ئۆز خەۋىرىمىز. شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «خۇشال بىر ئائىلە كىشىلىرى» قابىللار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 12-دېكابىر ئۈرۈمچىدە غەلبىلىك ئاياغلاشتى. كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئالدىنقى ئون كۈچلۈك ماھىر تاللاپ چىقىلدى. تاللاپ چىقىلغان ماھىرلار 2017-يىل 18-يانۋار شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆتكۈزىدىغان «2017-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تېلېۋىزىيە چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»نى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتنىشىدۇ.
«خۇشال بىر ئائىلە كىشىلىرى» قابىللار مۇسابىقىسى ئۆكتەبىر ئايلىرىنىڭ ئاخىرىدا تەييارلىق باسقۇچىغا ئۆتۈپ، نويابىر ئايلىرىنىڭ باشلىرىدا ئاپتونوم رايونىمىز مىقياسىدا پائالىيەت چاقىرىقى تارقىتىلىپ، كەڭ دائىرىدە توپلاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەلنەغمىسى، خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەت خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىش، سېھىرگەرلىك، سېرىكچىلىك قاتارلىق جەھەتلەردە ماھارەت كۆرسىتىدىغان قابىللار بىر جايغا جەم بولدى.
پروگرامما گۇرۇپپىسى تاللاش ئارقىلىق ئاخىرىدا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 60 نومۇرنى ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگۈزدى. ماھىرلار سەھنە ۋە ئەتراپتىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى سۆزلەش قىسقا فىلىمى قاتارلىق شەكىللەر بىلەن يېڭىچە ئۇسلۇب، كۆپ خىل نۇقتىدىن ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. نەق مەيداندا باھالاش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئون كۈچلۈك ماھىر تاللاپ چىقىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە تاراتقۇلارنى ئەڭ جەلپ قىلىش مۇكاپاتى، تاماشىبىنلار ئەڭ ياخشى كۆرگەن نومۇر مۇكاپاتى ھەم ئەڭ ياخشى ماھارەت مۇكاپاتى نامزاتلىرى تاللاپ چىقىلدى.