تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرى ھەممە ئائىلىنى يورۇتتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۇنشيا

  قەتئىي تەۋرەنمەي شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  ـــ شى جىنپىڭ

  5- ئاي، سەرەتان ئىسسىقى مەۋسۇمىدىن كېيىن، بۇغداي باشاقلىرى دان تۇتتى، ئۈجمىلەر پىشتى، غورىلار يوغىنىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا پۈتكۈل مەۋجۇدات ياشاردى، گۈللەپ ياشنىدى. ئېتىز باشلىرىدا، زاۋۇت - سېخلاردا، ھەممىلا يەردە كىشىلەرنىڭ ئالدىراش يۈرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى.

  5- ئاينىڭ 20- كۈنى، مۇخبىر كەلپىن ناھىيەسىدىكى ئاقسۇ شىنكې كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كەلدى، كىيىم تىكىش ماشىنىسى ئالدىدا، خىزمەتچى ئامانگۈل مەمەت ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەۋاتاتتى. «مەن بۇ يەردە تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگەندىم، ئېرىم يېقىن ئەتراپتىكى ماي قاچىلاش پونكىتىدا ئىشلەيدۇ، ئىككىيلەن ئايدا 4000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپالايمىز. پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ياخشى، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى!» دېدى ئامانگۈل خۇشال ھالدا.

  مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا كۈچەپ، بالىلار بېقىلىدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى بولۇش، ئاجىزلارنىڭ يار - يۆلىكى بولۇش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى سىجىل ئېشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ئاسايىش مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

   مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئالغا سىلجىتىش

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشنى خەلق ئاممىسى ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان، ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئەمىن تاپقۇزۇش قاتارلىق مەسىلىلەردىن تۇتۇپ ئىشلەپ، توققۇز چوڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئاممىغا ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىپ، ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى ــــ

  ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز باشتىن - ئاخىر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن كىشىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق توپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ھەر يىلى يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 2 مىليون 650 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇقنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى 24 سائەت ئىچىدە ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈشنى ساقلىدى. پۇقرالارنىڭ «تاماق قاچىسى» بارغانسېرى مۇقىملىشىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى جۇلالاندۇرۇش پۇرسىتى بارغانسېرى كۆپەيتىلدى.

  مائارىپ تېخىمۇ ئادىل بولدى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىش»نى نىشان قىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئوقۇتۇشىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى. يەسلى مائارىپى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ، ئۈچ يىللىق يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %95.95كە، باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش ساپ نىسبىتى %99.94كە يەتتى.

  سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، دائىرىنى كېڭەيتىش كاپالەتلەندۈرۈلدى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ قاتلاملىق، تېخىمۇ ئادىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى سىجىل قۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشتىن ھەممە كىشى بەھرىلىنىش، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى ھەر يىلى ئۆستۈرۈش، شەھەر، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى ۋە تولۇقلىما سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى... ئىجتىمائىي كاپالەت بىخەتەرلىك تورى بارغانسېرى زىچلاشتى، بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى.

  داۋالىنىش تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز داۋالاش، دورىگەرلىك، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش تۈزۈمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمەت سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. 2016- يىلىدىن باشلانغان ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تولۇق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  تۇرالغۇ شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى مۇقىم ئالغا سىلجىتىلىپ، يېزىلاردىكى ئامما بىخەتەر، راھەت ئەمىن ئۆيلەردە ئولتۇردى، شەھەر - بازارلاردىكى كەپىلىك مەھەللىلەردىكى ئامما رەتلىك، يورۇق بىنالاردا ئولتۇرۇپ، «كەپە ئۆيلەردىن بىناغا كۆچۈش» ئارزۇسى ئىشقا ئاشتى.

  خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر ۋاقىت نۇقتىسى بىر ۋاقىت نۇقتىسىدىن ئالغا سىلجىتىپ، بىر نىشان بىر نىشاندىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىچىك غەلىبىلەر ئارقىلىق چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «مۇقىم بەخت»كە ئېرىشتۈردى.

   ھەر مىللەت ئامما دائىم غەم قىلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش

  خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق، ھەر بىر شاخ، ھەر بىر يوپۇرماققىمۇ كۆيۈنۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت - سائادىتىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي تاپشۇرۇقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا سىجىل تۈرتكە بولۇشىدىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت تۇرمۇشتا يەنە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ھەر ۋاقىت ياد ئېتىپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىر بىلەن ئۇلارنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلدى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ نۇرىدىن بەھرىمەن قىلدى.

  5- ئاينىڭ 18- كۈنى، شايار ناھىيەسى تويبولدى بازىرى تويبولدى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئالىم سەمەت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر كاۋاپخانامدىن 30 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپتىم، بۇ يىل سودام تېخىمۇ ياخشى بولۇۋاتىدۇ».

  ئالىمنىڭ ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە. بۇلتۇر بازاردا نامراتلارنى يۆلەش ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى قۇرۇلدى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ياردەم قىلىشى يۆلىشىدە، ئۇ خوتۇنى بىلەن كاۋاپخانا ئېچىپ، سودىسى يۈرۈشۈپ كەتتى. «بىز ئەمىن ئۆيدە ئولتۇردۇق، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى ئالىمنىڭ خوتۇنى گۈلپىيە ياسىن.

  ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بىرىمۇ كەم قالسا بولمايدۇ. 2018- يىلى ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدە ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش يىرىك پىلانىنى يولغا قويدى، شۇ يىلى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 75 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %92كە يەتتى، ئالىمغا ئوخشاش جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك كۈچى سىياسەتنىڭ يۆلىشى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىم خىزمەت ۋە كىرىمگە ئىگە بولدى.

  خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى خەلق تۇرمۇشىدىكى ھەربىر «كىچىك» كوردىناتتا ئىپادىلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىدى.

  نامرات ئاھالىلەرنىڭ «كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش» ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاپتونوم رايون نامرات ئاھالىلەرنى ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىلاش پىلانىدىكى جەزمەن سۇغۇرتىلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپىغا كىرگۈزدى، 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %98.47كە يەتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سۇغۇرتىغا قاتنىشىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامراتلار ئىچىدە 833 مىڭ 900 ئادەم ھۆكۈمەتنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى، 533 مىڭ 700 ئادەم كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولدى.

  ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە تولۇق ياردەم بېرىلدى». ئاپتونوم رايونىمىز يىغىپ كەچۈرۈم قىلىش، مۇكاپاتلاش، ياردەم بېرىش، قەرز بېرىش، تولۇقلىما بېرىش بىر گەۋدىلەشكەن ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، 2018- يىلى ئوقۇغۇچىلارغا 5 مىليارد 854 مىليون يۈەن ياردەم پۇل مەبلىغى ئاجراتتى، بۇنىڭدىن 4 مىليون 502 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى قېتىم مەنپەئەتلەندى.

  يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئېغىر كېسەل، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىرىنىڭ «داۋالاشقا تېگىشلىكلىرى تولۇق داۋالاندى». 2018- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى 15 خىل ئېغىر كېسەلنى مەركەزلەشتۈرۈپ قۇتقۇزۇش، داۋالاش ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە كېلىشىملىك مۇلازىمەت قىلىش بىلەن تولۇق قاپلاشنى، يېزا نوپۇسىدىكى ئاغرىقلارنىڭ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، رايون دائىرىسىدە «ئاۋۋال داۋالىنىش، ئاندىن ھەق تۆلەش» ۋە «بىر بېكەت»لىك راسچوت قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، نامرات ئاغرىقلار كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان، كېسىلىنى ياخشى كۆرسىتەلەيدىغان بولدى.

  «تاماق قاچىسى» كۆپەيتىلىپ، «كەمتۈكلۈكلەر» تولۇقلىنىپ، «تۆۋەن چەك» يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرى ھەممە ئائىلىنى يورۇتتى.

   ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش

  «بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى قىزىمغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇردۇم، يان تېلېفوندا ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىقلا بېجىرگىلى بولىدىكەن، ھەقىقەتەن قولايلىق ئىكەن» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونىدىكى مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى ئابدۇرېھىم كېرىم 5- ئاينىڭ 25- كۈنى مۇخبىرغا.

  ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرگەندە، ئالماشتۇرغاندا سەل ساقلاپلا ئالغىلى بولىدۇ، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى سۈركەپ ھەق تاپشۇرۇش ۋە تەمىناتىنى تارقىتىشتا پۈتۈن مۇساپىلىك ئېلېكتىرونلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىشلىتىپ دورىخانىدا كودنى سىكاننېرلاپ دورا سېتىۋالغىلى بولىدۇ... ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ۋاڭ گوچىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز «كۆزنەكتە بېجىرىش، توردا بېجىرىش، ئاساسىي قاتلام سۇپىسى، ئاپتوماتىك مۇلازىمەت، تېلېفوندا مەسلىھەت سوراش، كۆچمە مۇلازىمەت»تىن ئىبارەت ئالتە بىر گەۋدىلەشكەن ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق نەچچە يۈز مۇلازىمەت تۈرىنى قاپلاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر، پېنسىيەگە چىققانلار، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر قاتارلىق ھەرخىل كىشىلەر توپىنى تېخىمۇ قولايلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

  داۋالاش، ساغلاملىق بىلەن ئالاقە تورى چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان يېڭىچە داۋالاش، ساغلاملىق مۇلازىمەت ئەندىزىسى كىشىلەرنىڭ داۋالىنىش تەسىراتىنى ئاستا - ئاستا ئۆزگەرتمەكتە. بۇ يىل ئاپتونوم رايون «ئالاقە تورى + داۋالاش، ساغلاملىق»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «توردا سېسترالار بىلەن كېلىشىش»نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇردى، 2019- يىلى شارائىتى بار ناھىيە، شەھەرلەر ئائىلە دوختۇرلىرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. «بۇنىڭدىن كېيىن يان تېلېفون ئارقىلىقلا ئائىلە دوختۇرى بىلەن توردا كېلىشىپ دىياگنوز قويدۇرغىلى، كېسەل كۆرسىتىشتە ئارتۇقچە غەمدىن خالاس بولغىلى بولىدىكەن، مۇلازىمەت بارغانسېرى كۆڭۈلدىكىدەك بولىدىكەن» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاڭ سۇڭ ماختاپ.

  ئاقىل مەكتەپ، يىراق مۇساپىلىك دەرس، يۈرۈشلەشكەن سىنىپ، بىۋاسىتە تارقىتىش دەرسخانىسى... مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تور لىنىيەسى شەھەر، يېزىلاردىكى دەرسخانىلارنى تۇتاشتۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش سىستېمىسى پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىدى، نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئوقۇتقۇچىلار قويۇق پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى، باشقا - باشقا جايدىكى ئوقۇغۇچىلار ئېكران ئارقىلىق بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش دەرسنى ئاڭلىيالايدىغان بولدى. «زامانىۋى تور ئوقۇتۇشى يېزىلارغا ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى ئېلىپ كەلدى، بىز گەرچە چەت - ياقا جايلاردا بولساقمۇ، لېكىن بالىلار باشلىنىش نۇقتىسىدا ھەرگىزمۇ ئارقىدا قالمىدى، ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن بولدى» دېدى كەلپىن ناھىيەلىك خۇجوۋ باشلانغۇچ مەكتىپى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گو شيۇيىڭ.

  قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىشلار بىر - بىرىگە ئۇلاپ بېجىرىلدى، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەندى. ئاز - ئازدىن پۇختا ئالغا سىلجىتىلغان خەلق تۇرمۇشى تەدبىرلىرى پۇقرالارنىڭ گۈزەل ئارزۇسىنى قەدەممۇقەدەم تۇتقىلى بولىدىغان رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش