تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى: غاز باقمىچىلىقى كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىش يولىغا يېتەكلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر شياۋ جۈن خەۋىرى، فوتوسى):  يېقىندا، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ يەتتە ئارال بازىرى ئىنچىكە سېرىق كەنتىدىكى «خاس باقمىچىلىق زاۋۇتى»دا، باقمىچى ئاپئاق غازلارغا يەم بەرمەكتە، گاھ ئارام ئېلىپ، گاھ يەم يەپ، گاھ ئوينىشىۋاتقان مىڭغا يېقىن غاز ئالاھىدە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسى بولۇپ قالدى.

  بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇش، ئاھالىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى كەمچىل بولۇش، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش قىيىن بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى بايقىدى، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن كېڭىشىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، خاس باقمىچىلىق ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشنى، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەشنى كۈچەيتىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى قارار قىلدى.

  ئەۋەتكەن ئورۇننىڭ قوللىشى بىلەن، خىزمەت ئەترىتى تۈر مەبلىغىدىن 300 مىڭ يۈەننى ماسلاشتۇرۇپ، 30 مو يەر ئېلىپ، ھەر مو يەرگە كەنت ئاھالىلىرىگە 1000 يۈەن تولۇقلىما بېرىپ، 2400 كۋادرات مېتىرلىق «خاس باقمىچىلىق زاۋۇتىنى» قۇردى، خىزمەت ئەترىتى «كوپىراتىپ+بېيىش قابىللىرى+نامرات ئائىلە» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كوپىراتىپقا كىرىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، 16 نامرات ئاھالىنىڭ پېيىنى قوبۇل قىلىپ، سىچۇەن ئاق غېزى ۋە ياۋا غازدىن 1050نى سېتىۋالدى، يەنە توختام تۈزۈپ، نامرات ئاھالىنىڭ پاي سوممىسىنىڭ %20ى بويىچە پايدا تەقسىم قىلدى، كوپىراتىپنىڭ كۆلەملەشكەن تىجارىتى ئارقىلىق مۈلۈك پايدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەزالارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى، لېكىن تەجرىبە كەمچىل بولغاچقا، بىرىنچى يىلى زىيان تارتتى.

  بۇ يىل 18 ياشقا كىرگەن ئىلنۇر جۈماش يېتىم بالا، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، باقمىچىلىق زاۋۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ 3000 يۈەن پاي قوشتى، يىل ئاخىرىدا 3600 يۈەن پايدا تەقسىم قىلىنغاچقا، ئۇ خوشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل باقمىچىلىق زاۋۇتى زىيان تارتتى، لېكىن مەن يەنىلا پايدا بۆلۈشتۈم، بۇ مېنىڭ تۇنجى تاپقان پۇلۇم، خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت <ئىككى كومىتېت>ى ئارقا تېرەك بولسا، بىز خاتىرجەم ئىشلەيمىز».

  ئالدىدىكى تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، خىزمەت ئەترىتى لاڭدې غېزىنىڭ يېتىلىشى تېز، تېنى چوڭ، ئەي بولۇش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ بېقىش، تۈركۈمگە بۆلۈپ كاتەكتىن چىقىرىش ئۇسۇلى بويىچە تىجارەت قىلدى، لاڭدې غېزىدىن 70نى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەيلىك ئالاھىدە غازدىن 400نى سېتىۋېلىش بىلەن بىرگە باقمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ ئالدىدىكى بىر كۆلچەكنى ھۆددىگە ئېلىپ، غازلارنى تېخىمۇ تەبىئىي ھالەتتە بېقىپ، غاز كاتىكىنى 300 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق كېڭەيتىپ، زامانىۋى باقمىچىلىقنى يولغا قويدى، كاتەكنىڭ تۇراقلىق تېمپېراتۇرىسىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەي بولۇش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  بېقىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، يەم-خەشەك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېدىسىنى سېتىۋېلىپ غازلارنىڭ يەم-خەشىكى قىلدى، ھەر بىر باغلام بېدىگە 20 يۈەن تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىپ، ئەتراپتىكى يېزا-ئىگىلىك تېرىقچىلىقىغا تۈرتكە بولدى. خىزمەت ئەترىتى تېخنىكلارنى كەنتكە بېرىپ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشقا قەرەللىك تەكلىپ قىلدى، غاز بېقىش ۋە ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا، غازلارنىڭ تۇخۇم تۇغۇش نىسبىتى ۋە غاز چۈجىلىرىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشتى. سېتىش يوللىرىنى ئېچىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى تاللا بازىرى، بازارلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك سېتىۋېلىش زاكاز تالونى ئىمزالاپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىرىنى 400 يۈەندىن ساتتى. «چاغاننىڭ ئالدىدا،  لاڭدې غېزىدىن 70ى بازارغا سېلىندى، قالغان 320 ئالاھىدە غاز ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنىدۇ، بۇ يىل غاز باقمىچىلىقى ئارقىلىق 80 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىندى» دېدى كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى زېڭ چۇەنشىن.

  تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ باقمىچىلىققا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى غاز چۈجىلىرىنىڭ يېمىنىمۇ تارقىتىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆزىنىڭ ھويلىسىدا بېقىشقا بەردى. غاز چۈجىلىرى يېتىلگەندىن كېيىن، كوپىراتىپ يەنە ھەر بىرىنى 30 يۈەن باھادا قايتۇرۇپ سېتىۋېلىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپ ئاسان پايدا ئالغۇزدى، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 1000 يۈەندىن ئاشتى. يەنە باقمىچىلىق زاۋۇتىدا ئىككى ئېغىز توخۇ كاتىكى قۇرۇپ، قارا توخۇ قاتارلىق ئالتە چوڭ سورتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھىدە توخۇدىن 600نى، نەسلى ياخشىلانغاندىن كېيىنكى قىزىل تۇمشۇق ياۋا غازدىن 100نى سېتىۋېلىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن سۇن لىڭسۇڭ كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئاھالە، باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ باققۇچى بولۇپ، ھەر ئايدا 2000 يۈەن كىرىم قىلدى، شۇنداقلا ھەر يىلى پايدا تەقسىماتى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمىم بار بولدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى خىزمىتىم ئاددىي ھەم راھەت، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېقىشلىق كۈز مەنزىرىسى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى