تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات-تەرەققىيات يېڭى مېلودىيەسىنى ياڭرىتىش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋيەن

5- ئاينىڭ 30- كۈنى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ياشلار ئارال جيېلىيا شىنجاڭ شىنيۆ يىپەك يولى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئىشلىمەكتە. نۆۋەتتە بۇ شىركەت قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 2200دىن كۆپرەك ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 112 نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. ( ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى)

      شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىپ، نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە كۈچىشى كېرەك.

  − شى جىنپىڭ

  مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىڭتۇەننىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى − شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىپ، نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە كۈچىشى كېرەك.

  بەش يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىڭتۇەننىڭ ئورنىنى بېكىتىش تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە پۇختا قەدەم تاشلىدى: بۇ بەش يىلدا، بىڭتۇەن يېڭى بېكىتىلگەن ئورنىغا ئاساسەن مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى؛ بۇ بەش يىلدا، بىڭتۇەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ «تېزلىتىش كۇنۇپكىسى»نى باستى؛ بۇ بەش يىلدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى، تۇەنلەر تەرەققىياتتا تېخىمۇ كۈچ بەردى، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك بولدى.

   «مەن ۋەتەننىڭ قوغدىغۇچىسى بولىمەن»

  5- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئادەم ئاياغ باسمايدىغان جۇڭگو - قازاقىستان چېگرا لىنىيەسىدە، ما جۈنۋۇ 20 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى كۆزىتىش مۇنارىغا چىقىپ، كۈندىلىك چارلاش ئەندىزىسىنى باشلىدى، كۆز ئالدىدا چېگرادىكى تىپتىنچ ئېقىۋاتقان ئەگرى - بۈگرى دەريا كۆرۈندى... بىڭتۇەن 10- شىسىنىڭ 185- تۇەنىدە، ئۇ خوتۇنى بىلەن ئىنتايىن جاپالىق شارائىتتا، 30 نەچچە يىلدىن بۇيان بوران - چاپقۇنغا قارىماي 20 نەچچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چېگرا لىنىيەسىدە چېگرانى چارلاپ، ئورماننى مۇھاپىزەت قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىرادىسى باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمىدى، چۈنكى ئۇ باش شۇجى شى جىنپىڭغا مۇنداق دوكلات قىلغانىدى − «پۈتۈن ئۆمرۈمدە بىرلا ئىشنى قىلىمەن، مەن ۋەتەننىڭ قوغدىغۇچىسى بولىمەن!»

  شىنجاڭدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى تەشكىللەپ قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى. يېڭى ۋەزىيەتتە، بىڭتۇەن خىزمىتىنى كۈچەيتىشكىلا بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، بىڭتۇەننى ھەقىقىي تۈردە چېگرا رايوننى تىنچلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى پىچ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىش كېرەك.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، بىڭتۇەنلىكلەر مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشنى ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى قىلىپ، «ۋەتەن ئۈچۈن پوستتا تۇرۇپ قاراۋۇللۇق قىلىش»نى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى قىلىپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. زور كۈچ بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنى قۇرۇپ، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلقنىڭ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، چېگرانى قوغداشتىكى مېخانىزملىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىرلەشمە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەتەننىڭ غەربىي شىمالىي چېگرا رايونىنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغدىماقتا.

   ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باھار دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

  باش يازدا، بىڭتۇەننىڭ تۇەن - چاڭ، ليەندۈيلىرىگە كىرگەندە، يېڭى ئىستىل شامىلى يۈزلەرنى سىيپاپ ئۆتەتتى: يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىش، تەمىنلەش قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىدىكى «بەش بىرتۇتاش بولۇش» ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ھەممە كىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدىغان يېرى بار بولدى − ئىسلاھات ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى تېخىمۇ جانلاندۇردى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىققا ئىگە بولدى؛ كادىرلارنىڭ سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش، بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»ىنى سايلاش − ليەندۈيلەرنى باشقۇرۇش تېخىمۇ دېموكراتىك بولدى، «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىنىڭ مۇلازىمەت ئېڭى تېخىمۇ كۈچەيدى... بۇ بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى تېزلەتكەنلىكىنىڭ بىر كارتىنىسى.

