇتى، ئاياغ زاۋۇتى قاتارلىق توققۇز كارخانىنى كىرگۈزۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن 2050 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى بولدى ئالدىغا قاراپ تەرەققىياتنى كۆزلىدى

«نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش سىياسىتى بولمىغان بولسا، مەن قانداقمۇ بۈگۈنكىدەك ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيمەن.» ھازىرقى بىلەن ئۆتمۈشنى سېلىشتۇرغاندا، كۆچۈرۈلگەن ئاھالە نۇرمەمەت نۇرنىڭ چىرايى خۇشاللىققا تولدى.

نۇرمەمەتنىڭ يۇرتى چوپان يېزىسى قارا شور كەنتىدە بولۇپ، كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئورمان مۇھاپىزەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنىپ، ھەر ئايدا مۇقىم مائاشى بار بولدى.

«ئىلگىرى يەر تېرىشنىڭ كىرىمى قورساق تۇيغۇزۇش، كىيىم كىيىشكىلا يېتەتتى، تاغدىن كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، ئاندىن بېيىش ئىشىنى ئويلىشىشقا شارائىت ھازىرلاندى.» نۇرمەمەت ئورمان مۇھاپىزەتچىلىكىنى ياخشى قىلغاندىن سىرت، يەنە خوتۇنى بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدا بەش ئىنەك باقتى، سۈت سېتىشتىن قىلغان بىر كۈنلۈك كىرىملا 80 يۈەنگە يېتىدۇ. بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جاننىڭ تۇرمۇشىدا بىردىنلا ئۆزگىرىش بولدى.

نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىغا كۆچۈپ كىرىپ، ئۆي، يوللارمۇ ياخشى بولدى، نۇرمەمەتنىڭ مىجەزى بارغانسېرى ئوچۇق - يورۇق بولۇپ كەتتى، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، توكسىكلىت مىنىپ خوتۇنىنى ئېلىپ سىرتقا چىقىپ يېقىن - يورۇقلىرىنى يوقلايدىغان، ناخشا ئېيتىدىغان بولدى. «ياخشى تۇرمۇشنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلى بولۇشى كېرەك» دېدى نۇرمەمەت كۈلۈپ تۇرۇپ.

ياخشى كۈنلەر ئۈمىدنى ئۇرغۇتۇپ، كەلگۈسىنى يورۇتتى.

ئاقتاش بازىرىنىڭ ھەرقايسى كەنتلىرىدە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ياردەم بېرىشى - يۆلىشىدە، كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش مەبلىغى ئائىلىلەرگىچە، ئادەملەرگىچە يەتكۈزۈلۈپ، كۆپ مەنبەلىك كىرىمنى ئاشۇرۇش يولى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، شۇ جايدىكى ئامما «مېنى تەرەققىي قىلدۇر»دىن «مەن تەرەققىي قىلىمەن»دەك ئىدىيە ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

نامرات ئاھالە تۇردىمەت داۋۇت ئەمدىلا 50 ياشتىن ئاشقان بولۇپ، كۆچۈرۈشتىن بۇرۇن «كۈتۈنۈش» ھالىتىدە ئىدى. كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇ ئولتۇرالمايلا قالدى، ياغاچچىلىق ھۈنىرىنى قايتىدىن تېپىۋالدى. يېقىن ئەتراپتىكى قۇرۇلۇش ئەترىتىدە ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ھەر كۈنى 120 يۈەن كىرىم قىلدى.

«قەددىمنى تىك تۇتۇپ ياشاپ، ئالدىمغا قاراپ تەرەققىياتنى كۆزلەيمەن» دېدى تۇردىمەت ئىشەنچ بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېقىشلىق كۈز مەنزىرىسى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى