تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامرات ئاممىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش «تۆمۈر تاۋىقى»نى چىڭ، پۇختا تۇتقۇزۇش

تىرىشىپ ھەربىر ئادەمنى كىشىلىك ھاياتتا ئۇتۇق قازىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

− شى جىنپىڭ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، ۋاڭ جېن، ليۇ فېڭجىڭ، جانبولات ماناربېك

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىش ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ بىۋاسىتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش شەكلى. بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچىغا كىردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئالغا سىلجىتىپ، نامرات ئاممىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش «تۆمۈر تاۋىقى»نى چىڭ، پۇختا تۇتقۇزۇپ، مۇقىم بەختكە ئېرىشتۈرۈۋاتىدۇ.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەل قىلغۇچ جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىگە نەزەر −

«ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ ئۈنۈملۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋاسىتىسى»

5 - ئاينىڭ باشلىرىدا، قاغىلىق ناھىيەسىدە بىر قېتىم قاتتىق يامغۇر ياغدى. ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق بولغان جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ئۈچۈن ئېيتقاندا، يامغۇر سۈيى ئۈمىدكە سىمۋول قىلىنىدۇ. ئەتىگەندىلا، كۆكيار يېزىسىنىڭ ئاۋاتباغ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى يامغۇرلۇق كىيىم كىيىپ، توكسىكلىت مىنىپ، يېقىن ئەتراپتىكى سانائەت باغچە رايونىغا كېلىپ ئىشقا چۈشتى.

ئاۋاتباغ كەنتى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش كەنتى بولۇپ، كوئېنلۇن تاغلىق رايونىدىن 423 ئائىلە، 1837 ئادەم كۆچۈرۈلگەن، ھەممىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس. «تەبىئىي شارائىتنىڭ ناچار بولۇشى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى يېزا ئىگىلىك كىرىمىنىڭ تۆۋەن بولۇشىغا بىۋاسىتە سەۋەب بولغان، نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور.» جۇڭگو نېفىتى غەربىي رايون بۇرغىلاپ چارلاش گېئولوگىيە تەتقىقات يۇرتى تارىم شۆبىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجىسى ئېزىز ئەمەر مۇنداق بىلدۈردى: شۇ جاينىڭ سۇ، تۇپرىقى كەنتتىكىلەرنى باقالمىغانلىقتىن، كۆپچىلىك بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلدى. بىز جەزمەن نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇش يولىنى تېپىپ، ئاممىغا تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدنى سىجىل ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. «ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاممىنىڭ ئۈمىدى، شۇنداقلا ئەڭ ئۈنۈملۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ۋاسىتىسى» دېدى ئېزىز.

1 - شۇجى ۋە كەنت كادىرلىرى ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا سەپەرۋەر قىلدى. كۆپچىلىكمۇ ئازراق يەرنى ساقلاپ ياتسا، كىرىمنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى. ئەجىر يەردە قالمىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئاۋاتباغ كەنتىدىكى بەزى كەنت ئاھالىلىرى يېقىن ئەتراپتىكى سانائەت باغچە رايونىغا ئىشقا چۈشتى، بەزىلىرى ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرى بىلەن بىللە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدا ئىشلەمچىلىك قىلدى، بەزىلىرى قۇرۇلۇش ئەترىتى تەشكىللەپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئاتلاندى... بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، پۈتۈن كەنت بويىچە ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات ئائىلىلەردە ئاز دېگەندە بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى.

بۇ يىل ئاۋاتباغ كەنتىدە 109 ئائىلە، 476 ئادەم تېخى نامراتلىقتىن قۇتۇلمىدى، كەنت ئەتراپتا ماكانلاشقان كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئەستايىدىل رەتلەپ چىقىپ، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا سەپەرۋەر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورۇنلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجى بار نامرات ئاھالىلەرنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. «ئۆيىدە ياشىنىپ قالغان ئاتا - ئانىسى، كىچىك بالىلىرى بار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى يىراققا بېرىپ ئىشلەشنى خالىمايدۇ، شۇڭا زاۋۇتلارنى ئىشىك ئالدىغا باشلاپ كېلىپ، بارلىق شارائىتلارنى ھازىرلاپ، ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى بېسىشقا رىغبەتلەندۈردۇق» دېدى ئېزىز.

ۋەكىللەر، ئەزالار ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈستىدە توختالدى −

«كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش كېرەك»

«بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشسا، پۈتۈن ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈنۈمى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغان نامراتلارنى يۆلەش شەكلى.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رىيزا باغدۆلەت تۇرۇشلۇق جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ جېمىنەي بازىرى سارى ئۆلەڭ كەنتى «ساياھەت+» ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، چېگرا كەنتنىڭ قىزىل ساياھەت مەدەنىيەت ئاساسىنى چوڭقۇر قېزىپ، چېگرانى ساقلاش، چېگرانى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش قىزىل ساياھەت تۈرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يۇرتداشلارنى مۇقىم خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، «گۈزەل كەنت قۇرۇش، ساياھەت تامىقى يېيىش، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش»تىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىغا ماڭدى.

«ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەندىلا، كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېدى ۋەكىل رىيزا باغدۆلەت.

«ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە كۆپ خىل شەكىلنى قوللىنىش كېرەك»

«ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە چوقۇم كۆپ خىل شەكىلنى قوللىنىش كېرەك.» شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى دىلنار ئابلا مۇنداق قارىدى: ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى كۆپرەك كىرگۈزۈپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى كۆپ خىل ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئەزا دىلنار ئابلا مۇنداق تەكلىپ بەردى: ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن، ئاممىنى بىرەر ئارتۇقچىلىققا ئىگە قىلىپ، كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ئىگىلىك تىكلەشكە ئۆتۈشىگە ئاساس سېلىش كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىمنى ئاشۇرالايمەن −

«نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشۇم چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ»

چۈشتە ئىشتىن چۈشىدىغان چاغدا، ئامىنە جۈمە زاۋۇتتىن چىقىپ، ئېرى مامۇت تاشمەت بىلەن بىللە ئۆيگە قايتىپ چۈشلۈك تاماق ئېتىدۇ. ئەگەر ئىشىكى ئالدىدا ئىشلىمىگەن بولسا، ئامىنەنىڭ تۇرمۇشى يەنىلا بۇرۇنقىدەكلا ئۆتەتتى: ئۆيدە مېيىپ ئېرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى.

مامۇتنىڭ ئىككى پۇتى تۇغما غەيرىي بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى پۈتۈنلەي ئامىنەگە قاراشلىق ئىدى، يەردىن كۆپ ھوسۇل ئالالمايتتى، تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتەتتى. بولۇپمۇ ئۇلار تاغلىق رايوندا ياشىغاچقا، ئائىلىلەرنىڭ بىر - بىرلەپ كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى تىت - تىت بولدى. 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەر - خوتۇن ئىككىسى ئاقتاش نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىغا كۆچۈپ باردى. «تاغدىن چۈشۈپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنىلا ئارزۇ قىلىمەن» دېدى مامۇت.

كۆچۈرۈلگەن ئائىلىلەرنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قاغىلىق ناھىيەسى يېڭىدىن سانائەت باغچە رايونى قۇرۇپ، پەلەي، ئاياغ قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەمگەك كۆجۈملەشكەن يەتتە كارخانىنى كىرگۈزدى.

بۇلتۇر 2 - ئايدا ئامىنە ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، پەلەي زاۋۇتىغا كىرىپ سانائەت ئىشچىسى بولدى، ھەر ئايدا مۇقىم مائاشى بار.

كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ «ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈپ» ئىش ئورنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، مامۇتمۇ بىكار ئولتۇرۇشنى خالىمىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «پۇتۇم مېيىپ، لېكىن ئىككى قولۇم ساق، بىر كىشىلىك خىزمەت تاپالىشىم مۇمكىن.» نۇرغۇن زاۋۇتنى سېلىشتۇرۇش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇ ئىش ئورنىدا تەربىيەلىنىپ، ئاياغ زاۋۇتىنىڭ ئاقما لىنىيەسىدە پىراكتىكا قىلدى، ھەر ئايدا 1000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

«كۈنلىرىمىز ياخشىلىنىشقا باشلىدى. ئىشىنىمەنكى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىز چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.» مامۇت ئەر - خوتۇنغا ئوخشاش كەنتتىكى نۇرغۇن نامرات ئائىلىلەر ئۆزىگە ماس كېلىدىغان خىزمەت تاپتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئەمدى چۈش ئەمەس، بېيىش ئىمكانىيەتكە ئايلاندى، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يېقىن كەلگۈسىدىكى ئىش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى