مىڭجۇ سەنئەت ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق ئۇسسۇلنى ئورۇندىماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چىن پېڭ فوتوسى، خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ساڭفاڭگۇ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، سايباغ رايونلۇق تەزكىرە ئىشخانىسى، سايباغ رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە سايباغ رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» باش تېمىسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى سايباغ رايونى ساڭفاڭگۇ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ساڭيۈ مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلدى، ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكىلىق شېئىر دېكلاماتسىيە قاتارلىق بىر قاتار سەرخىل نومۇرلار مەھەللىدىكى ئاممىغا خۇشاللىق بېغىشلىدى.
«مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» خورى
مىڭجۇ سەنئەت ئۆمىكى ئورۇندىغان باشلىنىش ئويۇنى «يېقىشلىق ناخشىلار بىلەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالايلى».
مۇزىكىلىق شېئىر دېكلاماتسىيە «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم».
مىڭجۇ سەنئەت ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار «كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» ناملىق نومۇرنى ئورۇندىماقتا.