تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىغا قەدەم تاشلاندى  يېڭى تۇرمۇش باشلاندى

ماخمال كەنتىدە:

ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىغا قەدەم تاشلاندى    يېڭى تۇرمۇش باشلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ليۇ يى، جوۋ پېڭ، ليۇ يىمىڭ، نيې نىڭ

[ئاخبارات سىزمىسى] 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى چىرا ناھىيەسى چىرا يېزىسىنىڭ ماخمال كەنتىدىكى كەنت قۇرغان زاۋۇتتا ئاپتوموبىل ئورۇندۇق سېلىنچىسى تىكمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مۇختەر ئەپرى سىزغان)

چىرا ناھىيەسى چىرا يېزىسىنىڭ ماخمال كەنتى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى بىرقەدەر تىپىك نامرات كەنت. پۈتۈن كەنتتە 652 ئائىلە، 2700دىن ئارتۇق ئادەم بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 1.6 مو، ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇش زىددىيىتى ئىنتايىن گەۋدىلىك. بۇنداق كەنتتە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا مېڭىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس.

خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كەنتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئەڭ ئەمەلىي يول، دەپ قارىدى، بىراق، تېخنىكا كەمچىل بولۇش، ئىش ئورنى كەمچىل بولۇش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان مۇھىم ئامىل ئىدى.

نىشان، يول بېكىتىلگەن ئىكەن، ئەمدىكى ئىش كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، قەتئىي ئالغا مېڭىش.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى ئىزدەش

«تاشقى جەھەتتە پۇرسەت ئىزدەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش؛ ئىچكى جەھەتتە تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش.» زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، كەنت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى ۋە چىرا ناھىيەسىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ئېتىبار سىياسىتىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى تېپىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى يەنە دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ، دۆلەت ئورتاق تىلى ۋە ئەمگەك ماھارىتى جەھەتتىن تەربىيەلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ زۆرۈر ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىشلەمچىلىك قىلىشىغا ياخشى ئاساس سالدى.

تىرىشىش ئارقىلىق، كەنتتە بىر قىسىم ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورۇنلىرى بارلىققا كەلتۈرۈلدى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا چۆمۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بەس - بەستە تىزىمغا ئالدۇرىدۇ دەپ ئويلىدى. ئەمما، نەتىجە ئۇلارنى سەل ئۈمىدسىزلەندۈردى: ھەتتا نامرات ئاھالىلەرمۇ بېرىپ ئىشلەشنى خالىمىدى.

بىر قېتىملىق ئائىلە زىيارىتىدە، كەنت ئاھالىسى ئايتۇراخان مەتياسىننىڭ سۆزى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىغا چوڭقۇر تەسىر قىلدى.

ئايتۇراخاننىڭ يېشى چوڭ ئەمەس، دۆلەت ئورتاق تىل سەۋىيەسى يامان ئەمەس ئىدى، يەنە ئاساسىي كومپيۇتېر مەشغۇلاتىنىمۇ بىلەتتى، لېكىن ئۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى خالىمايتتى، بۇ نېمە ئۈچۈن؟

«ئۆيدە تاماق ئېتىش، بالىلارغا قاراش مېنىڭ بارلىق تۇرمۇشۇم، سىرتقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان، ئىشقا ئورۇنلاشسام قانداق ئەھۋالغا يولۇقۇشۇمنى بىلمەيمەن.» ئايتۇراخان مۇنداق دېدى: تونۇش تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالغاچقا، تۇيۇقسىز سىرتقى دۇنياغا يۈزلەنسەك، بېسىم ھېس قىلىپ قالىدىكەنمىز.

ئايتۇراخاننىڭ سۆزى بېشى قېتىۋاتقان خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنى ئويغاتتى. كۆپچىلىك كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيەسى، قارىشىنى ئۆزگەرتمىگەندە، ھەرقانچە ياخشى سىياسەت مەدىتىنىڭمۇ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.

شۇنىڭ بىلەن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى بارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ كەنت ئاھالىلىرىگە يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيەنى تەشۋىق قىلدى، ئاددىيسى بىر مەيدان ئاشپەزلىك ماھارىتى مۇسابىقىسىنىمۇ قولدىن بەرمىدى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيەسى، قارىشىدا ئاز - ئازدىن ئۆزگىرىش بولدى، ئايتۇراخان تەدرىجىي غەيرەتكە كېلىپ، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدىن بىر كىشىلىك ئىش تېپىپ ئىشلەپ، چىرايىدا ئىشەنچ كۈلكىسى پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

ھازىر، پۈتۈن كەنتتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىككى يىل ئىلگىرىكى 300دىن كۆپرەك كىشىدىن 1000دىن كۆپرەك كىشىگە كۆپىيىپ، ئەمگەك كۈچى بار ئائىلىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئىشقا ئورۇنلىشىش تۇرمۇشنى ئۆزگەرتتى

«مەن ھازىر لەڭمەن ۋە پولۇ ئېتىشنى بىلىپلا قالماي، يەنە جياۋزى تۈگۈش، بولكا پىشۇرۇشنىمۇ بىلىمەن، ئۆي قورۇمىلىرىغىمۇ خېلى ئۇستا.» ماخمال كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى بۈسەنەم مەمەتئىمىن مۇنداق دېدى: ئاشپەزلىك خىزمىتى مېنى مۇقىم كىرىمگە، مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.

بۈسەنەمنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، يېڭىدىن كېڭەيتىپ ياسالغان ھويلا گۈللۈكىدىكى يېشىللىق كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، بۇ رەتلىك، پاكىز ھويلىغا ئىللىقلىق بېغىشلىغانىدى. «ئىلگىرى توپا - چاڭ كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان ھويلىدىن ئەسەر قالمىدى، ئىلگىرىكى جاپالىق كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى، بۇ يىل چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كېتىمىز» دېدى بۈسەنەم خۇشال ھالدا.

بۇ ئىككى يىلدا، خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ماخمال كەنتى ھويلا - ئارانلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلىلىرىنى تۈزەش، ئوڭشاشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاپ، زامانىۋى، ساغلام تۇرمۇش شەكلىنى ئومۇملاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھويلىدىكى بوش يەرلەردىن پايدىلىنىپ ھويلا - ئاران تېرىقچىلىقى، باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئائىلە يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ماخمال كەنتى مەخسۇس يەسلى، ياشانغانلارنى كۈتۈش ئورنى قۇرۇپ، ئۆيىدە قالغان بالىلار ۋە ياشانغانلارنى زۆرۈر بېقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر، كەنتتىكى 30 نەچچە ئائىلە يەسلى، ياشانغانلارنى كۈتۈش ئورنىنىڭ بېقىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان، بالىلار بېقىلىدىغان بولۇپ، ماخمال كەنتىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ بەختلىك بولدى.

«ھازىر نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ھويلىسىدا كۆكتات تېرىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ ساغلام كۆكتات يېيەلەيدىغان بولدى.» دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىدىن ماخمال كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى يەن جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: ماخمال كەنتىدىكى تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش شەكلىگە يېقىنلىشىپ، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ روھىي قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىر كەنتنىڭ تەرەققىياتىغا نېمە ئېلىپ كېلىدۇ؟ بۇنىڭغا ماخمال كەنتىدىن ئېنىق جاۋاب تاپقىلى بولىدۇ.

بۈسەنەمنىڭ ئىشەنچ بىلەن ئېيتقان سۆزى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ، بۇ نۇقتا ئۇنىڭ ئاشپەزلىك ماھارىتىنىڭ ئاشقانلىقىدا ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ھالىتىدىنمۇ ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

كىشى رازى بولغۇدەك بىر كىشىلىك خىزمەت كىشىلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى نىشانغا قاراپ كۈرەش قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ يىل 4 - ئايدا، كەنت ئاھالە كومىتېتىدا يېرىم يىلدىن كۆپرەك ئىشلىگەن ئايتۇراخان كەنت ئاھالە كومىتېتىدىن ئىستېپا سورىدى.

«مەن ئەڭ يىراق بولغاندا خوتەن شەھىرىگە بارغان، ياش ۋاقتىمدا تېخىمۇ يىراق جايلارغا بېرىپ كۆرۈپ باققۇم بار.» ئايتۇراخان مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئائىلىمىز نامرات بولغاچقا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، داشۆدە ئوقۇشقا پۇرسەت بولمىغان، ئەمدى ھازىرقىدەك ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى بار بولغاندا، تېخىمۇ كەڭ دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتىمغا تېخىمۇ كۆپ مەنە قوشۇشنى ئويلايمەن.

بۇ يىل، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى چىرا ناھىيەسىدىكى نامرات ئاھالىلەر ئۈچۈن 1000دىن كۆپرەك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى ھازىرلاپ بەردى، ئايتۇراخاننىڭ ئارزۇسىمۇ ئىشقا ئاشتى.

ھازىر، ئايتۇراخان ئۈرۈمچىدىكى يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى. «كەنت بىز ئۈچۈن ئەتراپلىق ئويلاپ، ئائىلىمىزنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، بىزنى خاتىرجەم ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ يەردە مەن مەركىزىي شەھەرنىڭ ئاۋاتلىقىنى، يەنە كىشىنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك ئۆزگىچە تۇرمۇشنى كۆردۈم» دېدى ئايتۇراخان.

قىيىنچىلىقى بار نامرات ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، كەنت يەنە مەخسۇس بىر تۈركۈم ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى تەسىس قىلدى، نامراتلارنى يۆلەش سېخىمۇ داۋاملىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، 100دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى.

«بىر مو يەر، بىرقانچە قويغا باغلىنىپ ياشايدىغان تۇرمۇش تەلتۆكۈس تارىخقا ئايلاندى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېڭى تېخىمۇ كۈچەيدى، كەنت بويىچە نامراتلىقنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى %29تىن 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %3تىن تۆۋەنرەككە چۈشتى.» يەن جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: بىر مۇقىم خىزمەت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ بۇ باشلىنىش نۇقتىسىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، پۈتۈن كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا ئىشەنچ ۋە ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى