تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەڭساي تاشيولى شىنجاڭ تاشيولىنىڭ ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولدى

  ئاپتوموبىل كەڭسايدىكى تاغ ئايلانما يولىدا ماڭماقتا ( 1959 - يىلى تارتىلغان).

پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىنكى كەڭساي كۆۋرۈكى (2011- يىلى 10- ئاينىڭ 3- كۈنى تارتىلغان). شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمى تەمىنلىگەن

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي خەۋىرى :2011-يىلى 9- ئاينىڭ 30– كۈنى، ئىلى كەڭساي كۆۋرۈكىدە رەسمىي قاتناش باشلاندى، بۇ قوش مۇنار قوش سېلىندىرسىمان پولات لىملىق قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى تاشيول قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك، شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى تاشيول قوش مۇنار قوش سېلىندىرسىمان پولات لىملىق قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ. كەڭساي كۆۋرۈكىدە قاتناش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇزۇن مۇددەت كەڭساي تاشيولىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان يول بۆلىكىنىڭ تەبىئىي توسۇقى راۋانلاشتى ھەمدە بۇ شىنجاڭنىڭ تاشيول تەرەققىياتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشنىڭ كارتىنىسى بولۇپ قالدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تاشيول قاتناش ئىشلىرىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندا، شىنجاڭدا پەقەت 3361 كىلومېتىر ئاددىي تاشيول بار ئىدى. 1979- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە قاتناش باشلانغان تاشيول مۇساپىسى 23 مىڭ 818 كىلومېتىرغا يەتتى. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تاشيول قاتناش ئومۇمىي مۇساپىسى 189 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 4800 كىلومېتىردىن ئاشتى؛ 105 ناھىيە، شەھەر، رايوننىڭ 72سىگە يۇقىرى سۈرئەتلىك (1- دەرىجىلىك) تاشيول، 103ىگە 2- دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى تاشيول تۇتاشتۇرۇلدى؛ يېزا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 128 مىڭ 700 كىلومېتىرغا يېتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا تاشيوللىرىنىڭ يېزا (بازار) لارغا تۇتىشىش نىسبىتى %100كە يەتتى.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يىل 7- ئاينىڭ 31- كۈنى، قەشقەر (يېڭىشەھەر ناھىيەسى) - قاغىلىق - قاراقاش يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ 2- قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشتى، بۇ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايون ئەۋزەللىك بايلىقىنى ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

   ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولغان 70 يىل. بۈگۈنكى شىنجاڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان تاشيولنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىستېرېئولۇق قاتناش تورىغا تايىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشماقتا.

1960- يىلى 11- ئاي، كەڭساي تاشيولىنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى ئىشچىلىرى تىك ياردا تاشيول ياسىماقتا. ئىمىن گايىت فوتوسى

1957– يىلى، شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى، بۇ تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1200 كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭ قاغىلىق ناھىيەسىدىن گېداكېغىچە بارىدۇ. جاۋ چى فوتوسى

2017- يىلى 10- ئايدا، جۇڭگو، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ئۈچ دۆلەت تۇنجى قېتىم خەلقئارا تاشيول پۈتۈن مۇساپىلىك تىرانسپورتىنى ئىشقا ئاشۇردى. ليۇ جۈن فوتوسى

80- يىللاردىكى تۇرپان ئويمانلىقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان چۆل- باياۋان تاشيولى. سۇڭ شىجىڭ فوتوسى

80- يىللار، پامىر ئېگىزلىكىدىن ھالقىپ ئۆتكەن جۇڭگو-پاكىستان تاشيولى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى. سۇڭ شىجىڭ فوتوسى

90- يىللاردىكى ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى. سۇڭ جۈن فوتوسى

80-يىللاردىكى تىيانشان تاشيولى قاردىن مۇداپىئەلىنىش كارىدورى. سۇڭ شىجىڭ فوتوسى

90- يىللاردىكى تەكلىماكان قۇملۇق تاشيولى. سۇڭ شىجىڭ فوتوسى

90- يىللاردىكى تەكلىماكان قۇملۇق تاشيولى. سۇڭ شىجىڭ فوتوسى

2014- يىلى 7- ئاينىڭ 21ـ كۈنى، قاراماي ـ چۆچەك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى. (شىنجاڭ رەسىملەر توپلىمى تەمىنلىگەن)

  

2014- يىلى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئاقسۇدىن قەشقەر بۆلىكىگىچە بولغان تاشيول ئاقسۇ، ئاتۇش، قەشقەر قاتارلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ مۇھىم جاينى تۇتاشتۇرىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھېسابلىنىدۇ. ليۇ جۈن فوتوسى  

  2011- يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى، كەڭساي كۆۋرۈكىدە رەسمىي قاتناش باشلاندى. كەڭساي قوش مۇنار قوش سېلىندىرسىمان پولات لىملىق قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈكى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تاشيولىدىكى تۇنجى قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك، شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى تاشيول قوش مۇنار قوش سېلىندىرسىمان پولات لىملىق قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ. (شىنجاڭ رەسىملەر توپلىمى تەمىنلىگەن)

   2011-يىلى 3- ئاينىڭ 9-كۈنى، تەۋەككۈل ئاسراش پونكىتىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئارال-خوتەن قۇملۇق تاشيولىنىڭ ئۆلكە يولى 210 لىنىيەسىدە يول ياقىسىنى تۈزلەپ، ئورەكلەرنى رېمونت قىلماقتا. (شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمى تەمىنلىگەن)

 ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خۇڭسەن ئېتىكىدىن ئۆتكەن ئەگرى-بۈگرى ساي يولى. (2010- يىلى 7- ئايدا تارتىلغان) سۇڭ جۈن فوتوسى

   بوشلۇقتىن نەزەر تاشلىغاندىكى چۆل بوستانلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى. سۇڭ جۈن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچى: خەلققە قولايلىق بازار ئېچىلدى ئاھالىلەر كۆڭۈلدىكىدەك مال سېتىۋالدى
  • شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا تىجارەت باشلاندى!
  • «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى قوزغىتىلدى