  «نېمىنى تېرىشتا، ئىلگىرى ليەندۈينىڭ دېگىنى ھېساب بولاتتى، ھازىر ئۆزىمىزنىڭ دېگىنى ھېساب بولىدىغان بولدى. ليەندۈي <ئىككى كومىتېت> بەنزە ئەزالىرى بىزگە ئالدىراش مۇلازىمەت قىلىدۇ. بۇلتۇر ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. بۇ يىل مەن كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتتىم، يەنە بىر مەخسۇس تۈجۈپىلەپ ئورۇن بەلگىلەپ تېرىش سېيالكىسى سېتىۋالدىم، بۇ يىللىق كىرىمىمنىڭ يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن!» دېدى بىڭتۇەن 6- شىسى كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانى 4- ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى شۈ ۋەنشيۇ خۇشال ھالدا.

  مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، بىڭتۇەننىڭ زورىيىشى شىنجاڭنىڭ زورىيىشى، دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات - تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەندىكى كەڭ كادىرلار، ئامما جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى، تۈرلۈك ئىسلاھاتلار دەل جايىدا كۈچ بېرىپ، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، تۇەن - چاڭدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىلەنمەكتە.

  پارتىيەنىڭ يادرولۇق رەھبەرلىك ئورنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىلىپ، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى؛ «ھۆكۈمەت»لىك فۇنكسىيەسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ ۋە ئۆزگەرتىلىپ، بىڭتۇەننىڭ مەمۇرىي فۇنكسىيەسى ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تېز ئالغا سىلجىتىلدى؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ كۈچىنى ھالقىلىق پەيتتە تارتىپ چىقىرالايدىغان، ئىشلىتەلەيدىغان، ياخشى قىلالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛ «كارخانا»نىڭ بازار سۇبيېكتلىق ئورنى بېكىتىلىپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ياخشى قىلىندى؛ تۇەن - چاڭلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداشما ئىسلاھاتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى... نۇقتىلىق ساھەلەردە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا ئىسلاھات بۆسۈش ئېغىزى قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، «ھۆكۈمەت»لىك ئېڭى يېتىلىۋاتىدۇ، «ئەسكەر»لىك ئىقتىدارى قايتا نامايان قىلىندى، «كارخانا»نىڭ بازار سۇبيېكتلىق ئورنى تۇرغۇزۇلۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

   ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش شەھەرلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

  5- ئاينىڭ 19- كۈنى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى بىڭتۇەن شۆبە بانكىسىنىڭ بىرنەچچە خىزمەتچىسى ئولتۇرغان ئايروپىلان بىڭتۇەن 3- شىسى تۇمشۇق تاڭۋاڭچېڭ ئايرودۇرۇمىغا ئوڭۇشلۇق قوندى. بىڭتۇەن باشقۇرۇشىدىكى بۇ شەھەردە بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئايروپىلان قاتنىغانىدى.

  بۇ يىل چاغاندىن كېيىن، ئۇزاق گۈدۈك ئاۋازى ئىچىدە، غۇلجىدىن خوتەنگە قاتنايدىغان K9718 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز ئاستا - ئاستا قۇرۇمقاش ۋوگزالىغا كىردى. بۇ ئۇزاق گۈدۈك ئاۋازى بىڭتۇەن 14- شىسى قۇرۇمقاش شەھىرىدىن ئىبارەت بۇ جەنۇبىي شىنجاڭغا جايلاشقان بىڭتۇەن شەھىرىدە پويىز قاتنىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى، تۇەنلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش بىڭتۇەننىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە، بۈگۈنكى كۈندە يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىڭتۇەن 3- شى ساۋخۇ كەسىپلەر باغچىسىدىكى 2 مىليون ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش قاتارلىق مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ تېز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بىڭتۇەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى، تۇەنلەرنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. 2018- يىلى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى، تۇەنلەر پۈتۈن يىللىق سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ كىرگۈزۈش ۋەزىپىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملاپ، پۈتۈن يىلدا 672 تۈرنى كىرگۈزۈپ، 37 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈردى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى، تۇەنلەرنىڭ تۈرلۈك باغچە رايونلىرىغا ماكانلاشقان كارخانا 297گە يېتىپ، 37 مىڭ 600 كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  2018- يىلى، بىڭتۇەن پارتكومى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى، تۇەنلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسلىق جەڭگاھى قىلىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش جەھەتتە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا ئالغا سىلجىتىشتا ئەمەلىي كۈچەپ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، %70تىن يۇقىرى نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى، سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بىڭتۇەندىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئارال، تۇمشۇق، قۇرۇمقاش، ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدىكى قاتار - قاتار كەتكەن يېڭى شەھەرلەر نۇرلۇق مەرۋايىتلاردەك جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا نۇر چېچىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى